ھاراق ئىچمەي تۇرۇپمۇ ئۆسكىلى بۇلامدۇ؟

سەھپە: باي دادام تەۋسىيەلىرى باھا:7

ھاراق ئىچمەي تۇرۇپمۇ ئۆسكىلى بۇلامدۇ؟

باي دادام  

بۇنداق دىسەم تازا بىر ئەمەل مەستانىسى ئوخشايدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ ؟ يېقىندا بۇلۇپ ئۆتكەن بىر قاتار ئىشلار مىنى مۇشۇنداق خىياللارغا كەلتۈرۈپ قويدى. ھاراق ئىچمەسلىكىم تۈپەيلى باشلىقلىرىم بېلەن بولغان ئازىراق سۈركىلىشلەر، مىنى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەمەل تۇتۇپ مەمۇرىيەت ئىشلىرى بېلەن شۇغۇللىنىشنى ئىستەۋاتقان دوسلار ئۈچۈن بۇ توغرىسىدا بىر مۇلاھىزە قىلىپ كۈرۈشكە ئۈندەپ قالدى. بىرلىكتە ئويلىنىپ باقايلى !

 ھاراق ئىچمەي ئۆتكەن كۈنلەر .

دوستۇم سىز ھاراق ئىچەمسىز ؟
مانا مەن 27 ياشقا كىردىم، ھازىرغىچە ھاراقنى بىر يۇتۇم ئىچكەن ئادەم ئەمەسمەن. ھەم ئىچمەيمەن .
كىچىكىمدىن ئىتىقادلىق ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا بۇ نوقتىدىكى تەربىيەمۇ ئىنتايىن قاتتىق ئىدى. بۇرۇنقى چاغلاردا ئانام دادام دائىم ماڭا : “ ئەگەر ھاراقنى ئاغزىڭغا ئالىدىغان بولساڭ، بىز سەندىن رازى ئەمەس “ دەيتى .
 شۇڭلاشقىمۇ بۇنىڭدىن ئۆزەمنى تارتتىم، لىكىن دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ تولىسى ئىچىدۇ، ھەتتا تازا ھاراقكەش. مانا بۈگۈنگىچە نۇرغۇن سورۇنلاردا ئولتۇردۇم، نۇرغۇن قېتىملىق ھاراق زورلاشلارغا ئۇچرىدىم،ھەرقېتىم ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ، ياكى يامانلىشىپ يۈرۈپ، ئىشنىقىلىپ چىرايلىق ياكى سەت بۇلۇپ ئىچمەي كەلدىم .
ئەڭ دەسلەپتە تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلىم، تۇنجى قېتىملىق ھاراق زورلاشقا ئۇچرىدىم،ئۇلار ھەممىسى ساۋاقتاشلىرىم ئىدى، ئۇقۇش پۈتتۈرگەننى خاتىرىلەپ پىۋا ئىشكەن. بۇ قېتىم يامانلىشىپ يۈرۈپ ئىچمىدىم.تۇلۇق ئوتتۇرا ۋاقتىمدا بىرقەدە قاتتىق مۇئامىلىدە بولدۇم.يەنى “ مەن بار يەردە ھاراق بولمايدۇ،ھاراق بار يەردە مەن بولمايمەن“ دەپ سورۇنلارغا بارمىدىم . لىكىن ئۆزەم بىلىپ بىلمەي ئۇغۇل بالىلاردىن ئايرىلىپ قالدىم، ئوغۇللارمۇ بىرەر ئىش بولسا مىنى چاقىرمايتى مەنمۇ ھاراقتىن يىراق يۈرگىنىمگە خوش بۇلۇپ يۈرىۋىرىپتىمەن، قاچانلا قارىسا ئاتراپىمدا بىرتوپ قىزلار  بۇلاتتى، ئۇغۇللارغا قارىغاندا قىز دوسلىرىم جىق ئىدى.
ئاغىنە بالىلار دەيتى : سەن چوقۇم ئالى مەكتەپكە بارغاندا ئىچىپ كىتىسەن، ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، دەيتى.
سورۇنلاردىكى ھاراق زورىنىڭ دەككى دۈككىسىدە ئالى مەكتەپكىمۇ باردىم، لىكىن بۇيەردە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ گەرچە ھاراق ئىچمىسەممۇ لىكىن ھاراق سۇرۇنلىرىدىن ئۈزۈمنى ئانچە تارتىپ كەتمىدىم، ھەرقانداق سۇرۇنلارغا باردىم، قانچە زورلانساممۇ ئىچمەي لىكىن ئاخىرغىچە بىللە ئولتۇردۇم. سورۇنلىرىم ئاينىپلا كەتتى، دوسلىرىممۇ ھەربىر سورۇندىن مىنى قويماي چاقىرىۋالاتتى، ئۇ يەردە ئۇنى بۇنى دىيىشىپ بىرىمەن، تەڭ ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشىپ بىرىمەن،سورۇننىڭ پۇلىنى تەڭ چىقىرىشىپ بىرىمەن. شۇنداق قىلىپ ھەممە سۇرۇندۇىن قالمىدىم، ھاراقنىڭ، نىشىنىڭ، ھەتتا ئاقنىڭ سۇرۇنىدىمۇ بىللە نۇرغۇن قېتىم ئولتۇردۇم.
 كۈرۈپ كەيىپ قىلدىم، كۈرۈپ زەھەرلەندىم، كۈرۈپ گۇناھ قىلدىم.

ھاراق ۋە تۇرمۇشىمىز.

ئالى مەكتەپ ۋاقتىمىزدا بىر ئوقۇتقۇچۇم “ سىلەر ئۇيغۇرلار ئاجايىپ بىر مىللەت ئۈزۈڭلارنى مۇسۇلمان دەپ شۇنداق بىر چوڭ بىلىسىلەر، چوشقا گۈشىدىن شۇنداق بەك پەرھىز تۇتىسىلەر،ئۇنىڭدىن شۇنداق قاچىسىلەر، لىكىن ھاراقنى بەك ئىچىسىلەر“ دىگەن ئىدى . دىمىسىمۇ شۇنداق بىزدە نۇرغۇن كىشىلەر بىر نىمىلەرنى سېتىۋالغاندا مۇسۇلمانچە دىگەن بەلگىلەرگە دىققەت قىلىدۇ لىكىن ھاراققا ئۇ خىل مۇئامىلىنى قىلمايدۇ.
خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، دەرۋەقە ھاراق بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىللىرىمىزنىڭ  تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىچىملىك تۈرىگە كىرىپ قاپتۇ.ئىككى كىشىنىڭ ئادەتتىكى پاراڭلىشىپ تۇرغان سۇرۇنىدىن تارتىپ چوڭ توي تۈكۈنلىرىمىزگىچە، ئاددى بىر ۋاق تاماقتىن ھەشەمەتلىك زىياپەتلىرىمىزگىچە، ئەرلەردىن ئاياللارغىچە، چوڭلاردىن بالىلارغىچە، ھەممە يەردە ھاراق، ھاراق ئىچمەي كۈن ئۆتمەس .

ھاراق ۋە ئەمەل .

ئاز  كەم  ئۈچ شۇنداق ھاراق زورىنىڭ دەككە دۈككىسىدە ئۈتۈپ كەتتى، لىكىن بۇ دەككە دۈككە تۈگىگىنى يوق . بەلكى تېخىمۇ كۆپەيدى.
ھاراق سۇرۇنلىرىدا باشلىقلىرىمغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ قالدىم. بۇلارنى ئۈڭۈپ، كۆكىرىپ يۇرۇپ رەت قىلغىلى بولمايدۇ. چىرايلىقچە يالغان ياۋىداق باھانىلار بېلەن رەت قىلمىسام بولمايدۇ. ھاراق ئىچىشنى ئەركەكلىككە  ئاپىرىپ تاقايدۇ تېخى، يەنە كىلىپ ئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشلىرىچۇ تېخى، ئەرلەرنى ئۆرىۋەتكىدەك ئىچىدۇ. بۇنداق بولغاندىكىن باشقىلارغا تېخىمۇ بۇلۇپ بىرىدۇ . “ ئاياللار چېغىدائىچسە سەن ئىچمەمسەن؟ شۇ ئاياللارچىلىك بۇلالمامسەن؟ ھەقىقى ئەركەك ئىچىدىغان نىمە بۇ ………. دىگەندەك ھەتتا  بەزىلەر ئادەمنىڭ غورورىغا تىگىپمۇ قۇيىدۇ . بۇنداق ۋاقىتتا بۇنداق قىينالغاندىن كۆرە مۇشۇنى ئىچىپلا مۇشۇ جاپالاردىن قۇتۇلايمۇ يا دىگۈم كىلىدۇ . لىكىن بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ . بىر قېتىملىق سۇرۇندا مەلۇم بىر خىزمەتنى تاپشۇرۇۋىلىش مۇناسىۋىتى بېلەن بىر نەچچە يېزا باشلىقلىرى بېلەن ئولتۇرۇپ قالدىم ، بۇ يەردە مىنىڭ بىۋاستە باشلىقىممۇ بار ئىدى شۇ سۇرۇندا مەن يەنە ئۇلارنى رەت قىلىۋىدىم ھېلىقى ئۇيغۇر باشلىقىم تەرپىدىن قوپال مۇئامىلىلەرگە ئۇچىراپمۇ  كەتتىم، لىكىن ئېغىرلىق قىلدىم . پۈتۈن سورۇن ئاياقلاشقاندا مىنىڭ ھېلىقى باشلىقىم مىنى ئېلىپ قېلىپ ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ “ مەن ساڭا دەي ئۇكا ، بۇ يەرگە سىنى ئىززەتلەپ چاقىردى ئۇلار ، سەن بۇنداق ئىززىتىڭنى بىلمىسەڭ سىنىڭ كۈنىڭ تەس ، مۇشۇنداقلا قىلىدىغان بولساڭ سەن مەڭگۈ ئۈسۈلمەيسەن، مەڭگۈ ئادەتتىكى خىزمەتچى بۇلۇپ ئۈتىۋىرىسەن . خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىساڭ مەيلى، لىكىن چوقۇم خوشامەت قىلالايدىغان، تاتلىق گەپلەرنى قىلالايدىغان، ئەڭ مۇھىمى ھاراقنى تازا كۆتۈرەلەيدىغان بولساڭ ئاندىن ئۈسۈسەن، ئاندىن تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەللەرنى تۇتالايسەن “ دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى .
بۇ ئىشلار بۇلۇپ ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ھايات يەنە ئۆز رىتى بېلەن كىتىپ بارماقتا شۇندىن كىيىن مىنىڭ بۇ ھاراق توغرىسىدىكى خىياللىرىم ھەم دەككە دۈككىسى يوقاپ قالماي داۋام قىلماقتا .
راس گەپنى قىلسام بۇ ئەمەلدىن مىنىڭ تامايىم يوق. خۇدا خالىسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىشلارنى تاشلاپ كىتىپ قالىمەن دىگەن ئۈمۈتتە مەن . خۇدا شۇ ھارزۇلىرىمغا يەتكۈزسۇن .
مەن تۇرمۇشۇمدا ئۇچۇرغان ئاددى بۇ ئىشلاردىن ھېس قىلغان ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى بۇ خىل يۇزلىنىشنى سۆزلىگىم كىلىپ قالدى .
بەلكى مەندەك قىينىلىپ يۈرگەنلەر بۇلىشى مۇمكىن . ھۆكىمەت ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەپ ئۈسۈپ تېخىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر شۇ ھاراق سۇرۇنلىرىدا يۈرگەن بۇلىشى مۇمكىن ، يەنە شۇ سۇرۇنلاردا بىزنىڭ ھازىرقى نۇرغۇن رەھبەرلىرىمىز يىتىشىپ چىققان بۇلىشى مۇمكىن .
شۇڭلاشقا بۇ توغرىلىق ئويلىنىپ قالدىم .

ھاراق ئىچمەيمۇ ئوسكىلى بۇلامدۇ ؟

 
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ھۆمەتتە: باي دادام

باي دادام تور خاتىرىسى

2010.11.26 ئاپتور: باي دادام
خەتكۈچ: ، ،
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2010.12.2
13:29
1-قەۋەت: «wulkan» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ مۇشۇ ھاراق دىگەن نەرسىدىن شۇنداق سەسكىنىمەن، بىراق زور لىنىپ قىيلىنىپ يۇرىمەن، شۇ سەۋەبتىن بەزىدە خىزمەتتىنمۇ رايىم قايتىپ كىتىدۇ، ئەسلىي ھاراق ئىچمەي يۈرسە نىمىدىگەن ياخشى!

[Reply]

2010.12.12
01:04
2-قەۋەت: «بەگتاش» مۇنداق دېدى:

ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بوپتىمىز، جۈجاڭ تىللاپ، مازاق قىلىپ كەتكەنتى، بىزىپلا تۇرىۋالدىم، ھازىر زورلاپ كەتمەيدۇ

[Reply]

2010.12.26
21:21
3-قەۋەت: «بارخان» مۇنداق دېدى:

مىللىتىمىز ئارىسىدا ھاراققا زورلىنىشلار بولمىسىمۇ ئۆزى زورلاپ ئىچىۋىلىپ كوچىلاردا ئىغىناپ يۇرىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كىتۋاتىدۇ.ئۇلارمۇ سىزدەك قاراشتا بولسىچۇ كاشكى….

[Reply]

2010.12.30
18:16
4-قەۋەت: «tongtax» مۇنداق دېدى:

ئىمان ئېتىقادىڭىزدا مۇستەھكەم تۇرغىنىڭىزغا ئاپىرىن قىرىندىشىم !! ئاللاھ سىز بىزدەكلەرگىمۇ ئاسانلىق يارىتىپ بىرىدۇ چوقۇم….

[Reply]

2011.01.5
13:38
5-قەۋەت: «قارا قۇياش» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ ئوخشاش تەقدىردىمەن ›باشقا ئىش تاپسام پۉۉۉۉۉۉۉۉۉۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن شۇئىشقا كىرىشىمەن …..ئۆسۈشتىن قىلچە تامايىم يوق ……

[Reply]

2011.02.13
19:37
6-قەۋەت: «ھەيرانە» مۇنداق دېدى:

پۇل تاپساق ،ئۆسىمەن دەپ ھاراق ئىچىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

[Reply]

باي دادام Reply:

توغرا دەيسىز ، شۇڭا ئىگىلىك تىكلەيلى !
قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

[Reply]

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se