ساۋاقداش
باياتتىن رادىئودىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئايرىلىش مىنۇتلىرى دىگەن ناخسىنى ئاڭلاپ قالدىم .شۇنىڭ بېلەن خىياللىرىم تا ھازىر غىچە مەن بېلەن ساۋاقداش بۇلۇپ ئۆتكەن باھارلىق ساۋاقداشلىرىم ئىسىمدىن كەچتى . ئۇ ۋاقىتلار شۇ قەدەر تاتلىق ئىدى .ئەشۇ تاتلىق كۈنلەر ئۈچۈن بىر خاتىرە قالدۇرۇشنى ئويلىدىم لىكىن بۇ ئالدىراشچىلىقلاردىن يېتەرلىك ۋاقىت ھەم ئىلھام تاپالماي قېلىپ بۇ ئويلىرىممۇ قۇرۇق قالدى. لىكىن شۇنداق بولسىمۇ ئىلگىرى بىر چاغلاردا يازغان يازغان بىر شېئىرىمنى باھارلىق ساۋاقتاشلىرىمغا ھەم ساۋاقتاشلىرى بار باھارلىق ساۋاقداشلارغا سوۋغا قىلىمەن . خوشال ئۈتۈڭ ساۋاقتىشىم .
ساۋاقداشلار
كىرىمىز ئىشىكتىن بىر خىل مەخسەتتە ،
ھەر ئارزۇ يۈرەكتە تۇرار كۈۋەججەپ .
ئارزۇلار گوياكى ئەرك سۇلاردەك ،
دولقۇنلاپ قىرغاققا ئۇرىلار ھە دەپ.
ياشىدۇق بىر ئۆيدە بىر خىل ئاتىلىپ،
ھايات ناخشىسىنى ئېيتىپ بىرلىكتە .
ياشىدوق ھەممىمىز جەمئى قىرىق گۈل،
بۇغۇلۇپ يىپ بېلەن بۇلۇپ بىر دەستە .
گەر كەتسەك ئايرىلىپ يىراق-يىراققا ،
قەلبىمىز باغلانغان مەۋھۈم يىپ بېلەن .
مەۋھۇم يىپ ئۈزۈلمەس مەڭگۈ تا ئەبەت.
يۇرەككە ئۇيۇلغان سىمالار بېلەن .
1999-يىل كورلا
مەنبە:ئىلھاملىرىم
http://baydadam.blogbus.com/
باي دادام تور خاتىرىسى