يەنە كەل
بىلمىدىم يېقىندىن بۇيان تۇرۇپلا كىمدۇ بىر كىملەرنى سېغىنىدىغان ،مىنى سېغىنىدىغان كىشىلەر بارمىدۇ؟ دەپ ئويلايدىغان ،كىملەرنى سېغىنغىنىمنى بىلمەيدىغان بىر خىل غەلىتە خىياللارغا چۈكۈپ قالدىم ، دۇنيادا سېغىنىدىغان كىشىسى بولمىسا ، سېغىندۇرىدىغان كىشىسىمۇ بولمىسا بۇ بىر ئازاپ ئىكەن .
بۇ شېئىرىمنى باھارلىق سېغىنالايدىغان سېغىندۇرالايدىغان دوسلارغا بېغىشلايمەن.
زوق قوزغاپ كۈڭۈللەر تۆرىدىن دىلدار،
يەنە كەل كۆزلەردىن يار ئالغاندا سەل.
يامغۇردىن كىيىنكى مايسىدەك چىراي،
شاتلانسۇن غۇنچىلار ئاچىلغاندا كەل.
يەنە كەل زەپەرلەر قۇچاق ئاشقاندا ،
باغرىمغا بىر باساي پەخرىڭ بۇلاي مەن .
يەنە كەل قەدىمىم سەندىن ئالسۇن كۈچ،
كۈلكەڭدىن ھاياتلىق كۈيۈم ئېيتايمەن .
يەنە كەل قۇشلارمۇ زوقتا سايرىسۇن،
ھۆسنۈڭدىن قۇشلارمۇ زوقتا سايرىسۇن.
دولقۇنلار ئەۋجىدە بۇجغۇن چاچرىتىپ ،
ھۆسنۈڭنىڭ ئەلچىسى چۆللەرگە سىڭسۇن.
تەبىئەت شاتلانسۇن كۈلسۇن زىمىستان،
باھارمۇ نازلانسۇن نازىڭ بېلەن كەل.
قۇياشنى ئۇيغاتسۇن تاتلىق ئاۋازىڭ ،
يۈرەك ياشنىسۇن زىل تارىڭ بېلەن كەل.
2001-يىل يانۋار
مەنبە: ئىلھاملىرىم
باي دادام تور خاتىرىسى