تونۇشتۇرۇپ مال ساتقۇچىلىقتا 36 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مائاش ئالغان ئۇيغۇر يىگىتى
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن ئالدىنقى كۈنى تىلىۋۇزۇر كۆرىۋىتىپ بىر پىروگىراممىنى كۆرگەن ئىدىم ئىسمى تازا ئىسىمدە قالماپتۇ بۇ پىروگىراممىدىكى بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ تونۇشتۇرۇپ مال ساتقۇچى بولۇپ ئايلىق مائاشىنىڭ 36 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيرانلا قالدىم يەنە كىلىپ بۇ بالىنىڭ ئىككى قولى مىيىپ بولۇپ كالتا ھەم ئىنچىكە ئىكەن ( ئاللاھ ھەممىمىزگە ساق سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن 7 ئەزايىمىزنى ساق سالامەت قىلىپ ياراتقىنىغا مىڭ شۈكرى) بۇ بالا مۇشۇنداق تۇرۇپ ئايلىقى 32 مىڭ يۈندىن مائاش ئالىدىكەن مىنىڭ بۇ بالىغا ھەيران قالغىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مائاشى ئەمەس بەلكىم ئارىمىزدا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مائا ئالىدىغانلار باردۇر، مەن بۇبالىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ھەيران قالدىم بۇ بالا بىر گىرىم بويۇملىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى شىركىتىگە دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كىرگەن ئىكەن. بۇ بالا بۇ شىركەت بىلەن تونۇشقاندىن كىيىن ئىزچىل 6 ئاي توختىماي تىرىشىپ شۇنداق ماللارنى تەشۋىق قىلىپتۇ، لىكىن 6 ئايغىچە 1 موچەنمۇ كىرىم قىلالماپتۇ، يەنى ھىچ قانداق بىر مال ساتالماپتۇ. بۇ شىركەتتە مال ساتالمىغانكەن كىرىمى بولمايدۇ، چۈنكى شىركەت ساتقان مىلىغا پىرسەنىت ئايرىپ بىرىدىغان شىركەت ئىكەن. دوسلار ئويلاپ بىقىڭلار 6 ئاي ھىچ قانداق كىرىم قىلالماي تۇرۇپمۇ بۇ بالا يەنە توختاپ قالماپتۇ، بۇ ئىشتىن كىيىن ھەتتا بىر ۋاخ تاما ق ئىلىپ يىگۈدەكمۇ پۇلى قالماي 3 ۋاخ نان ئىلىپ يەپ يۈرگەن كۈنلىرىمۇ بوپتۇ. مانا مۇشۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە مانا بۇ بالىغا 7 – ئايدا بىشىغا ئامەت قۇشى قونۇپ 7 -ئىيى شۇ ئايدىلا بۇ بالىغا 8 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق مائاش چىقىپتۇ، مانا بۇ تىرىشىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەن .دوسلار ئەمدى ھازىر بولسا بۇ جىسمى مىيىپ بولغان بىلەن روھى ساغلام بولغان بۇبالا 26 بالىنى باشقۇرۇۋىتىپتۇ . ئايلىق مۇقىم مائاشى 28 مىڭ يۈەن ئىكەن، مۇكاپاتلىرى بىلەن قوشۇپ 36 مىڭ يۈەندىن يىقىرى مائاش چىقىدىكەن ، مانا بۇ نەتىجىلەر ئىزچىل تىرىشىش ،بوشاشماسلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرغاندا مەيۈسلىنىپ كەتمەي تىخىمۇ تىرىشىشنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن مۇۋەپپىقىيەتتۇر. ئاخىردا دوسلىرىمىزغا دەيدىغىنىم مەيلى قانداقلا ئىش قىلىڭ بىر ئىشنى ئۇزۇن مەزگىل قىلىڭ، سەۋەبسىزلا كەسىپ ئالماشتۇرماڭ، مەيلى قانداقلا ئىش قىلىڭ چىدامچان غەيرەتلىك بولۇڭ، نەغلۇبىيەتگە ئۇچىرسىڭىز يىقىلسىڭىز ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ << مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى>> << جاپادىن قورقىدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ئۆتىدۇ جاپادىن قورىقمايدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر راھەتتە ئۆتىدۇ>>
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ئاپتورى: بايلىق بلوگىدىن بايلىق ئەپەندى (بايلىق بىلوگىنىڭ تەۋسىيەسى)
باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/
ئىسىل تىما ئىكەن.يەنى ھەرقانچە ئۇڭۇسىزلىقلارغا يۇلۇقساقمۇ ۋايسىماي شۇ ئۇڭۇسىزلىقنىڭ كەينىدە مۇپىقىيەتنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىشىمىز كىرەك ئىكەن.
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ، ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قۇربان ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايلىق بلوگى سىزنى پەتىلەپ كەلدى قۇربان ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
رەھمەت! مەن نىمىشقا بىلمەيمەن..پۇرسەت تاپالمىغاندەكلا؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم…مېنىمۇ ئۇلىنىش قېتىۋالسىڭىز…سىزنى قېتىۋالدىم!~ يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن~
تونۇشتۇرۇپ مال ساتقۇچى دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟
مەلۇم خىل مالنى خېرىدارلارغا تۇنۇشتۇرۇپ، چۈشەندۈرۈپ ساتىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ . 推销员‹ تۇيشاۋيۇەن › دەيدۇ خەنزۇچە . مۇشۇ كىشى شۇ .
قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
22:34
ئاللاھ خالىسا بىر زاۋۇت ماڭدۇرغۇم بار