ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ماشىنا يۇيىش تىجارىتى

سەھپە: ئىگىلىك تىكلەش باھا:1

ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ماشىنا يۇيىش تىجارىتى <يېڭى پۇل تېپىش يۇلى>

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

 جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋيىسىمۇ خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ،سۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان يېڭىچە كەسىپ ۋە يېڭىچە مۇلازىمەتلەر بارلىققا كەلدى. مەسىلە ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ جەمىيەتتىكى شۇخىل كەسىپ ۋە مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجنى بالدۇر ھېس قىلالىشى بايقىشىغا باغلىق . تۆۋەندە مەن تۇنۇشتۇر ماقچى بولغان بۇ مۇلازىمەت كەسپىمۇ يېڭىدىن بايقالغان ، نۇرغۇن كىشىلەر ئانچە تۇنۇشلۇق بولمىغان لىكىن جەمىيەتتە بەلگىلىك بازار ئىستىقبالى بولغان بىر مۇلازىمەت كەسپى .
1. تۈرنىڭ ئىسمى : ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ماشىنا يۇيىش مۇلازىمىتى .

2. تۇرنى تۇنىشتۇرۇش: ئۇچ چاقلىق ۋەلسىپىت ياكى موتولار ئارقىلىق سورەپ يوتكەشكە قولايلىق بولغان چوڭراق سۇ تۇڭلىرىنى مەھەللىلەردە يوتكەپ يۈرۈپ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ماشىنا يۇيىش مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ . (ئەلۋەتتە سۇ تۇڭلىرىنى بۇ ئىش بېلەن شۇغۇللانغۇچى ئۆز ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاستىغا چاق بىكىتىپ سورەشكە قۇلايلىق قىلىپ ھەم سۇ پۈركۈش ئۈسكىنىسى ئۇرنىتىپ لاھىيلىۋالسا بۇلىدۇ.) .

3. كېرەكلىك مەبلەغ:  كۆلەمنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ مەبلەغ سالسا بولىدۇ. نەچچە يۈز يۇەندىن نەچچە مىڭ يۇەنگىچە .

4. تۈرنىڭ ھازىرقى ئاساسى ئەھۋالى : ھازىر جەمىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شەخسى ماشىنىسى بار بولدى . لىكىن خىزمەت ياكى تىجارەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ماشىنىللىرىنى كەسپى ماشىنا يۇيىش ئۇرۇنلىرىغا ئاپىرىپ يۇيىشقا ياكى ئۆزلىرى يۇيىشقا ۋاقىت ئاجىرتالمايدۇ، مۇشۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا يۇشۇرنۇپ ياتقان بىر ئىھتىياج بار ، ئۇ بولسىمۇ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ماشىنا يۇيىش مۇلازىمىتى.

5 . .بازار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى : جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ئەلۋەتتە رىقابەتلىك بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم كەسپى رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .ئېگىلىنىشىچە ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بۇ تۈردىكى مۇلازىمەت بېلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇرۇن تېخى قۇرۇلمىدى، لىكىن بۇ بۇندىن كىيىنمۇ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ بازارنىڭ ئېچىلىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى .

6. بازار ئېتىياجى : يۇشۇن بولغان كۈچلۈك بىر بازار ئېھتىياجى بار. ماشىنىسى بارلىكى ھەرقانداق بىر كىشى بۇ تۈرنىڭ ئىستىمالچىسى .

7 . خېيىم خەتەر تەھلىلى :

 (1)  تاللىغان ئورۇننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى مۇۋاپىقمۇ قانداق ؟

(2)   رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟

(3) ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟

(4) باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟ دىگەنلەرنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

باي دادام نىڭ تەكلىۋى : بۇ تۈرنى ئەگەر مەبلەغ يىتىشىدىغالا ئىش بولسا زەنجىرسىمان قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك !

تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت – شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

 مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

http://baydadam.blogbus.com


2010.09.28 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2010.09.28
12:40
1-قەۋەت: «ھونزادە» مۇنداق دېدى:

رەھمەت ھەقىقەتەنمۇ يۇشۇرۇن ئىستىقباللىق كەسىپتەك قىلىدۇ.

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup