كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان ساھە

سەھپە: ئۇتۇقنامە ، تىجارەت ئۇچۇرلىرى باھا:3

كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان ساھە

1.تور ئويۇنلىرى – تور ئويۇنلىرى يەرشارىدا بولۇپمۇ جۇڭگودا بەك ئەۋج ئالدى. پايدا ئۆلۈشى 50 پېرسەنتتىن يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، ئۇنىڭغا زور مەبلەغ، ئامبار، يۈك توشۇش، زاۋۇت دىگەندەك كېلەڭسىز قۇرۇلمىلارنىڭ زۆرۈريىتى يوق. پەقەت يۇمشاق دېتال ئېنجىنىرلىرىغا يۇقىرى مائاش بىلەن شارائىت تەمىنلەپ بەرسەكلا بولدى. ئويۇننىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە نەشىر ھوقۇقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا مەبلەغ سالساقلا كۇپايە. جۇڭگودا تورخانىلار تاقىلىپ قالمايدىكەن سىزنىڭ بۇ ساھەدىن كىرىدىغان كىرىمىڭىز ھەم تاقىلىپ قالمايدۇ. ئەمەليەتتە يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ پۇللۇق مىكروسوفت شىركىتىمۇ ئويۇنلىرى ئارقىلىق بەك كۆپ كىرىم قىلىدۇ.

2.دورا – تېلۋۇزۇردا نىمىشقا دورىنىڭ ئېلانى تولا؟ چۈنكى كېسەل تولا، ئاغرىق تولا. بۇلار دورىغا مۇھتاج!
ئۆتكەندە بىر دورا ئالدىم. دوستۇم بۇ دورىنى كۆرۈپ بىز بۇ دورىنى 4 يۈەندىن توپ تارقىتاتتۇق، بۇ دورا ئەڭ كۆپ پايدا قالىدىغان دورا ئىدى.- دېدى. ئۇلار تەخمىنەن ھەر بىر قاپتا 2 يۈەن پايدا ئېلىشى مۇمكىنكەن. ئەمما مەن بۇ دورىنى پارچە باھا بويىچە 13 يۈەنگە ئالغان. شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسىدا زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 0.3 يۈەن بولغان بىر دورىنىڭ رايونىمىزدا 120 يۈەندىن سېتىلغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت بەرگەن ئىدى.
دورا ساھەسى كىشىلەر ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆلمەس يول ! پۇل جېق يول !

3.ئۆي – مۈلۈك – جۇڭگودا ئادەم كۆپ، ئادەم كۆپ دىگەن گەپ بۇلارغا ئولتۇرارغا ئۆي بولىشى كېرەك دىگەن گەپ. 2007-يىلدىكى بىر يىلدا جۇڭگونىڭ ئومۇمى تاۋار ئۆي باھاسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 7.6 پېرسەنت ئۆرلىگەن. مۇشۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىش ياكى مۇشۇ ساھەگە ۋاستىلىق مەبلەغ سېلىش (پايچەك، فۇند ئارقىلىق) كۆپلىگەن پايدا كەلتۈرىدۇ.

4.كۆزەينەك – جۇڭگودا 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشى كۆزەينەك تاقايدۇ. ھەر يىلى ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى ئالماشتۇرۇشقا تىگىشلىك دىگەندىمۇ ھەر يىلى 100 مىليون كۆزەينەك زۆرۈر سېتىلمىسا بولمايدۇ. بۇلار قارا كۆزەينەك، پاشىدىن، بوراندىن، قۇياش نۇرىدىن ساقلىنىدىغان كۆزەينەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇلارنى قوشقاندا بۇ سان تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىدۇ. كۆزەينەك ياسىلىش تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن تاۋار بولۇپ، 1 يۈەن بىلەن پۈتۈپ چىققان كۆزەينەكنى 500 يۈەنگىمۇ ساتقىلى بولىدۇ.

5.ئۇچۇر – ئالاقە كەسپى – كۆچمە تېلفون جۇڭگودا ئىنتايىن تېز ئومۇملاشتى. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلىگەن دېھقان ياشلارنىڭمۇ يانفونى بار. بۇنىڭ بەزىسى مودىغا، بەزىسى سودىغا، بەزىسى ئالاقە زۆرۈريىتىگە تەۋە. ئىلگىرى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يانفون كارتىسى SIM كارتا بېجىرسە 2000 يۈەن تورغا كىرىش ھەققى ئالاتتى. ھازىر بۇ ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئىلگىرى كەلگەن ھەمدە ئۇرغان تېلفونغا بىردەك ھەق ئالاتتى، ھازىر پەقەت ئۇرغان تېلفونغىلا ھەق ئالىدۇ، كەلگەنگە ئالىدىغان ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئىلگىرى ئايلىق ئىجارىسى دەپ 25 يۈەن ئالاتتى، ھازىر بۇ ھەقنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇردى. تېلفوندىكى ھەر مىنۇتلۇق سۆزلىشىش ھەققىنىڭ باھاسى كۆچمە، بىرلەشمە ۋە جۇڭگو تېلىگراف خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا باھا چۈشۈرۈشتە بەسلىشىش كۈرىشى نەتىجىسىدە تۆۋەنلەۋاتىدۇ.
خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكى مەلۇم بىر كەسپى خادىمنىڭ مۇخبىرغا يەتكۈزىشىچە :ئىشلەتكەن ئادەم كۈچى، ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە مەبلىغى ۋە باشقا بارلىق چىقىملارنى قوشۇپ ھىسابلىغاندا ھازىر ھەر مىنۇتلۇق سۆزلىشىش ھەققىگە پەقەت 0.04 يۈەن يەنى تۆت پۇڭلا سەرپ قىلىمىز. پايدا 50 پېرسەنتتىن يۇقىرى .
ھازىر خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى تەخمىنەن ھەر مىنۇتلۇق سۆزلىشىش ئۈچۈن 0.2 يۈەن پۇل ئالىدۇ. ئۇلار 0.04 يۈەن سەرپ قىلىپ بۇنچىلىك پۇل ئالغاندىن كېيىن پايدىنى نەچچە ھەسسە قاتلاپ ئالىدىكەن.

6.گىرىم بويۇملىرى- مەن بۇ ئىش بىلەن ئىلگىرى شۇغۇللىنىپ باققان. ئاياللارنىڭ پۇلىنى تاپماق ئەڭ ئاسان. ھەر قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ چىرايلىق بولىشى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز يىغىۋاتقان ئۈچ يىللىق مائاشىغا بىراقلا گىرىم بويۇملىرى سېتىۋېلىشقا پەقەتلا ئىككىلەنمەيدۇ. گىرىم ئاياللارنى گۈزەل قىلالمايدۇ. ئەمما سىزنى ۋە بىزنى باي قىلالايدۇ. 10 يۈەن بىلەن كىرگۈزگەن چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىق گىرىم بويۇملىرىنى تېلۋۇزۇردا راسا بىر ئېلان قىلغاندىن كېيىن 400 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ.

7.مائارىپ – ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز خىراجىتى ئارقىلىق ئوقۇش ، خىزمەتنى ئۆزى تېپىش تەك تۈزۈملەرنى يولغا قويىشى بىلەن تەربىيلىنىشتىكى ئاساسلىق گەپ قايسى داڭلىق مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئەمەس بەلكى قانداق ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشتە قالدى. بۇ خۇسۇسىلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاقىللار سىنىپى، تىل تەربىيلەش، كومپيوتېر كۇرسلىرىغا بازار ئېچىپ بەردى. مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ۋە يېڭىچە مائارىپ ئىدىيسى، چەتئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلىرى بولغان مەكتەپلەر بۈگۈنكى كۈندە پۇل تېپىشتىكى يېڭى يول

8.دېھقانچىلىق خام ئەشيالىرى – دېھقانچىلىق دورىسى، خېمىيۋى ئوغۇت قاتارلىق ئەشيالارنى جۇڭگودا، جۈملىدىن رايونىمىزدا ھەممە دېھقان ئىشلىتىدىغان بولدى. بىز ئىلگىرى شاڭخەيدىن كىرگۈزىدىغان ھەر قېپى 0.5 يۈەنلىك بىر قاپ دېھقانچىلىق دورىسى توپ باھادا 2.5 يۈەندىن ساتاتتۇق. جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقان. دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە دېھقانچىلىق ئەشيالىرى كەسپى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، توشۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەڭ كۆپ ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان بىر يول !
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگودىكى شۇنداقلا يەرشارىدىكى ئەڭ كۆپ پاختا تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى. شۇڭلاشقا پاختىغا مۇناسىۋەتلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى كۆپۈنچە ئىچىكىرىدىن ھەتتا چەتئەلدىن ئۇيغۇرچە ماركا بىلەن كىرىۋاتىدۇ. بۇلار ھەممىسى پايدىنىڭ كۈچى.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

باي دادام تور خاتىرىسى

2011.05.18 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ:
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.05.19
12:39
1-قەۋەت: «سىرلىق يۇلتۇز» مۇنداق دېدى:

ۋاھ نىمىدىگەن پەيزى بۇگەپلەر ھەھ! باي دادام تورخانىسى ھقىقەتەن ياخشىكەن .

[Reply]

باي دادام Reply:

ئۇنداقتا يەنە كىلىپ تۇرىشىىزنى قارشى ئالىمىز .

[Reply]

2011.05.21
14:02
2-قەۋەت: «شاھيار» مۇنداق دېدى:

ئوتكەندە بىر تىلۋىزىيەئىستانىسىدا ئىشلەيدىغان تونۇشۇم مۇشۇ دورىنىڭ گىپىنى قىلۋاتقان پايدىسى كۆپ بولغاچقا قوقماي بىردۇ ئېلاننى دەپ

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se