ئىگىلىك تىكلەشتىكى پىسخىك تەييارلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ.(سىناش سۇئاللىرى)

سەھپە: پىسخىك مەسلەھەت باھا:6

ئىگىلىك تىكلەشتىكى پىسخىك تەييارلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ.(سىناش سۇئاللىرى)

تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

ئامرىكىدا بىرخىل ئۇسۇل بېلەن كىشىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى پىسخىك تەييارلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىكەن . ئۇ ناھايىتى ئاددى ھەم ئاسان بۇلۇپ، گەرچە ئۇنچە ئىشەنچىلىك بولمىسىمۇ ، كىشىلەرنى سىناشتا مەلۇم تۇلۇقلاش رولى بۇلىدىكەن .
(1) ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇققان دوست بۇرادەرلىرىڭىز ئىچىدە ، ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار بارمۇ يوق؟
(2) ئۈسۈپ يىتىلىش جەريانىدا، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سودا-سېتىق قىلغان كەچۈرمىشلىرى ياكى تەجىربىللىرى بارمۇ يوق ؟
(3) بالا ۋاقتىڭىزدا ئۆز ئەمگىكىڭىز بېلەن ياشىغان، مەدىكارچىلىق قىلىش،يايما يېيىش ئارقىلىق پۇل تاپقان كەچۈرمىشلىرىڭىز بارمۇ يوق ؟
(4) مەكتەپتىكى نەتىجىڭىز ياخشىمۇ ؟
(5) مەكتەپ ئىچىدە باشقىلار بېلەن ئەپ ئۆتەلىگەنمۇ يوق ؟
(6) مەكتەپتە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ دائىم تەنقىتكە ئۇچۇرغانمۇ يوق؟
(7) ئۇزۇن ۋاقىت بىر ئىشنى قىلسىڭىز زىرىكىشلىك ھېس قىلامسىز ياق ؟
(8) ئەگەر پۇرسەت بولسا خوجايىنىڭىزدىن ياخشى ئىشلەشكە كۈزىڭىز يىتەمدۇ ياق ؟
(9) سىز رومانغا قارتا باشقا كىتاپلارغا بەكرەك قىززىقامسىز ياق ؟
(10) ئۆزىڭىز توپ ئويناشنى خالامسىز ياكى كۈرۈشنىمۇ ؟
(11) ئىشتىن بوشىتىلغان ياكى مەجبۇرى ئىستىپا بەرگەن تارىخىڭىز بارمۇ يوق ؟
(12) ئىشنى قىلىمەن دەپلا قىلىشقا مايىلمۇ ياكى قايتا قايتا ئويلىنىپ ، پىلانلىغاندىن كىيىن قىلامسىز ؟
(13) خىزمەت ياكى شەخسى مەسىلىلەر ئۈچۈن ئۇيقىڭىز كەلمەيدىغان ئىشلار بارمۇ يوق ؟
(14) ئۆزىڭىزنى كەسكىن ۋە ئەمەلى ئادەم دەپ قارامسىز ياق ؟
(15) كوللىكتىپ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشامسىز ياق ؟
يۇقىردىكى 15 مەسىلىگە ‹‹ توغرا ›› دەپ جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە 1 نۇمۇر ، ‹‹خاتا›› دەپ جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە 0 نۇمۇر بىرىلىدۇ ، ئەگەر نۇمىرىڭىز 12 يەتسە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا، لىكىن ھازىر تېخى ئىش باشلىمىغان بولسىڭىز ، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى خاھىشىڭىز ئېنىق بولمىغان بۇلىدۇ ؛ ئەگەر سىز ئاللا قاچان ئىش باشلىغان بۇلۇپ نۇمىرىڭىز 12دىن تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئىدىيە تەييارلىقىڭىز ناھايىتى تۇلۇپ تاشقان بۇلىدۇ .
‹باي دادام› نىڭ تەۋسىيەسى : بۇ خىل نەتىجىلەر مۇتلەق بۇلىشى ناتايىن ، نەتىجىسى ياخشى بولغانلار ئىلھاملىنىپ مەدەت ھېس قىلىشى ئۈچۈن ، ياخشى چىقمىغانلارنىڭ يېڭى بىر باشلىنىشقا غەيرەتكە كىلىپ قالسىكەن دىگەن مەقسەتتە ، تەنەپۇسلۇق تىما قىلىپ يوللىدىم .

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.03.3 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.03.3
15:46
1-قەۋەت: «شاھيار» مۇنداق دېدى:

باي دادام دىگەن كىتاپتا نەتىجىگە ئېرشىپ بوپتىكەنمەن . …
ئارسىدىكى ئىككىسىگە 0 نۇمۇر قالغىنىغا تۇلۇق نۇمۇر ئاپتىمەن .

2011.03.4
16:45
2-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

ئۇنداقتا ئۈمۈت باركەن ، غەيرەت قىلىڭ .

2011.03.4
18:42
3-قەۋەت: «ئەزھەر» مۇنداق دېدى:

مەن ھەر ھالدا بۇسىناق ئىمتھاندىن 2تۈردە خاتا 1تۈردە مۈجمەلىرەك جاۋاپقا ئىرشىدىكەنمەن.
كۆپ رەخمەت تىمىللىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي.

2011.03.4
18:45
4-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

ئۇنداقتا سىز ئازىراقلا غەيرەت قىلسىڭىز بولغىدەك . غەيرەت قىلىڭ !

2011.07.13
03:10
5-قەۋەت: «بۆرەيار» مۇنداق دېدى:

مۇۋاپىقيەت قازىنالايمەن دەپ ئويلايدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىك كاللىغا ئېگە كىشىلەر ئىگىلىك تىكلەش يولىدا كۈرەش قىلىمەن دەيدىكەن مەنچە بولغاندا بوشاشمايدىغان ئېرادە، ئېنىق غايە، تىرىشچان روھ..قاتارلىقلارنى چوقۇم ئۆزىدە ھازىرلىشى كېرەك.ھۇرۇنلۇق ئېرادىسىزلىك ئەڭ چوڭ پىسخىك توسالغۇمىكىن دەيمەن.

2011.07.13
20:52
6-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

توغرا دەيسىز ، بىزدە بۇ توسالغۇ بەك جىق .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup