بىزنىڭ ئىقتىسادى ئېڭىمىز

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش ، راس گەپ باھا:6

ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺳﺎﭘﺎﻏﺎ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﯞﻩﺳﻜﺎﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ- ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻫﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻏﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯩﭙﻼﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﭼﻮﯕﺎﻳﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻥ- ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺝ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﺗﻜﻪﺳﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ، ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﻫﻪﻗﻘﻰ، ﻗﻪﻟﻪﻡ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻫﺎﻝ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻧﺎﻣﺴﯩﺰ «ﺭﻩﻗﯩﺐ» ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﻛﯚﺯ ﺑﻮﻳﺎﻣﭽﻰ، ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﺭﺍ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﺪﻯ.

ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ . ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ، ﺋﻮﺑﻮﺭﻭﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ، ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ . ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ، ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻨﯧﻤﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ . ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯚﺕ ﺗﺎﻝ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻻ- ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ ﻛﯚﺭﻩﯕﻠﻪﭖ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭘﯘﻟﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﺑﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺳﺎﻻﭘﻪﺕ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﭼﺎﻛﯩﻨﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﯚﺯﻯ ﻗﯩﻴﻤﺎﻳﺪﯗ-ﻳﯘ، ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﺳﯚﻟﻪﺗﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﺳﻮﻣﻠﯘﻕ ﻫﺎﺭﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﺪﺍﻳﺪﯗ. ﻫﻪﺗﺘﺎﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ «ﺑﺎﻱ»ﻻﺭ ﭼﺎﻛﯩﻨﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻭﺳﺖ- ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ 100 ﺳﻮﻣﻠﯘﻕ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ- ﻛﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ «ﺑﺎﻱ»ﻻﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﻮﻕ. ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﯩﻨﺎﯞﻩﺕ- ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻩﻗﻪﻣﻠﻪﺭﻧﯩﻼ ﺗﯘﻧﯘﻳﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﯩﻼ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﯩﻐﯩﻼ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭽﻨﻪﺭﺳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ «ﮔﺎﺩﺍﻱ»ﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻱ، ﺋﯚﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﻫﺎﺟﻰ، ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﺎﻛﺎ- ﺋﯘﻛﺎ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻨﺒﺎﻱ، ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻧﺒﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻳﺎﺷﺎﭖ، ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻻﻟﯩﺪﻯ؟ ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﻳﻮﻗﻤﯩﺪﻯ؟ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﯞﻩ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯜﮔﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻣﯚﻫﯜﺭ ﺋﯩﺰﯨﺪﻩﻙ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻧﺪﻯ. ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﻰ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﺗﺎﻱ ﻫﺎﺟﯩﻢ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﺩﯨﻞ ﺋﺎﺑﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ، ﻫﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﺴﯩﺰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ، ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺋﯧﯖﻰ ﻳﻮﻕ . ﺋﯘ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ . ﭘﯘﻟﻐﺎ ﻫﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﺭﺍﻳﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ، ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ، ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﺰ «ﺋﺎﺩﻩﻡ»ﻟﻪﺭﻧﻰ، ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺕ- ﺗﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺭﻧﻰ… ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ- ﺋﯩﺨﻼﺳﻨﻰ ، ﭼﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻨﻰ ، ﻣﯧﻬﯩﺮ- ﯞﺍﭘﺎﻧﻰ ، ﭘﺎﻙ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻨﻰ ، ﺟﺎﻥ- ﺟﯩﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻫﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ، ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟ ! ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻼﺭ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ، ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ، ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﻡ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯ ، ﺧﺎﻻﺱ .

ﺗﯧﮕﻰ ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ- ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ، ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﯞﻩ ﭼﺎﺗﻤﺎ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ . ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ- ﺩﻩ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺟﯧﯖﯩﮕﻪ ﺩﺍﺩﯨﻞ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﯩﻼﺷﻘﺎ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ . ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﻰ ، ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ .

ﺑﯩﺰﺩﻩ : «ﺋﯧﻐﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﺯﺍﻱ ﺋﯘﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻫﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺑﯘ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ «ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ» ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﻟﻪﯕﮕﯩﺴﻰ . ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻏﺎﻳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﭼﺎﺗﻤﺎ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺑﺎﻳﻼﺭ ﺑﺎﺭ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﺘﯩﭗ ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﻤﻪﻛﺘﻪ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﻠﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯚﻟﻪﻳﻠﻰ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﯧﭻ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﭘﯘﻟﻤﯘ ﻫﯧﭻ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﻮﻳﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯚﻛﯜﻟﺴﻪ ﻗﻮﻧﭽﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺶ.

ﺑﯩﺰ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ، ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﯘﻟﯩﻤﯩﺰ ، ﺑﯩﺰﺩﻩ «ﻗﻮﻟﯘﯓ ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎﯕﻐﺎ ﺳﯜﺭﻛﻪ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭﻏﯘ ؟! ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺴﺎ ، ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺴﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺑﯩﺰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﻩﺭﻣﻪﻱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰ . ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻝ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ .

ماتىريالدىن
باي دادام تور خاتىرىسى

2011.05.4 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.05.5
10:06
1-قەۋەت: «ھەيرانمەن» مۇنداق دېدى:

ئاپتۇرنىڭ قەلەم كۈچى ھەم بىز نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ غىل-پال ئويلاپ ئۈتۈپ كەتكەن ئەمما ئۆزئارا دىيشەلمىگەن گەپلەرنى ياخشى ئىپادىلەپ يازغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر.مەن كۈرىدىغان شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىدا دائىم سۆھبەتكە ۋەمۇلاھىزىگە تەكىلىپ قىلىنىپ كىلىنىۋاتقان ،مەن ھەم ئۆزۈممۇ ئۇ كىشىنىڭ گەپ سۆزلىرىگە چۇقىنىدىغان بىر كىشى بار ئىدى،بەلكىم باشقىلارمۇ دىققەن قىلغان بۇلىشى مۇمكىن، بۇ مۇلازىزىگە قارىسام خۇددى شۇ كىشى ئۆزى يازغاندەكلا قىلىدۇ،ھە ئەمدى نەق گەپنى قىلسام بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇبىزنىڭ نەزىرىمزىدىكى پۇل تاپقانلار خېلىلا كۆپ،بىراق ئاپتۇرنىڭ دىگىندەك ياخشى ئىشلارنىڭ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەر يەنىلا كۆپ ،ناھايىتى شۇ ھەممە جامائەتچىلىككە تۇنۇلۇپ بۇلالمىغان بۇلىشى مۇمكىن ،شۇنداقلا ياخشى ئىش قىلىپ تۇنۇلغانغا قارىغاندا يامان ئىش قىلغان ئادەمنىڭ تۇنۇلىشى بەكلا تىز ھەم دائىرىسى كەڭرى،شۇنداق بولغاچقا،ھازىر جەمىيىتىمىزدە پۇل تاپقانلار ئاسان بۇزۇلۇپ كىتىدۇ دەيدىغان خائىش بەك ئېغىر، ئاياللار ئېرىنىڭ بەك پۇل تىپىپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغانلار،پۇل تىپىشنى ئۈمۈت قىلمايدىغانلاردىن كۆپ،چۈنكى بايا دىگەندەك سەۋەبلەردىن ئەلۋەتتە،شۇنداق بولغاچقا ئېرى ياكى ئايالى بىرەر ئىش قىلىپ پۇل تاپاي دىسە گەرچە ئېرىنىڭ شۇ ئىشلارنىڭ قىلىپ پۇل تېپىشىغا كۆزى يەتسىمۇ بىراق ،ھېلىقىدەك خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە،ئېرىنى تۇسىدۇ،ۋە مانا تۇرمۇشىمىزمۇ بەك غۇربەتچىلىكتەئەمەسقۇ ،تۇرمۇشىمىز مۇشۇنچىلىك كۈن ئىچىدە ئۆتسە بۇلىدۇ،پەقەت خاتىرجەمچىلىك بولسىلا بولدى دەيدۇ دە، كىينكى ئىشلارنى ئەسلا ئويلاشنى خالىمايدۇ،مەن دەيمەنكى ئاياللار ئەرلىرىمزىگە ئىشەنسەك،ئەرلىرىمزمۇ ئاياللىرىمزىغا ئىشىنەيلى،ئادەم پۇل تىپىپ قانچىلىك ئۆزگەرسىمۇ شۇ كىشىدەمىنىڭچە بۇرۇنقى غۇرۇر ۋە بۇرۇنىقى كۈنلەر مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ،ئات ھامان ئايلىنىپ ئوقۇرۇىنى تاپىدۇ،ھەممىمىزقۇدرىتىمىز يەتسە پۇل تاپايلى،بىزلەر بەكلا نامرات،قۇرۇق ئىلتىپاتلار ۋەقۇرۇق قىممىتى يوق ئۈستەل ئالدىدا تۇرغاندىن پۇل تاپقان ئەۋزەلراق.گەپلىرىمىنىڭ تىمىدىن يىراقلاپ كەتكەن ۋەياكى ئۇرۇنسىز يەرلىرىگە تەنقىدى تەربىيە بېرىشڭىلارنىڭ ئۈمۈت قىلىمەن.

2011.05.5
10:15
2-قەۋەت: «ھەيرانمەن» مۇنداق دېدى:

ئاپتۇرنىڭ قەلەم كۈچى ھەم بىز نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ غىل-پال ئويلاپ ئۈتۈپ كەتكەن ئەمما ئۆزئارا دىيشەلمىگەن گەپلەرنى ياخشى ئىپادىلەپ يازغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر.مەن كۈرىدىغان شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىدا دائىم سۆھبەتكە ۋەمۇلاھىزىگە تەكىلىپ قىلىنىپ كىلىنىۋاتقان بىر كىشى بار ،مەن ھەم ئۆزۈممۇ ئۇ كىشىنىڭ گەپ سۆزلىرىگە چۇقىنىمەن،بەلكىم باشقىلارمۇ دىققەن قىلغان بۇلىشى مۇمكىن، بۇ مۇلازىزىگە قارىسام خۇددى شۇ كىشى ئۆزى يازغاندەكلا قىلىدۇ،ھە ئەمدى نەق گەپنى قىلسام بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇبىزنىڭ نەزىرىمزىدىكى پۇل تاپقانلار خېلىلا كۆپ،بىراق ئاپتۇرنىڭ دىگىندەك ياخشى ئىشلارنىڭ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلەرمۇ كۆپ ،ناھايىتى شۇ ھەممە جامائەتچىلىككە تۇنۇلۇپ بۇلالمىغان بۇلىشى مۇمكىن ،چۈنكى ياخشى ئىش قىلىپ تۇنۇلغانغا قارىغاندا يامان ئىش قىلغان ئادەمنىڭ تۇنۇلىشى بەكلا تىز ھەم دائىرىسى كەڭرى،شۇنداق بولغاچقا،ھازىر جەمىيىتىمىزدە پۇل تاپقانلار ئاسان بۇزۇلۇپ كىتىدۇ دەيدىغان خائىش بەك ئېغىر، ئاياللار ئېرىنىڭ بەك پۇل تىپىپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلمايدىغانلارغا قارىغاندا،پۇل تىپىشنى ئۈمۈت قىلىد ىغانلارئاز،بۇ بايا دىگەندەك سەۋەبلەردىن ئەلۋەتتە،شۇنداق بولغاچقا ئېرى ياكى ئايالى بىرەر ئىش قىلىپ پۇل تاپاي دىسە گەرچە ئېرىنىڭ شۇ ئىشلارنىڭ قىلىپ پۇل تېپىشىغا كۆزى يەتسىمۇ بىراق ،ھېلىقىدەك خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە،ئېرىنى تۇسىدۇ،ۋە مانا تۇرمۇشىمىزمۇ بەك غۇربەتچىلىكتەئەمەسقۇ ،تۇرمۇشىمىز مۇشۇنچىلىك كۈن ئىچىدە ئۆتسە بۇلىدۇ،پەقەت خاتىرجەمچىلىك بولسىلا بولدى دەيدۇ دە، كىينكى ئىشلارنى ئەسلا ئويلاشنى خالىمايدۇ،مەن دەيمەنكى ئاياللار ئەرلىرىمزىگە ئىشەنسەك،ئەرلىرىمزمۇ ئاياللىرىمزىغا ئىشىنەيلى،ئادەم پۇل تىپىپ قانچىلىك ئۆزگەرسىمۇ شۇ كىشىدەمىنىڭچە بۇرۇنقى غۇرۇر ۋە بۇرۇنىقى كۈنلەر مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ،ئات ھامان ئايلىنىپ ئوقۇرۇىنى تاپىدۇ،ھەممىمىزقۇدرىتىمىز يەتسە پۇل تاپايلى،بىزلەر بەكلا نامرات،قۇرۇق ئىلتىپاتلار ۋەقۇرۇق قىممىتى يوق ئۈستەل ئالدىدا تۇرغاندىن پۇل تاپقان ئەۋزەلراق.گەپلىرىمىنىڭ تىمىدىن يىراقلاپ كەتكەن ۋەياكى ئۇرۇنسىز يەرلىرىگە تەنقىدى تەربىيە بېرىشڭىلارنىڭ ئۈمۈت قىلىمەن.(قايتا تۈزۈتۈپ يېزىلغىنى)

2011.05.5
16:50
3-قەۋەت: «ئەزھەر» مۇنداق دېدى:

ناھايىتى ياحشى تىمىدىن بىرىنى يۇللاپلاپسىز.

2011.05.8
16:29
4-قەۋەت: «xqrooskf» مۇنداق دېدى:

tdkZFq ihvlghkhnzby, [url=http://fgfluvkismeh.com/]fgfluvkismeh[/url], [link=http://zailoafjxgqf.com/]zailoafjxgqf[/link], http://caaidwmmftcv.com/

2011.05.8
21:07
5-قەۋەت: «auto ru» مۇنداق دېدى:

Nice topic – respect !

2011.05.8
23:39
6-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

سىز تىلغا ئالغان كىشى بەلكىم سۇلايمان مۇئەللىم بۇلىشى مۇمكىن ، شۇ كىشى شىنجاڭ تىلىۋىزىيەسىنى تەكلىپلىك مۇلاھىزىچىسى ، ھەم مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم .
لىكىن بۇ ماقالە شۇ كىشىنىڭمۇ ياكى ئەمەسمۇ مەن تازا بىر نىمە دىيەلمەيمەن ، بۇنى مەن ئالدىنقى يىللاردا تور تاقىلىش ئالدىدا كومپىيوتىرىمغا ساقلىۋاپتىكەنمەن ، قازىسام قىممىتى باركەن شۇڭا يوللاپ قويدۇم .
ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك راس سىز دىگەندەك بىزدە قوللاش ۋە ئىشەنچ بەك ئاجىز ، شۇنداق بولغاچقا نەتىجىمۇ ئاز ، لىكىن مەن شۇنىڭغا ئۈمۈتۋاركى بۇ ئىشلار بارغانچە ئازلاپ بارىدۇ ۋە تۈگەيدۇ، ھېلى ھەم بۇرۇنقى چاغلاردىكىدىن كۆپ ياخشى بۇلۇپ كەتتى ، ئىددىيەلەر بارغانچە يېڭىلىنىپ ياخشىلىنىپ بارماقتا ،بۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىز كۈچلۈك بۇلغۇسى ! بىزلەرنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە بۇرچىمىز شۇكى ئۆزئارا ئىشەنچ قوللاشلار ئۈچۈن،ھەمدە بىز كۈتكەن ئارزۇلارنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ خىزمەت قىلىشتۇر .
قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا ! قەدەملىرىڭىز ۋە مۇلاھىزە تەكلىپلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup