22 نوقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى

سەھپە: ئۇنىۋېرسال باھا:0

22 نوقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى

بۇ خەۋەرنى تىلىۋۇزۇردىن ئاڭلىغاندىن كىيىن شۇنداق بىر قىززىقىش بولدى ،ئەل ئۈچۈن قىلماقچى بولغان بۇ ياخشىلىقلاردىن زور ئىلھام ئۈمۈتلەرگە تولغان ئىدىم . لىكىن بۈگۈن توردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم ، قارىغاندا تورغا تېخى چىقىرىلمىغان ئوخشايدۇ ، شۇ ۋەجىدە دوسلارغا كۈرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس يوللاپ قويدۇم .ئارزۇيۇم ئەل ئۈچۈن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىسىكەن.

ئاپتۇنۇم رايۇن بۇ يىل 22 نوقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ ، زور بۈسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرۈشنى قارار قىلدى .

1. خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى :
300 مىڭ ئائىلىلىك خەلىقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئۇرۇندىلىدۇ ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى پىرىنسىپ جەھەتتە 80 كۇۋادىرات مىتىردىن كىچىك بولمايدۇ .

2.چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى :
20 مىڭ ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىدۇ ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى پىرىنسىپ جەھەتتە 80 كۇۋادىرات مىتىردىن ، قوتان كۆلىمى پىرىنسىپ جەھەتتە 80 كۇۋادىرات مىتىردىن كەم بولمايدۇ ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن 27 غول سۇ مەنبە قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلايدۇ .

3. ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى :
‹‹ئىشقا ئۇرۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر›› نى 24 سائەت ئىچىدە تۈگىتىش نەتىجىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئاساسىدا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئېشىپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئاساسەن ھەل قىلىنىدۇ .

4.تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى قۇرۇلۇشى :
تۈلۈك كاپالەتلىك تۇرالغۇلاردىن 340مىڭ يۈرۈش سېلىندۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سېلىندىغان ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي 74 مىڭ يۈرۈش .

5.يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى :
شەھەر يېزىلاردىكى مۇھىم ئىمارەتلەر ، مەكتەپ ، دوختۇرخانا ، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىقلار يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ .

6.شەھەر يېزىلارنىڭ ئىجدىمائى كاپالەت سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى :
شەھەر يېزىلاردىكى 1مىليۇن 160مىڭ تۆۋەن كاپالەت ئوبىكىتلىرىنى ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تىگىشلىكلىرىنى تۇلۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ .يېڭىچە ئىجدىمائى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى %80 تىن ئارتۇق ناھىيە شەھەرلەردە سىناق قىلىنىدۇ .

7. يولنى راۋانلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى :
745 يېزا تاش يۇلى ، 50 كۆۋرۇك ۋە خەتەرلىك كۆۋرۈك ئۆزگەرتىپ ياسىلىدۇ .

8.ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى :
1مىليۇن 200مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىشى ،توكى يەتكۈزۈلمىگەن 90مىڭ ئادەمنىڭ توك ئىشلىتىشى ھەل قىلىندۇ . 12 شەھەر 455 مىڭ ئاھالىنىڭ تەبىئى گاز تەمىنلىشى ، 120مىڭ پاكىزە ھاجەتخانا ، 1800 تەبىئى كەنتكە تېلىفۇن ،600مەمۇرى كەنتكە كەڭ بەلباغلىق توريەتكۈزۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ .

9. دىھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى :
يېزا ئىگىلىك ئونۋېرسال تۇلۇقلىمىسى 1مىلىيارت 490 مىليۇنگە يەتكۈزىلىدۇ .

10. ئېچىش- يۆلەش ۋە چىگرا رايۇننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى :
ئېچىش يۆلەش خىزمىتىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ ، نامرات ئاھالىدىن 250 مىڭى ئازايتىلىدۇ .

11.ئاساسى داۋالاش ، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سەۋىيىسى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى:
ييزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمى ۋە ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بىرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلىىنىڭ ئۆلچىمى 120يۇەندىن 200يۇەنگە ،ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش سوممىسى 50مىڭ يۇەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ ؛

12.ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ياردەم قىلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش قۇرۇلۇشى :
نامرات ئائىلىلەردىن تۇغما يۈرەك كېسىلى بار بالىلاردىن 1154 بالا داۋالىنىدۇ . كۆزىگە ئاق چۈشكەن 3000ئاغرىق داۋالىنىدۇ قاتارلىقلار .

13.كۈتۈنۈش ،ياشانغانلار مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشى :
يېزىلاردا بىر تۈكۈم ياشانغانلار ساناتۇرىيەسى قۇرۇلىدۇ ، 80 ياشتىن ئاشقانلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ.

14.مائارىپقا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى:
ئائىلە قىيىنچىلىقى بار 270مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بىرىلىدۇ .

15.ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپ قۇرۇلۇشى :
1558قوش تىللىق يەسلى داۋاملىق قۇرىلىدۇ ، 2237يەسلى قۇرلۇشى ئاسەسەن تاماملىنىپ ، 43مىڭ 800 بالا يەسلىگە يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنىدۇ . ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ئۈچۈن تاماق ۋە دەرىسلىك تۇلۇقلىمىسى بىرىلىدۇ .

16.كەسپى مائارىپقا ياردەم بىرىش قۇرۇلۇشى :
كەسپى مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان 90 مىڭدىن كۆپرەك پەرزەنتنىڭ ياتاق ھەققى ۋە تاماق ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ .

17. خەلقنى پەن تېخنىكا ئارقىلىق بېيىتىش قۇرۇلۇشى :
يېزىلاردا پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ھەركىتى يولغا قۇيۇلىدۇ .

18.شەھەر يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى :
ھەر دەرىجىلىك كۈتۈپخانا ، ئاممىۋى موزىي ، مەدەنىيەت يۇرتى ،خاتىرە سارايلار ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدۇ .

19.ناھىيە يېزىلارنىڭ تەنھەرىكەت ، بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى :

20.مال باھاسىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى :

21.شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلەھەلىرىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى :

22.ئاساسى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى :

ئەسلى مەنبەسى : ش ئۇ ئا ر پارتىكومى ، ئىقتىساد گېزىتى.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.03.4 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup