قايسى خىلدىكى كىشىلەر ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كەلمەيدۇ ؟
ئەلۋەتتە ھەممە كىشى ئىگىلىك تىكلەشتكى پەزىلەتلەرنى ھازىرلىغان بۇلىشى ناتايىن .ئۇنداقتا ، قايسى خىلدىكى كىشىلەر ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كەلمەيدۇ؟ ئامرىكىدىكى بەزى ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار تۆۋەندىكى كىشىلەرنى شىركەت قۇرۇشقا مۇۋاپىق ئەمەس ، دەپ قارايدۇ :
‹1› كەسپى ئېڭى كەمچىل كىشىلەر .كەسپى ئاڭ كىشىلەرنىڭ ئىشلەۋاتقان كەسپىگە نىسبەتەن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئىجاد قىلىش كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغايدۇ ، شۇنداقلا كەسىپكە ئىشتىياق باغلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى .
‹2› ئەۋزەللىك تۇيغۇسى ئارتۇقچە كۈچلۈك كىشىلەر . ئۇلار ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇپ ، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ ، كوللىكتىپ بېلەن سىغىشالمايدۇ.
‹3› قارغۇلارچە ئىتائەت قىلىدىغان ، پەقەت ‹ ماقۇل ›نىلا بىلىدىغان كىشىلەر. بۇ خىلدىكى كىشىلەردە مۇستەقىللىق ، تەشەببۇسكارلىق ، ۋە ئىجادچانلىق كەمچىل بۇلىدۇ .
‹4› ھۇرۇن كىشىلەر . بۇنداق كىشىلەر ‹مائاش ئوغرىسى› دەپ ئاتىلىدۇ .
‹5› بىر تەرەپلىمە ۋە ھاكاۋۇر كىشىلار . بۇنداق كىشىلەر ھامىنى ئۆزىنى كۈچلۈك سانايدۇ ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ، كەمچىللىكلىرىنى كۆرەلمەيدۇ .
‹6› قاتمال كىشىلەر . بىرەر ئىشتا جانلىقلىق كەمچىل . جانلىق تەدبىقلاشنى بىلمەيدۇ . ئۆزگەرمەس قانۇن قىلىشقا ئادەتلەنگەن .
‹7› ھېسياتقا تايىنىپ ئىش قىلىدىغان كىشىلەر . ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلغاندا ھېسياتقا تايىنىپ قىلىدۇ، ئەقىل پاراسەت بېلەن ئۆزىنى ۋە ھەركىتىنى كونتۇرۇل قىلالمايدۇ .
‹8› ‹‹مەمەدان ھەممە گەپكە لوقما سالىدىغان ›› ۋە تەرسا جاھىل كىشىلەر .
‹9› قورقۇنچاق ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكرى يوق ، دەرەخ ئۈستىدىن يۇپۇرماق چۈشسە بېشىنى يېرىپ قۇيىشىدىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەر .
‹10› ئۆز پايدا زىينىنىڭلا غېمىدە يۈرۈيدىغان ھەم ئۆز ئۆزىدىن ئاسان قانائەتلىنىدىغان كىشىلەر .
دۇنيادىكى ھەممە شەيئى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە يوق . ئالىملار : مىجەز خارەكتىرنى ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ ، ھەرقانداق بىر ئادەم ئەمەلىيەت داۋامىدا مىجەز خارەكتىر جەھەتتىكى ئىللەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ، ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ ، تاكامموللاشتۇرۇشقا تامامان بۇلىدۇ ، دەپ قارايدۇ . بىر ئادەم ئىگىلىك تىكلەش يۇلىغا ماڭغان ئىكەن ، مىجەز خارەكتىر جەھەتتە يۇقىرقىدەك ناچار ئىللەتلەر بولسىمۇ ، لىكىن ئىختىساسلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالسىلا ، ئۇلارنىڭ ئەقىل-پارەسىتى بېلەن ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۇلۇقلاپ كېتەلەيدۇ ، شۇ ئاارقىلىق مەغلۇبىيەتتىن ساقلىنىدۇ .
پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!
تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
بىزدە تۈزىتىشكە تىگىشلىك ئىللەتلەر ئىنتايىن جىق ، لىكىن لىكىن كىشىنى خوشال قىلىدىغىنى ياخشىلىنىشمۇ كۆپ بۇلىۋاتىدۇ . ئۈمۈتۋار بۇلايلى .
ھە نىم بولسا مەن ماس كىلىدىكەنمەن
رەخمەت
ئۇنداقتا سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز ! غەيرەت قىلىڭ !
مەنمۇ ئىگىلەك تىكلەشنى ئويلايمەن.لېكىن يىتەرلىك جۈرئەت يوق….
يوقۇرقىلارنىڭ ئىچىدىن مېنىڭغا ماس كېلىدىغىنى كۆپكەن،رەھمەت!
ئۇزىنى داۋاملىق تاكامموللاشتۇرغاندىلا ، چۇقۇم تېخىمى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ ھەمدە ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ .
22:19
ئونىنچى ماددىدا يېزىلغان گەپ بىزنىڭ مىللىتىمىزدىكى ئەڭ ئەجەللىك كېسەل ، مەسلەن ، چوڭلار دائىم «سىڭگەن ناننى يە » دېگەن گەپنى دەيدۇ ، يەنە بىرسى مىللىتىمىزدە ئوزىنىڭ نەچچە مىڭ يۇەن پۇلسىىنى دەپ ۋىجداننى ھەم باشقىلارنى ، مىللىتىنى ساتىدىغانلار ئەزەلدىن كۆپ چىقىدۇ ، شۇڭا مىللىتىمىزدىكى بايلار باشقا مىللەتتىكى بايلاردىن بەك بەكلا ئاز بولۇپ كەلدى . پەقەت بۇلا ئەمەس ، ھەي دەپ كەسە گەپ تولىدە !!