بەخىتلىك ھاياتنىڭ ئۈچ ئۆلچىمى
قايسى خىلدىكى كىشىلىك ھايات ئۇتۇقلۇق ھايات ؟
ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچىمى مۇنداق : جەمىيەتتە مۇئەييەن ئورنى ، خېلى كۆپ ماددى بايلىقى بۇلۇش ؛ نام ، ھوقوق ، مەنپەئەتىنىڭ ئاز دىگەندە بىرى بۇلۇش . لىكىن ، مىنىڭچە ، جەمىيەت ئېتىراپ قىلغان ئۇتۇق بەخىتكە باراۋەر ئەمەس ، ئۇتۇقلۇق كىشىلىك ھايات ئىنتىلىشقا ئەرزىيدۇ ، بەخىتلىك كىشىلىك ھاياتمۇ ئوخشاشلا ئىنتىلىشقا ئەرزىيدۇ .
بەخىت دىگەن نىمە ؟
بۇ سۇئالغا بىر يازغۇچى مۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ ؛ « بەخىت ماددى ، مەنىۋى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ . كىشىلەر بەخىتلىك بۇلىمەن دەيدىكەن ، ماددى تايانچتىن ، مەنىۋې ئىنتىلىشتىن ، ھېسيات جەھەتتىكى قانائەتتىن ئايرىلالمايدۇ.تەنھا بىر كىشى بۇ ئۈچ تەرەپتە قانائەت ھاسىل قىلالىسا ، بەخىت تۇيغۇسى ھېس قىلىدۇ ، ئەمما ، بۇنداق قانائەت ئادەمنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ھېسياتى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ مۇئەييەن ئۆلچىمى بولمايدۇ ، ھەشەمەتلىك ئۆيدە ئولتۇرسىلا ،ئىسىل پىكاپ ھەيدىسىلا بەخىتلىك بولمايدۇ ،قانائەتچان بولسىمۇ، ئوخشاشلا بەخىتلىك ئۆتلىكى بۇلىدۇ .
پۇخرالار نامسىز ئاددى ياشايدۇ ، ئۇلارنى مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن ئۇتۇق قازاندى دىگىلى بولمايدۇ . لىكىن ياۋاش ، راستچىل ئادەم بۇلۇپ ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ ، سەمىمى ياشىسا ، ئۆزىگە تەئەللۇق تۇرالغۇسى بۇلىدۇ ، كىيىم كېچەك يىمەك ئىچمەكتىن غەم قىلمايدۇ ، ئاۋال ماددى جەھەتتىن ئاساسى كاپالەتكە ئېگە بۇلىدۇ . ئاندىن خىزمەتنىڭ سىرتىدا كىتاپ گېزىت ئۇقۇپ قۇيىدۇ ، مۇزىكا ئاڭلايدۇ ، قىشتا لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارنى تاماششا قىلىدۇ ، يازدا ئىرىق ئۆستەڭلەردىكى سۇنىڭ شىلدىرلىشىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، ئاددى تۇرمۇشنىڭ باھارلىق خوشاللىقلىرىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ.
بۇنداق تۇرمۇشنىڭ قانائەت قىلمايدىغان نەرى بار ؟
مانا بۇ بەخىت ، مىنىڭچە ، مۇشۇنداق بەخىتلىك ھاياتنى ئۇتۇقلۇق ھايات دەپ قاراشقا بۇلىدۇ .
بەخىت توغرىسىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ كۆزقارشى ئوخشاش بولمايدۇ ، بۇ يۇقىردا سۆلىگىنىمىزمۇ بىر تەرىپى ، ھەقىقى ئۆزى بۇلىشى ناتايىن . مۇھىمى ئارزۇ ، تىرىشچانلىقىمىز يەنى ئۈنۈم ، نەتىجىلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرالىغاندىلا ھەقىقى بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمگىلى بۇلىدۇ .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!
تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
باي دادام تور خاتىرىسى