پاختا باھاسىنىڭ ئۈسۈشى ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان ئىش؟

سەھپە: ئۇنىۋېرسال باھا:1

پاختا باھاسىنىڭ ئۈسۈشى ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان ئىش؟

پاختىنىڭ باھاسى بۇ يىل تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رىكوتنى يارىتىپ 14يۇەنلىك ئۆتكەلدىن ئۈتۈپ كەتتى .
رايۇنىمىزدا پاختا تېرىلىپ بۇنداق يۇقىرى باھا سېتىلىشى تۇنجى ئىش .
بۇ ئىش پاختا تېرىغان  دىھقانلىرىمىزنىڭ ئەجرىنىڭ تارىختا كۈرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى قىممەتكە ئىرىشىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىپ قالدى. ھازىر پاختا تېرىغان دىھقانلىرىمىز بۇ يىل دىھقانچىلىق ھاردۇقى خېلى چىقىپ قالدى.
تۈنۈگۈن كەچ  بۇ يەردىكى پاختا زاۋۇتنىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ كىتىپ بېرىپ باھا تاختىسىغا 14.8يۇەن دەپ يېزىپ قويغانلىقىنى كۆردۈم . دىمەك بۇ باھا بۇ يىلقى بىزنىڭ بۇ يەردىكى ھازىرغىچە بولغان ئەڭ يۇقىرى باھا بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. 
بۇ باھا رايۇنىمىزدا ئۆتكەن يىلقى باھانى ئۈچ قاتلىدى ، ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى باھانى بەش قاتلىدى .

ئۇنداقتا پاختا باھاسى نىمە ئۈچۈن بۇنداق يۇقىرى بۇلىدۇ ؟
بۇنىڭغا تەھلىلچىلەر مۇنداق جاۋاپ بەردى . بۇيىل يىل بېشىدىكى ھەرخىل ئاپەتلەرنىڭ زىيىنى ، ۋە ئىلگىركى يىللاردىكى پاختا باھاسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ، قاتارلىق سەۋەبلەر بېلەن پاختا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى كىچىكلەپ كەتكەن.  پاختىنىڭ مەھسۇلات مىقتارى ئازلىغان ، خەلقئارا بازاردىكى ئېھتىياج كۈچۈيگەن دىگەندەك سەۋەپلەرگە يىغىنچاقلىدى.
مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر بېلەن بازاردىكى پاختىنىڭ باھاسى مۇشۇنداق يۇقىرى بۇلۇپ كىتىپتۇ.

ئۇنداقتا پاختا باھاسىنىڭ بۇنداق بۇلىشى نورمال ئىشمۇ ؟
مىنڭچە بۇ خىل باھا ئەسلى دېھقانلارنىڭ ئېتىزدىكى شۇ ئەجرىگە سېلىشتۇرغاندا ئەرزىگىدە ياخشى بولغان باھا ، لىكىن بۇ ئەرزىگىدەك ياخشى باھاغا نەچچە يىللىدىن چىقماي بۇ يىل بىراقلا چىقىپ كىتىشى كىشىنى سەل چۈچۈتىدۇ. ئەسلى  بۇ باھاغا نەچچە يىللىدىن ئاستا ئاستا ئازئازدىن ئۆرلەپ چىققان بولسا نورمال بۇلاتتى ، بىراقلا  ئىلگىركى باھالارنى نەچچە ھەسسىلەپ بۇنداق ئۆرلىشىنىڭ كىيىنلىكى قانداق بۇلار ؟
بۇ دەل ھازىر جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسى .
 
ئۇنداقتا پاختا باھاسىنىڭ بۇنداق ئۆرلىشى قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلەر ؟
 مال باھاسىنىڭ  ئىنتايىن بەك يۇقىرىلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
نۇرغۇن كىيىم كېچەك كارخانىللىرى كىيىم كېچەكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئىلگىركىدىن %20 دىن يۇقىرى ئۈسىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ بولدى . دىھقانچىلىق مەددى ئەشيالىرىنىڭ باھاسى ئاللىقاچان ئۈسۈشكە باشلاپ بولدى .  بۇ باھانىڭ ئۈسۈشى بۇ ساھەدىلا ئەمەس بەلكى ھەممە ساھەدە ئۇمۇمى يۈزلۈك باھا ئۈسۈشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە.
پاختىنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئىككى يېرىم ياكى ئۈچ ھەسسىچە ئۆستى لىكىن مال باھاسى ئۇنچە ئۈسۈپ كەتمەيدۇ ،  دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن . دۇرۇس  مال باھاسى ئۇنىڭچە ھەسسىلىنىپ ئۆسمەسلىكى مۇمكىن ، لىكىن ھامىنى ئۈسۈپ ئۇلارمۇ مەلۇم بىر يۇقىرى چەككە يىتىشى مۇمكىن.

ئەمدى مەسىلە پاختا باھاسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئۈسىشىدىن كىلىپ چىققان مال باھاسىنىڭ شىددەت بېلەن ئۈسىشى  دىھقان ئەمەس كىشىلەر ھەم پاختا تېرىماي باشقا تېرىقچىلىق بېلەن شۇغۇللىنىدىغان دىھقانلار  بۇ باھانى كۆتۈرەلەرمۇ ؟ ئاخرىدا يەنىلا قىيىنچىلىققا قالىدىغىنى دىھقان بۇلۇپ قالامدۇ  قانداق ؟
مانا مۇشۇنداق ئەندىشىلىك خىياللار ھازىر جەمىيەتنى قاپلىۋالدى .
بىزمۇ گەرچە دىھقان بولمىساقمۇ دىھقان بەرگەن ناندا چوڭ بولغان دىھقان باللىرى بولغاندىكىن بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدۇق . ئۇنداقتا سىزمۇ بۇ ئويلىنىش ئىچىدە مۇلاھىززە قىلىپ بېقىڭ ،

پاختا باھاسىنىڭ ئۈسۈشى ياخشى ئىشمۇ ياكى يامان ئىش؟

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

ھۆمەتتە: باي دادام

باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/

 

2010.11.12 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ، ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2010.11.13
13:42
1-قەۋەت: «چەۋەنداز» مۇنداق دېدى:

پاختىنىڭ ئۆسىشى بەلكىم تېخىمۇ زور پايدىلارنى كۆزلەپ بولىۋاتقان ئىش بولىشى مۇمكىن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى كۆپ قىسىم پاختا يەنىلا بىڭتۈەننىڭ قولىدا.

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup