پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى (ئىقتىساد ئۆگىنىش)
ئالدىنقى يازما ‹‹قىممەتكە يارىمايدىغان ئارقا كۈرۈنۈش –پۇل پاخاللىقى›› نىڭ داۋامى :
پۇل پاخاللىقىنىڭ سەۋەپلىرى ئىنتايىن كۆپ ھەم مۇرەككەپ ، مەسىلەن : مال باھا كۆرسەتكۈچىسى يۇقىرى بۇلۇپ كىتىش ، ئىقتىساد قىززىپ كەتكەن ، يېتەكچى تاۋارلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بۇلۇش ،سىياسى ئامىل قاتارلىق ئامىللار . بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن بۇ سەۋەپلىرى توغرىلىق ئۇنچە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق . ئەڭ مۇھىمى بېسىمنى ۋە زىياننى ئازايتىش ھېساپلىنىدۇ .
ماكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەشكە پۇخرالار ئامالسىز . ئاساسلىقى ھۆكىمەتنىڭ تەڭشىشىگە ، مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى سىياسەتلەر ۋە تەدبىرلەرگە تايىنىپ كونتۇرۇل قىلىندۇ .
مەسىلەن : ئامانەت قەرز ئۈسۈم نىسبىتىنى ئۆستۇرۇش ، پۇل مۇئامىلە ئۇرۇنلىرىنىڭ ئامانەت قەرز تەييارلىق فوندىنى ئۆستۈرۈش ، پۇل سىياسىتىنى قاتتىقلاشتۇرۇش ، باھا توختىتىپ تەڭشەش پەرمانى چۈشۈرۈش ، تاۋار باھا كۆپتۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ، قاتارلىق ئۇسۇللار بېلەن كونتۇرۇل قىلىندۇ .
مىكرو جەھەتتىن ئىيتقاندا پۇخرالار ئۆزلىرىمۇ پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئىستەيدۇ . ئۇلار ئالدى بېلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ كۆپرەك پۇل تېپىش ، چىقىمنى ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىدۇ . ئاندىن قالسا ھەرخىل مالىيە مەبلەغ سېلىش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ، پۇل پاخاللىقىنىڭ مال مۈلۈككە زىيان ئېلىپ كىلىشنى تۇسۇشنى ئىستەيدۇ . لىكىن ئوخشاش بولمىغان پۇل پاخاللىقىغا قارتا ئوخشاش بولمىغان مالىيە مەبلەغ سېلىش يۇلىنى تاللاش كېرەك.
%5-%2 پىرسەنتكىچە بولغان مۆتىدىل پۇل پاخاللىقى مەزگىلى ئىقتىسادنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئۈسۈم نىسبىتى تېخى ئۆسمىگەن ئىقتىساد گۈللەنگەن مەزگىل . بۇ ۋاقىتتا ئازىراق پۇل پاخاللىقى بولسىمۇلىكىن ھەرگىز كۆپ مىقتاردا ئالتۇن ۋە قىممەتلىك بۇيۇم سېتىۋالماسلىق كېرەك . بەلكى ئاشۇ مەبلەغنى ئىمكان قەدەر كېرەكلىك ئۇرۇنلىرىغا ئىشلىتىپ ، ئىقتىساد ئېشىشنىڭ مېۋىسىدىن تەڭ بەھىرلىنىش كېرەك . ئەڭ مۇۋاپىق ئامال بازارغا مەبلەغ سېلىش . بۇ ۋاقىتتا مەيلى پايچەك بازىرى ، مەيلى ئۆي مۈلۈك بازىرى ، ياكى كەسپى ئىشلار بولسۇن ھەممىسىگە مەبلەغ سالسا توغرا بۇلىدۇ . باشقىچىرەك ئېيتقاندا بۇ ۋاقىتتا ئېلىشقا بولمايدىغىنى زايۇم بۇلۇپمۇ ئۇزاق مەزگىللىك زايۇم . لىكىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى قولدىكى مۈلۈكنى ساقلاپ قېلىش كېرەك . شۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزى بىر پايدا . ھەرگىز يىنىكلىك بېلەن سېتىۋاتماسلىق كېرەك ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ پايدا تېخى ئالدىدا .
پۇل پاخاللىق نىسبىتى %5-%10 پىرسەنتكىچە بولغان سەۋىيەدە بولغاندا ، بۇۋاقىت ئىقتىسادنىڭ گۈللەنگەن ۋاقتى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ . پاي چېكى بازىرى ۋە ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقتى ، بۇ ۋاقىتتا ھۆكىمەت بىر قىسىم تەڭشەش ۋاستىلىرى ئارقىلىق بازارنىڭ قىززىپ كىتىشىنى تۇسىدۇ .
ئاقىلەنە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن بۇ پاي بازىرىدىن ئايرىلىدىغان ياخشى پەيت ، ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ۋاقىتتا چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك . يۇقارقىدىن ئازىراقلا يۇقىرلىغان پۇل پاخاللىقى شارائىتىدا ئىقتىساد تېخىمۇ بەك قىززىپ كىتىدۇ ، ھۆكىمەت بىر قاتار تەڭشەش تەدبىر ، سىياسەتلىرىنى چىقىرىدۇ . ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە قايتىش پۇرسەتلىرى چوڭ بولمايدۇ ، شۇنىڭغا ئۇلىنىپلا ئىقتىسادتا چىكىنىش كۈرۈلىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ ۋاقىتتا پايچىكى بازىرىدىن چىكىنىپ چىقىش كېرەك .
ئۆي مۈلۈك ھەقىقى ماددى مۈلۈك بولغانلىقتىن بۇنىڭدا مەسىلە كۈرۈلمەيدۇ ، ھەتتا ئۇنى پۇل پاخاللىقىغا قارشى ئۈنۈملۈك قورال دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ . لىكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، ھەرگىز قەرز ئېلىپ ئۆي سېلىشقا بولمايدۇ ، چۈنكى مالىيە تەننەرخى ئىنتايىن چوڭ بولغان بۇ ئۆي مۈلۈك ساھەسىگە مەبلاغ سېلىشقىمۇ بولمايدۇ ، ئەگەر سېلىپ بولغان مەبلەغ بولسا ئاخىرغىچە چىداش كېرەك . چۈنكى ئىقتىساد چىكىنىش دەۋرىدە ئۆي مۈلۈك ساھەسى كۈچكۈك تەسىرگە ئۇچرايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئۈسۈم ئەڭ بەك يۇقىرلىغان بۇلىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم پايدىغا مەبلەغ سېلىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ .
مەسىلەن : ئۇزاق مەزگىللىك دۆلەت زايۇمى ، لىكىن كارخانا زايۇمىدىن ئىھتىيات قىلىش كېرەك ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارى ، ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشىگە قاراپ ئاجىزلاپ بارىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۇغۇرتىدىن ئامانەت شەكىللىك سۇغۇرتىنى كۆپرەك ئېلىپ قۇيۇش كېرەك .
يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەندە ، ئەڭ ياخشىسى مال مۈلۈكنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەنە بىرخىل پۇلغا ئايلاندۇرۇپ ئۇ دۆلەتتىن چىقىپ كىتىش كېرەك . بۇ ۋاقىتتا ھەرقانداق پۇل مۇئامىلە مۈلكى ھەممىسى ئەخلەتكە ئايلانغان بۇلىدۇ . ھەتتا كاخانا ، ئۆي مۈلۈك ھىچقايسىسىنى ئالماسلىق كېرەك چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھەرقانداق ئىقتىساد ئۇزاق مەزگىللىك كاساتلىققا پېتىپ قالىدۇ .
پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
2011.03.1 ئاپتور: باي دادام
مۇشۇنداق ئىلھاملىرىڭىز توختىمىسىلا بىز داۋاملىق تىرىشىمىز .
‹‹ يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەندە ، ئەڭ ياخشىسى مال مۈلۈكنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەنە بىرخىل پۇلغا ئايلاندۇرۇپ ئۇ دۆلەتتىن چىقىپ كىتىش كېرەك . بۇ ۋاقىتتا ھەرقانداق پۇل مۇئامىلە مۈلكى ھەممىسى ئەخلەتكە ئايلانغان بۇلىدۇ . ھەتتا كاخانا ، ئۆي مۈلۈك ھىچقايسىسىنى ئالماسلىق كېرەك چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھەرقانداق ئىقتىساد ئۇزاق مەزگىللىك كاساتلىققا پېتىپ قالىدۇ . ››
ئەگەر چەتئەلگە چىقىپ كىتىش ئىمكانىيىتى بولمىسىچۇ ؟ %10 پۇل پاخاللىقى دەۋرىدە ئالتۇن سىتىۋىلىش ئارقىلىق قىممەتنى ساقلاپ قالسا، سىزنىڭچە بۇنىڭ ئۈنۈمى بولارمۇ ؟
مىنڭچە %10 لىك مەزگىلدە سالغان مەبلەغلەرنى ۋەزىيەتنى كۈزەتكەن ئاساستا ياندۇرۇپ چىقىرىپ سىز دىگەندەك قىممەتنى ساقلايدىغان بۇيىملاردىن سېتىۋالسا بۇلىدۇ ، بۇ ۋاقىت بىز بايا يازمىمىزدا دىگەندەك ئىقتىسادنىڭ قىززىشقا قاراپ ماڭغان ۋاقتى بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتنى ئىگەنلەش بەك مۇھىم .
نىمىشقا بىزدەك ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇچۇن پۇل پاخاللىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئاماللارنى چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ ئۆگىنىشنىڭ ھاجىتى يوق؟
چۇنكى بىز پۇل پاخاللىقىئالدىدا مىكرو ئوبىكىت ، چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش نەتىجىسى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدىكى ماكرو سىياسەتلەر بېلەن نەتىجىلىنىپ ھەل قىلىش يۇلىغا كىرىدۇ ، بۇلار ھۆكىمەت ۋەئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئىشى !
سىلەرنىڭچە ھازىر ئىقتىساد پۇل پاخاللىق نىسبىتى قانچە پىرسەنت ئاشقاندۇ
13:16
پۇل پاخاللىقى توغرىسىدا ياخشى بىلىملەرگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.