مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىگەندە دىيىشكە بولمايدىغان 10جۈملە سۆز .
باي دادام
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
ئىگىلىك تىكلەش تۈرىڭىز ئىنتايىن ياخشى لىكىن پۇلىڭىز يوق . بۇنداق شارائىتتا مەبلەغ سالغۇچى تېپىپ تۈر ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش ئىنتايىن ياخشى بىر ئامال .
لىكىن نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەبلەغ سالغۇچى تاپىدۇ،مەبلىغىگە ئىرىشەلمەيدۇ ياكى ئىرىشىشتە بەغلۇپ بۇلىدۇ . بۇنىمە ئۈچۈن ……………………………………؟
ئىشنى بۇزىدىغان 10 جۈملە سۆز .
1 جۈملە سۆز : بۇ ئىجادىيىتىم ئىنتايىن ياخشى، بۇنىڭدىن ئىككىنچى بىر خىلى يوق .
2 جۈملە سۆز : مىنىڭ بۇ خىل تىجارەت ئەندىزەم مۇۋاپىقىيەت قازىنىپلا كەلگەن ئەندىزە ، مەنمۇ چۇقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنىمەن .
3 جۈملە سۆز : جوڭگونىڭ بازىرى ئىنتايىن چوڭ، ھەر بىر كىشى مەھسۇلاتىمدىن بىر تالدىن سېتىۋالسىمۇ يېتەرلىك پۇل تاپالايمەن .
4 جۈملە سۆز : مىنىڭ تىجارەت ئەندىزەمدە ئىستىمالچى پۇل تۆلەپ مەھسۇلات سىتىۋالمىسىمۇ بۇلىدۇ، پەقەت ئېلان پۇلىنى تۆلىسىلا مەھسۇلاتقا ئىرىشىدۇ .
5 جۈملە سۆز : پەقەت مەبلەغنى تەمىنلىسىڭىزلا ، مىنىڭ ئەترىتىم شۇ ھامان ئۆز ئورنىغا بېرىپ ھەركەتكە كىلىدۇ .
6 جۈملە سۆز : مەيلى قانداق ئۇرۇن ياكى قانداق تىجارەتچى بولسۇن مەن ھەممىنى توغرىلىيالايمەن .
7 جۈملە سۆز : دەسلەپكى ئۈچ يىلدا زىيان تارتساقمۇ مەيلى تۆتىنچى يىلى يەتكۈچە پۇل تېپىۋالىمىز .
8 جۈملە سۆز : باشقىلار تۈرىگە 30 مىليۇن مەبلەغ جۇغلاپتۇ ، مىنىڭ تېخنىكام ئىلغار تېخنىكا ماڭا 50 مىليۇن مەبلەغ كېرەك .
9 جۈملە سۆز : ئالدى بېلەن 6 مىلىيۇن مەبلەغ سالىمەن يىل ئاخرىدا 20 مىليۇن ، كېلەر يىلى پايچىكىمىز بازارغا كىرىدۇ .
10 جۈملە سۆز : مەبلىغىڭلارغا ئىنتايىن قىززىقىمەن ، سالساڭلار تېزراق سېلىڭلار .
يۇقىردىكى 10 جۈملە سۆز مەبلەغ سالغۇچى ئىزدىگەن ۋاقىتتا دىيىلىدىغان گەپلەر ئەمەس ، دوستۇم ئېھتىيات قىلىڭ . ئىگىلىك تىكلەش سەپىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.net
23:03
مەھەلىڭىزدا ياخشى تىمىلار كۆپ ئىكەن ، بۇندىن كىيىن پات-پات كىلىپ مىھمان بۇلۇپ تۇرىمەن ،
بىلوگىڭىزنى ئۇلۇنىشقا قىتىپ قويدۇم ، مەھەلىڭىزدىن بىزگە ئورۇن بارمىدۇ ؟