چوڭ دادامنى ئەسلەيمەن .

سەھپە: ئەدەبى ئىلھاملار باھا:0

چوڭ دادامنى ئەسلەيمەن .
چوڭ دادام  90يېشىدا ئامانەتنى تاپشۇردى .
چوڭ دادام مەن ئىسىمنى بىلسەم مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنمەن ، ئەڭ بالدۇرقى ئىسىمدە قالغىنى،چوڭ دادام ( ئادەتتە مەن بوۋامنى چوڭ دادا دەپ چاقىراتتىم )مىنى سائەت نەچچە بولغانلىقىنى كۈرۈپ كىلىشكە بۇيرىسا ، ئىككى قۇلۇمنى سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسىغا ئوخشاش قىلىپ تۇرۇپ< ئۇزىنى 3 تە ، قىسقىسى 7 دە تۇرۇپتۇ > دەپ دەپبىرەتتىم . بەلكىم شۇ چاغلىرىم 5 ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك ، ئەشۇ چاغلارنىڭ ئالدى كەينىدە مەن ئىزچىل چوڭ دادام بېلەن بىللە ئىدىم .
ھېلىمۇ سەل غۇۋاراق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ،مىنى خەتنە قىلغان شۇۋاقىتتا مەن <چوڭ دادا > دەپ يىغلاپ كەتكەنىدىم ، كىيىن دادامنىڭ دەپ بىرىشىچە چوڭ داداممۇ سىرىتتا تۇرۇپ مەن بېلەن تەڭ يىغلاپ كىتىپ تىكەنتۇق .ئۇ تولىمۇ كۆڭلى يۇمشاق كىشى ئىدى .
چوڭ دادام كىچىك ۋاقتىدا ئىنتايىن كۆپ جاپالارنى تارتقان ئىكەنتۇق ، 11_12 ياش ۋاقىتلىرىدىلا  بايلارغا يىللىقچىلىققا تۇتۇپ بىرىلگەن ئىكەنتۇق ، كىيىن ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ مەجبۇرى ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان ئىكەنتۇق . ئۇ دائىم بېشىدىن ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلارنى ، كۆرگەن ئىشلارنى ، بۇرۇن ئۆزى ئاڭلىغان ھىكايىلەرنى،ئۆزى كىچىك ۋاقىتلاردا كۆرگەن< مەمتېلى ئەپەندى> ۋەئۇنىڭ ئىزچىللىرى، ئۆزى قاتناشقان جەڭلەر،كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى قاتارلىقلارنى بىزلەرگە سوزلەپ بىرەتتى .
مەن ئەسلىدە چوڭ دادام ھايات ۋاقتىدا چوڭ دادامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان شۇ ھىكايىلەرنى خاتىرىلەپ ،مۇشۇ خاتىرەمدە <بوۋام ئېيىتقان ھىكايىلەر >دەپ چىقىرىشنى ئۇيلىغان ئىدىم ، ئەپسۇس بۇ ئىشلارغا نىسىپ بولمىدى، ئادەم شۇنداق بۇلىدكەن،ياندا تۇرغاندا مەڭگۇ يېنىمىزدا تۇرىدىغاندەك بۈگۈن بولمىسا ئەتە مۇڭدىشىۋالىمەنغۇ ، ئەتە بولمىسا ۋاقتىم چىققاندا دەپ پەرۋاسىز ئۈتۈپ كىتىدىكەنمىز  دە ئاخىردا ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ قالىدىكەنمىز . (ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئاشۇ ئەزىز لىرىمىز نى خۇشال قىلالاشنى نىسىپ قىلسۇن ).
چوڭ دادام مەن ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن شۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز دىن خوشال بولغان ئىدى ھەتتا مىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماقچىمۇ بولغان ئىدى .
مەن ئۇقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا بىرقانچە قېتىملاپ مىنى كۆرگىلى بارغان ،ھەمدە مىنى ئۇ يەرلەردە مۇساپىرچىلىق تارتىپ قالمىسۇن دەپ ئۇ يەرلەردىكى تۇققانلارغا ، دوست بۇرادەرلىرىگە تۇنۇشتۇرۇپ قۇيغان
ئىدى .
مەن ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ قايتىپ كەلگىنىمدە شۇنداق خۇشال بۇلۇپ مىنىڭ خىزمەت مەسىللىرىم توغرىسىدا ئۈمۈتلۈك خىياللارنى قىلغان ئىدى . كىيىنچە جەمىيەتتىكى بەزى بىر چىرىكلىكلەنى كۈرۈپ سەل ئۈمۈتسىزلىنىپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قۇيىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى .ئاخىرى مەنمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم ،خىزمەتكىمۇ ئۇرۇنلاشتىم بۇۋاقىتتا چوڭ دادام ئالامچە خوشال بولغان ئىدى .يەنى مىنى ئۇقۇتقىچە سەل ھالسىراپ قالغان دادام ئۈچۈنمۇ خوش بولغان ئىدى ، كۆرگەنلا ئادەمگە<مىنىڭ نەۋرەم دادىسىنى يول ماڭغۇزماي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ خىزمەت تاپتى >دەيتى .
بىر قېتىم چوڭ دادامغا ھەمراھ بۇلۇپ ياتقىنىمدا ئۇنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇقىغان دوئاسىنى ئاڭلاپ قالدىم .ئۇ دۇئاسىنىڭ ئاخىرىدا <ئى ئاللاھ مىنى ياشلىقتىكى دۆلەتتىن ، قېرىغاندىكى مەينەتتىن ساقلىغىن >دەپ ئاخىر لاشتۇرغىنىنى ئالىغان ئىدىم . ئۇ تىلىگىنىدەك ياشلىقىدا تازا جاپالارنى تارتىپتىكەن ،لىكىن قېرىغاندا بىر كورگەن كىشى خىزىرغا ئۇخشاتقىدەك پاكىزە قېرىغان ئىدى .(ئاللاھ روھىنى شاد قىلسۇن )
قىسقىسى چوڭ دادام بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن خوشال بۇلۇپ ، قايغۇسى ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆتكەن ئادەم .
ئۇ مىنىڭ ھەمدە بىزنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ تاغدەك بىر تۈۋرۈكى ئىدى .   ئۇ مىنىڭ بىر ھايات تارىخىم ئىدى .
ئاللاھ چوڭ دادامنى قەبرە ئازاپلىرىدىن ئازات قىلغاي ، ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي .ئامىن …………………………………

2009.01.27 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup