ان ، ئىشسىزلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىسە باج كەچۈرۈم جەھەتتىن بەلگىلىك ئېتىبار سىياسەتلەر بار .
پايدا زىيان تەھلىلى
1. تىجارەت نىشانى
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش .( يەنى يىلدا 1920 نەپەر ،ھەر ئايدا تەخمىنەن 160 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش )
2 . ئاساسىي تىجارەت كىرىمى يىلدا 768000يۈەن (ۋاكالىتەن بالىلارغا قاراش)
چۈشەندۈرۈلىشى :
ئايلىق تىجارەت كىرىمى : 160يۈەن*400 ئوقۇغۇچى = 64000 يۈەن
يىللىق كىرىم : 64000*12=768000
دەرس تەكرار قىلىپ بىرىش تۈرى : يىللىق كىرىم 10200 يۈەن
چۈشەندۈرۈلىشى : (1)يىلدا 34 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ، ھەر بىر پەن ئۈچۈن 300يۈەن تاپشۇرۇش . 34*300=10200
(2) ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى تەكرارلاپ بېرىش ، ھەر بىر سىنىپتا 11~12 نەپەر ئوقۇغۇچى
(3) ھەر بىر سىنىپنىڭ ئايلىق كىرىمى 3300 يۈەن ، ھەر ئوقۇتقۇچىغا بىر ئاخشاملىق ئىش ھەققى ۋە مۇكاپاتى ئۈچۈن 50~100يۈەنگىچە (تەخمىنەن 75يۈەن ) بولغاندا ، 3300- (75*8)=2700يۈەن بولىدۇ .
(4)ئىككىنچى يىلدىن باشلاپ يىللىق كىرىم 10% ، ئۈچىنچى يىلى 20 % ئاشىدۇ .
مەبلەغ كىرىمىنى ئالدىن ھېسابلاش
ئاساسىي تىجارەت پايدا كىرىمى = يىللىق ئومۇمىي كىرىم – يىللىق ئومۇمىي چىقىم
76800-(43840*12ئاي ) – ( 2000*12) = 217920يۈەن
قوشۇمچە تىجارەت پايدا كىرىمى = يىللىق ئومۇمىي كىرىم – مۇكاپات ھەققى – باشقا چىقىملار
10200 – 1800 – 400 = 8000يۈەن
ئومۇمىي پايدا = ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى + قوشۇمچە تىجارەت كىرىمى
217920 + 8000 = 225920 يۈەن
5 . زىياننى مۆلچەرلەش
(1) ئەگەر يىلدا ئەڭ ئاز دىگەندە 1315 نەپەرئايدا 109 نەپەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالىساق كىرىم – چىقىم تەڭلىشىدۇ .
(2) ئەگەر يىلدا 1315 نەپەر ئايدا 109 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالىساق پايدىغا يۈزلىنىدۇ .
(3)ئەگەر يىلدا 1315 نەپەر ئايدا 109 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالمىساق زىيان تارتىمىز .
(4) ئەگەر پىلان بويىچە يىلدا 1920 نەپەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالىساق يىللىق ئالىدىغان پايدا 217920 يۈەن بولىدۇ .
6 . خىيىم – خەتەر تەھلىلى
(1) تاللىغان ئورۇننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى مۇۋاپىقمۇ قانداق ؟
(2) تاللىغان ئورۇن مەكتەپنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىغا ماس كىلەمدۇ يوق ؟
(3) رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟
(4) ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟
(5) باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟
(6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى مەسىلىسى قانداق ؟
دىگەنلەرنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك !
ھەل قىلىش ئۇسۇلى :
(1) ئورۇننى تاللاشتا بىر قانچە يەرنى تاللاپ ، بىر قانچە لاھىيە تۈزۈپ مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلىنى ئاڭلاپ ئەڭ ياخشى لاھىيە ۋە ئورۇننى تاللاش كېرەك . ھەمدە تاللىغان ئورۇننىڭ ئەتراپىدىكى ئاممىغا بىر قېتىملىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك .
(2) مەكتەپ بىلەن ئورۇننىڭ كۈتىۋېلىش ۋە ئۇزىتىش ۋاقتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ قاتناش ۋاستىسىنىڭ قولايلىق بولىشى ھەمدە كېچىكىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم .
(3) رىقابەتچىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ، ئۇلاردا بار شارائىتنىڭ بىزدە بولىشى ھەتتا ئۇلاردا يوق شارائىتنىڭ بىزدە بولشىنى ھەمدە باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك !
(4) ھەر قېتىم مەبلەغ سېلىشقا توغرا كەلگەندە قايتا -قايتا تەھلىل قىلىش ھەمدە مۆلچەرلىگەن ساننى سەل چوڭراق مولچەرلەش كېرەك .
(5) ئوقۇتقۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ساپاسى يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش كېرەك .
بازار تىجارەت تاكتىكىسى
1 . مۇلازىمەت چۈشەندۈرۈلىشى ۋە باھا
(1) چۈشلۈك مۇلازىمەت : بالىنى ئاپىرىپ ئەكىلىش ، چۈشلۈك تاماق ، دەرس تەكرار قىلغۇزۇش چۈشلۈك ئۇخلىتىش ھەر ئېيى 250 يۈەن
(2) چۈشلۈك كەچلىك مۇلازىمەت : بالىنى ئاپىرىپ ئەكىلىش ، چۈشلۈك تاماق ، دەرىس تەكرار قىلغۇزۇش ، كەچلىك تاماق ، يۇيۇندۇرۇش ، كەچلىك مۇزاكىرە قىلغۇزۇش كەچ سائەت 9:00 بىلەن ئائىلە باشلىقى ئۆزى كىلىپ ئەكىتىش . ھەر ئېيى 550 يۈەن
(3) ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ھەر قېتىملىقى 20 يۈەن .
(4) يەككە پەندىن قوشۇنچە تەربىيەلەش : ( ئەدەبىيات، ماتىماتىكا ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئىنگىلىزتىلى ، گۈزەل سەنئەت ، مۇزىكا قاتارلىقلار ) ھەر ئايلىقى 300 يۈەن .
(5) دەرستىن سىرتقى بىلىملەردىن تەكرار قىلىپ بىرىش (ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسى ، كەيپىياتنى تەڭشەش تەربىيىسى ) ھەر ئايلىقى 300يۈەن
(6) ئالاھىدە مۇلازىمەت : ( بالا ئاغرىپ قېلىپ مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ بارالماسلىقى ياكى كۈندۈزى بىرەر ئىش بىلەن بالىنىڭ ھاجىتى چۈشۈپ قېلىشى . ) ھەر قېتىملىقى 30 يۈەن
چۈشەندۈرۈلىشى :
(1) چۈشلۈك ۋە كەچلىك مۇلازىمەتتە 4~5 ئاي بىر مەۋسۈم ھېسابلىنىپ ، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ھەر ئاينىڭ 1 – كۈنى ھېسابات بوغىدۇ .
(2)ۋاكالىتەن قاراش مۇلازىمەت سىنىپى 4 سىنىپ بولۇپ تەشكىللىنىپ ھەر بىر سىنىپتا 45 ئوقۇغۇچى بولىدۇ . يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل ۋاقتىدا ئوخشاشلا مۇلازىمەت قىلىنىدۇ .
(3) دەرس تەكرار قىلىپ بېرىدىغان سىنىپ 12 ئوقۇغۇچى بىر سىنىپ بولىدۇ .
تىجارەت تاكتىكىسى
1 . ئورۇننى تال
لاش
(1) قاتناش قولايلىق ئورۇننى تاللاش
(2) ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ 4 تىن كەم بولماسلىقى كېرەك .
(3) تاللىغان ئورۇن شەھەر ئىچىدە بۇلىشى كېرەك
(4) تاللىغان ئورۇن 500 كۇۋادىرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى لازىم .
2 . ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۇش
3. تىجارەت پىلانى
(1) يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تىزلىتىشنى يىللىق ئومۇمىي خىزمەتنىڭ مۇھىمى قىلىش .
(2) ھەر قايسى مەكتەپ ، كوچا ۋە مەخسۇس ئېلان ئورۇنلىرىدىكى ئېلان ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئېلان تەشۋىقاتنى ياخشى قىلىش .
(3) تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى تارقاتقاندا ، تەشۋىقات ۋاراقچىسى چوقۇم ئىستىمالچىنىڭ قولىغا تىگىشىگە كاپالەتلىك قىلىش .
(4) قۇشۇمچە تىجارەت كىرىمنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن ، كۆپچىلىكنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا بولغان ئىدىيىۋى خىزمىتىگە تايىنىش ھەمدە يىل ئاخىرىدا 34 ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىنىش پىلانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش .
(5) 2 – ، 3 - يىللىق بازار ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، يېڭى مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ ، جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ، ھەمدە كىرىمنى كۆپەيتىش
ئۇفـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ! ئاخىرى تەرجىمە قىلىپ بولدۇم .
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنىڭدەك مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت – شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !
02:41
sa