تەكلىپىمنىڭ شەبنەمدىكى ئىنكاسى

سەھپە: راس گەپ باھا:0

تەكلىپىمنىڭ شەبنەمدىكى ئىنكاسى

تەكلىپ توغرىسىدىكى تىمام ھەرقايسى تور بەتلەرگە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بۇلۇنغان ئىنكاسلارنى بىر يەرگە يىغىپ كەلدىم :
شەبنەمدىكى ئىنكاسلار ئىچىدە بىر قەدەر بوپ قالغىدەك ئىنكاسلار تۆۋەندىكىچە ئىكەن.

Bidar-Qutlan  ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ تەكلىپلىرى:

 مەركەزگە 3 تۈرلۈك، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە بىر تۈرلۈك تۆۋەندىكى پىكىرىمنى  دەپ ئۆتەي:

1- ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىي خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىسمىدىن تاۋۇش جەھەتتە زور پەرق قىلىدۇ، ئۇنى خەلقئارالىق يازمىلار(پاسپورت قاتارلىق)غا يازغاندا ئىسىملىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەي، ئۆزگەرتىۋىتىدىغان تاۋۇش شەكلىدە يازماي، ئەسلى تاۋۇشىغا سادىق يېزىلسۇن، بىزنىڭ نام شەرەپ ھوقۇقىمىز قوغدالسۇن. مەسىلەن: مەخمۇتنى Maihemuti تەلەپپۇزىدا يازماي Mehmut تەلەپپۇزىدا يازسۇن. غالىپنى Alipu تەلەپپۇزىدا يازماي Ghalip تەلەپپۇزىدا خەلقئارا ئۆلچەمدە يازسۇن …..
 
2- ئىسىملىرىمىزنى خەنزۇ يېزىقىدا يازغاندا خەت سانىنىڭ كۆپ بولىشى يالغۇز بىزنىڭ ئىسىملىرىمىزنىڭ ئۇزۇن بولغانلىق مەسىلىسى ئەمەس، خەنزۇچە خەتنىڭ توغرا ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ بولمىغانلىقى، ئەپسۇس، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بەرگەن كىملىككە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بانكا كارتىسى بىجىرىش قاتارلىق تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدە بىز ئۇيغۇر خەلقىغە ئاز بولمىغان قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، دۇنيادا ئىسمىي ئۇزۇن كىلىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەر بار، ئۇلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇزۇن بولىشى سەۋەپلىك ئۆز دۆۋلىتىدە ئەمەس، ھەتتا چەتئەلدىمۇ بىزدەك ئەرەج تارتماسلىقى مۇمكىن.  ئادەم ئىسىمىغا مۇناسىبەتلىك يۇمتال تۈزگەندە خەنزۇ خەلقىنىلا ئاساس قىلماي، ھازىرقى جۇڭگۇ تىرىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان بارلىق خەلققە ئۇيغۇن كىلىدىغان قىلىپ تۈزىشى لازىم، شۇ چاغدا بىز ۋە بىزدەك مىللەتلەر بىھۇدە ئەۋارىچىلىق تارتمايمىز.

3. شىنجاڭ ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى دېيىلىدۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر نامىغا قويۇلغان ئاپتونۇم رايۇندا ئۇيغۇرنىڭ تىلى، يېزىقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ھەتتا مەكتەپلەرگىچە بارغانسىرى كۈچسىزلىشىپ بېرىۋاتىدۇ، مائارىپتىنمۇ سېقىپ چىقىرىلىش خەۋپىدە تۇرىۋاتىدۇ، ئاپتونومىيە قانۇنىي قايرىپ قويۇلىۋاتىدۇ، شۇنداق بىر قانۇننىڭ بارلىقىنىمۇ  بىلمەيدىغان  كىشىلەر ئەمەل تاجىسىنى كىيىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا ئەمەل تۇتىدىغانلاردىن ئىمتىھان ئالغاندا ئاپتونومىيە قانۇنىي بىلەن يەرلىك مىللەتنىڭ تىلىدىنمۇ قوشۇپ ئىمتىھان ئېلىنىسا، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ساپا – پەزىلىتىمۇ ئۆلچەم قىلىنسا.

باي دادام تورخاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com/

2009.06.26 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup