ئادەم كۈچى بايلىقى (ياكى ئەمگەك كۈچى بايلىقى ) شىركىتى
باي دادام
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
كېرەكلىك مەبلەغ: كۆلەمنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولماتدۇ . مىنىڭچە ئاۋال كىچىك بىر شىركەت نامى بېلەن باشلاش كېرەك . كىچىك تىپتىكى شىركەتنى قۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇز مىڭ يۇەن 30000 ەبلەغ كىتىدۇ .
كارخانىنىڭ كەسپىنى چۈشەندۈرۈش:
ھازىر دىھدانچىلىقنىڭ تازا ئالدىراش مەزگىلى ، بۇنداق ۋاقىتتا دىھقانچىلىقتىكى ئاساسلىق رايۇنلارغا ئادەم كۈچى يىتىشمەسلىك مەسىلىلىرى دائىم كۇچىراپ تۇرىدۇ . شۇن داق ۋاقىتتا ئادەم كۈچى ئېشىنچا رايۇنلاردىن ئادەم كۈچى قىس رايۇنلارغا ئادەم كۈچىنى يوتكەش مۇلازىمىتى بېلەن تەمىنلەش شىركىتى .
كارخانىنىڭ بازار تېپىش ئەھۋالى :
باشقا جايلارنى قۇيۇپ تۇرۇپ ھازىر مەن تۇرىۋاتقان كورلىدىلا 700مىڭ مودىن ئۇشۇق نەشپۇتلىك باغ بار . بۇ جاي ھازىر جىددى نەشپۈت ئۈزگىچىلەرگە ئىنتايىن بەك ئېھتىياجلىق . بىر ئادەم تۆۋەن بولغاندا كۈنىگە 70—80 يۇەنگە ئىشلىيەلەيدۇ.
لوپنۇردا : بۇ يەرمۇ ئاساسلىق پاختا بازىسى ، بۇ يەردە ھازىر پاختىنى 1يۇەن 4مو دىن تىرىدىغان ئادەم قىس بولماقتا .
بۇنداق رايۇنلار دىگەن كۆپ :
مانا بۇ يەر لەرگە جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى بىر قەدەر كۆپ راينلاردىن تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئەكىلىپ بىر تۇتاش ئىشقا قۇيۇشقا بۇلىدۇ .
بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ھالقا :
كارخانا قۇرغۇچىنىڭ ئۇچۇرغا باي ھەم سەزگۈر بۇلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىدۇ.
ھازىر بازاردا بۇخىل تىپتىكى كارخانىلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك . بازار بوشلىقى ئىنتايىن چوڭ .
مۇشۇنچىلىك يازاي ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/
ھازىر بۇنداق شىر كەتلەر خېلى جېق، ئاقسۇدىلا مەن بىلىدىغان 20 يېقىن شىركەت بار.
بۇنداق قىلسىڭىز كىم سىزگە ئىشىنىدۇ، ئادەمنى قانداق تاپىسىز؟ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز چۇ!
11:35
بۇخىلدىكى شىر كەتنى قۇرۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 500 مىڭ يۇەندىن كەم بولسا بولمايدۇ، ھەم شۇنداقلا نۇرغۇن رەسمىيەتلىرى بار، بىراق قۇرۇۋالسا پايدىنىمۇ خېلى تاپقىلى بۇلىدۇ.