باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ ئىشتىراكچىللىرى بەلكىم شۇنداق ئويلاپ قالدىمىكىن باي دادام تور خاتىرىسى بىر ئىگىلىك توغرىسىدىلا ، پۇل توغرىسىدىلا ، ئىقتىساد توغرىسىدىلا بىر نىمىلەرنى دەپ كىشىنى سەل زىرىكتۈرۈپ قۇيىدىغان جاي ، بۇ تور خاتىرىنىڭ يازغۇچىسى سېپى ئۆزىدىن ئىگىلىك مەستانىسى بۇلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالغان بۇلىشىڭلار مۇمكىن ، دەرۋەقە بۇ تور خاتىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى يازمىللىرىنىڭ ھەممىسى بەكلا كەسپىلىشىپ كىشىنى سەل پەل زىرىكتۈرۈپ قۇيىدىغان ھالەتكە كىلىپ قېلىۋېتىپتۇ . لىكىن بۇنىڭلىق بېلەن باي دادام تورخاتىرىسىنىڭ ئەسلىدىكى نىشانى «ئىقتىساد ، ئىگىلىك تىكلەش ئاساس ، باشقا ئونۋېرسال تىمىلار تەڭ مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرىدىغان » خارەكتىرى ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق ، باي دادام تور خاتىرسىنىڭ ئاپتۇرى كەمىنە : «باي دادام» مۇ قىلچە ئىستىتىك تۇيغۇللىرى يوق ئىگىلىك مەستانىسى ئەمەس . مەنمۇ بىر شېئىر ھەۋەسكارى ، مەنمۇ كۈيۈپ يۈرگەنلەردە شېئر يازغان ، ناخشىلارنى تۇقىغان . لىكىن ئۇلارنى بۇيەردە دوسلارغا كۆرسەتكۈچىلىكى يوق . شۇڭا
مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان شېئىرلاردىن تاگورنىڭ نەسرى شېئىرىدىن بىرنى كەلتۈرەي .
ساناتەن (ھىندىلارنىڭ چوڭ موللىسى) دەريا بۇيىدا تەسۋى سىرىپ ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇراتتى بۇ چاغدا جۇل-جۇل جەندە كىيگەن بىر بىراھمان(ھىندىلارنىڭ سەدىقە تىلەيدىغان سوپىللىرى) ئۇنى يېنىغا كەلدى .
- ماڭا ئىلتىپات قىلىڭ ، -دىدى بىراھمان ، -مەن بەك بىچارە بۇلۇپ قالدىم .
- مىنىڭ كاچكۇلۇم پەقەت بىرلا ، مەن ھەممە نەرسەمنى پاك – پاكىز سەدىقە قىلىۋەتتىم .
- بىراق ، رەببىم چۈشۈمدە ماڭا بىشارەت بىرىپ ،- دىدى بىراھمان -سىزنى تېپىشىمنى بۇيرىغان .
ساناتەن توساتتىن دەريا بۇيىدىكى سەدەپ تاشلىرى ئارسىدىن تېپىۋالغان بىر ئىسىل تاشنى ئىسىگە ئالدى ، ئۇ بۇنى باشقىلارغا ئەسقېتىپ قالار دەپ قۇمساڭغۇ ساھىلغا كۈمۈپ قويغانىدى .
ئۇ تاش كۈمۈلگەن جاينى بىراھمانغا ئېيتىپ بەردى .
بىراھمان تاشنى ھەيرانۇ ھەسلىك بېلەن قېزىۋالدى .
بىراھمان داق يەردىلا ئولتۇردى . ئۇ قۇياش دەل دەرەخلەرنىڭ كەينىگە ئۈتۈپ كەتكىچە ، چوپان بالا پادىسىنى ھەيدەپ مەھەللىگە قايتقۇچە ئىستىقامەت قىلىپ يالغۇز ئولتۇردى .
بىر چاغدا بىراھمان ئورنىدىن تۇرۇپ ساناتەننىڭ ئالدىغا ئاستا كەلدى :
_ پىر -ئۇستاز ، بىر خىل بايلىق باركى ، ئۇنىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى باشقا بايلىقلار بىر بېقىپ قۇيۇشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ ، ئاشۇ بايلىقتىن ماڭا زەرىچە بولسىمۇ بەرسىڭىز .
ئۇ گىپىنى تۈگىتىپلا ھېلىقى ئىسىل تاشنى سۇغا چۆرۇپ تاشلىۋەتتى .
تاگورنىڭ نەسرى شېئرلىرى توپلىمىدىن ئېلىندى .
بۇ تور بەت سەھىپىرلىرىنىڭ مۇشۇنداق تەسىس قىلىنىشى ئىنتايىن توغرا بوپتۇ، بىزدە ئەدەبىي تور بەتلەر بەك تولا، «بايدادام»بولسا كېچە ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز. تەپەكككۇر تېخىمۇ جۇلالانسۇن، ئاللا سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن
[Reply]
20:30
چۇڭلارىنڭ بىر گىپى بارغۇ،(ئەجىرقىل دەرياغا سال،ئەجىرىڭنى ئاللاھدىن تىلە )ھەرقانداق ئىش قىلايلى چۇقۇم ھەم بىرىشنى ھەم ئىلشنى بىلشىمىز زۈرۈر،ئەگەر سىز مەيلى باي بۇلۇڭ ياكى ئادەتتىكدەك ئادەم بۇلۇڭ ئۈزىڭىزدىن تۈۋەن تۇرمۇشتىكلەرىنڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ تۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.ئۇلارىنى ھەم پەس كۈرمەڭ.(سەندە تۇرماس بۇبايلىق،مەندە تۇرماس بۇمەينەت)
[Reply]
باي دادام Reply:
ماي 26th, 2011 at 18:10
چوڭلارنىڭ ھەربىر سۆزلىرى ھىكمەتكە تولغان .
[Reply]