ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل تېپىشتىكى 7 خىل ئۇسۇلى

سەھپە: ئۇنىۋېرسال باھا:1

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل تېپىشتىكى ئۇنۇملۇك يەتتە خىل ئۇسۇلى

ئامال بار ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇكىنى يەڭگىللىتىش،ئۆز-ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ،ئىقتىدار يىتىلدۇرۇش بولسا كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسى شۇنداقلا ئۇلار بارغانسېرى ئاتا –ئانىسىنىڭ بېقىشىغا يۆلىنىۋالماي،ھەر خىل شەكىلدىكى خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ،ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۇرەلەيدىغان بولۇۋاتىدۇ.مۇشۇ تېما توغرىسىدا مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل تېپىشتىكى يەتتە خىل ئۇسۇلىنى يىغىنچاقلاپ چىقىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتى.

بىرىنچى :ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بولسا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىقتىسادىي كېلىش مەنبەسىدۇر.

ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا بىلىم ئىگەللەش بولسا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسي ۋەزىپىسى .شۇڭلاشقا ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان تۇرلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنغان.بىراق دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئادەتتە بىرىنچى ،ئىككىنچى،ئۇچىنچى دەرىجىلەرگە بۆلۇنىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات تەخمىنەن 2000-3000يۇەنگىچە،ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات تەخمىنەن 1000-2000يۇنگىچە،ئۇچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 1000دىن تۆۋەن بولىدۇ.بىراق بۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يوقىرى بولۇپ ئوقۇغۇچىلار %30ئەتراپىدا بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.شۇنداق دىيىشكە بولۇدۇكى،تىرىشچانلققا تايىنىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشش بولسا ھازىرقى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئەڭ ئاسان مەبلەغكە ئېرىشكىلى بولىدىغان يول بولالايدۇ.

ئىككىنچى:ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بولسا ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا ئارزۇلۇق ،ئەركە چوڭ بولغان بالىلاربولۇپ ئۇلاردا ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغان ئاجىزلىق بار.ئۇ بولسىمۇ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۇزۇش تەجرىبىسى يوق.ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى كەمچىل .شۇڭلاشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەقەتلا ئۆزلىرى پىشىشق بىلىدىغان ساھەنى ئىزلەپ تاپقاندا ئاندىن پۇل تاپالايدۇ.بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرى بولسا ئۇلار ئەڭ پىشىشىق بىلىدىغان ھەمدە قىلىشقا ئەڭ ماھىر كېلىدۇ.ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بولسا ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش يولى ھېسابلىندۇ.شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان كەسىپ ھېسابلىندۇ.

ئۇچىنچى:قۇشۇمچە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش ئەڭ ئېتىبارلىق خىزمەت شەكلىدۇر.

بۇ خىل ئۇقۇتقۇچىلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىققا ئوخشىمايدۇ.ئۇلار ئادەتتە شەخسىي ئاچقان مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر خىل تەربىيلەش مەكتەپلىرىگە بېرىپ دەرس ئۆتىدۇ،ئۇلارنىڭ بىر قەدەر ئاسان تاپالايدىغىنى ئاساسلىقى ئىنگىلىز تىلى كومپىيۇتىر ۋە قانۇن قاتارلىق كەسىپلەردىن دەرس ئۆتۇش بولۇپ ئەڭ ئومۇملاشقان كەسىپ ھېسابلىندۇ.بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن يوقىرى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنغان.بۇ ئىش كەسپىي ئىقتىدارى يوقىرى ،دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى :ماقالە يېزىش بولسا كىشلەر ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى

بىر قىسىم قەلەم كۇچى كۇچلۇك ،تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گېزىت ژورناللاردا ھەتتا تور بىكەتلەردە ماقالە ئېلان قىلىدۇ.قەلەم ھەققىمۇ بىر قەدەر ياخشى ،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇنداق قىلغاندا تېز سۇرئەتتە نام چىقارغىلى بولۇپ،باشقىلار ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدۇ.ھازىر بىر قىسىم گېزىتلەردە بىر قانچە مىڭ خەت ئەتراپىدا ئەسەر يازسا،بىر ئايدا بىر قانچە پارچە بىر نەچچە مىڭ خەتلىك ئەسەر يېزىپ چىقالىسا ،تۇرمۇش خىراجەت پۇلى ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققى بىلەن ھەل بولدى دىگەن گەپ.شۇڭلاشقا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماقالە يېزىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ۋە ژورنال تەھرىراتلىرىغا تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ.

بەشىنچى: تەرجىمانلىق بولسا ئەڭ ئېتىبارلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى 

شىركەتلەرگە چەت ئەل تىلى ماتىرياللىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىش بولسا چەت ئەل تىلى فاكۇلتىتى ياكى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى بىر قەدەر يوقىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇن ئەڭ ياخشى كىرىم قىلىش يولى ھېسابلىندۇ.تەرجىمانلىق قىلىشتا تۆۋەن مائاش ئالىدىغان ئىشمۇ بار ،يوقىرى مائاش ئالىدىغان ئىشمۇ بار.ئاغزاكى تەرجىمانلىقنىڭ ئىش ھەققى بىر قەدەر يوقىرى ،يېزىقچە تەرجىمانلىقنىڭ ئىش ھەققى بىر قەدەر تۆۋەن.ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپى بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن،ئۇچرايدىغان چەكلىمىسىمۇ بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ.شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنى مۇشۇ خىل كەسىپتىن ئىش باشلىسا بولىدۇ دىيەلمەيمىز.بۇ پەقەت ئىقتىدارغا باغلىق ئىش.

ئالتىنچى:مال ساتقۇچى بولۇش بولسا باي بولۇشقا جەڭ ئېلان قىلىشتۇر.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇشۇمچە قىلىدىغان خىزمەت دائىرسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ بەزىلىرى شىركەتلەردە قۇشۇمچە خىزمەت قىلىدىغان ياللانما خادىم ،يەنە بەزىلىرى مۇلازىمەت خارەكتىردىكى قۇشۇمچە خىزمەت قىلىدۇ.ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە مال سېتىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.مال سېتىش بولسا بىر خىل نەزەر دائىرنى كېڭەيتىدىغان ۋە باي بولۇشقا جەڭ ئېلان قىلىدىغان خىزمەت .غەلبە قازىنىش ئارزۇسى بىر قەدەر كۇچلۇك بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ.

يەتتىنچى :توردا دۇكان ئېچىش بولسا ئەڭ مودا بولۇۋاتقان پۇل تېپىش ئۇسۇلى

نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كومپىيۇتىر ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى.ئادەتتە كۆپىنچىسى ئويۇن ئويناش،كۆڭۇل ئېچىشنى ئاساس قىلىدۇ.بىراق نىمىشقا بۇنچە كۆپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ؟مېنىڭچە توردا دۇكان ئېچىپ ھەر كۇنى 1-3سائەتكىچە ۋاقىت چىقىرىپ تەشۋىق قىلىش ۋە زاكاز قىلىدىغان خېرىدار ئىزلەش ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى تىجارەت قىلغىلى بولىدۇ.بىراق مال مەنبەسى بولسا ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ،چوقۇم ياخشى بىر مەھسولاتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇش كىرەك. ئاز مەبلەغ سېلىپ ،خەتەرسىز ،ۋاكالەتەن مال سېتىش ئارقىلىق تەننەرخىنى ئازايتىپ مال كىرگۇزۇپ مال ئەۋەتىدىغان ئاۋارچىلىقتىن خالىي بولغىلى بولىدۇ

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

باي دادام تور خاتىرىسى

مەنبەسى : سابىق سەلكىن مۇنبىرى

2011.05.16 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.05.19
09:07
1-قەۋەت: «گۈگۈم» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ ئالى مەكتەپتە تۇنۇشتۇرۇپ مال ساتقۇچىلىق قىلىپتىكەنمەن ، بۇمۇ خېلى بۇلۇپ قالاتتى بولمىسا .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup