نۇرتاي ھاجى ھەققىدە

سەھپە: ئۇتۇقنامە باھا:4

نۇرتاي ھاجى ھەققىدە

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

 
ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك خەير- ساخاۋىتى بىلەن ئەلنىڭ يۈكسەك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر يېقىندا بېيجىڭدا كاتتا شەرەپ سەھنىسىگە چىقتى . 
شىنجاڭلىق بۇ خەير- ساخاۋەتچىنىڭ نامى پايتەخت ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭخۇا ئېلىگە تارالدى.
2006-يىللىق جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە نام بېرىش- مۇكاپاتلاش يىغىنى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى ،يىغىندا شىنجاڭ غەربىي نۇرگۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەرگە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دېگەن نام بېرىلدى .  
نۇرتاي ھاجى 1996-يىلى 24-سېنتەبر ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،3مىليون 800مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىنى قۇرغاندا ،دەسلەپكى قەدەمدە ئىلى ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە ،بىر شەھەردىن قۇبۇل قىلىنغان 60يىتىم بالا بۇ سۆيۈملۈك دادىسىغا 60دەستە گۈل سۇنغانىدى.

ئارىدىن ئون يىل ئۆتتى ،ئون يىلدىن بۇيان ، نۇرتاي ھاجى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيۋاتقان بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش ، تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى ، ئۇلارغا يېتىملىكنى ھېس قىلدۇرماسلىق ،ئۇلارنىڭمۇ ئاتا – ئانىسى بار  بالىلارغا ئوخشاش خۇشال – خۇرام ،ساغلام چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى .بۇ بالىلارغا ھەريىلى تاماق ،كىيىم – كېچەك ، تۇرالغۇ ، داۋالىنىش ئۈچۈن 1مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاجراتقاندىن سىرت ، ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن،يەنە 2 مىليون يۈەن خەجلەپ ،ئىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت رايونىنىڭ بىرى -كەڭسايدىكى گېنېرال جىلغىسىغا بالىلار باغۇ- بوستان ئارامگاھى قۇرۇپ بەردى .بالىلار ھەريىلى بۇ ئارامگاھتا يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى .ھازىر نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلار(2006)310غا يەتتى.(ھازىرقى باللارنىڭ سانى 500دىن يۇقىرى بولشى مۇمكىن)
بۈگۈنگىچە نۇرتاي ھاجى بۇ مەكتەپتىكى بالىلىرى ئۈچۈن 12مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ،مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بەردى ،شۇڭا بۇ بالىلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئازادە يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇش ،ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىدى.
چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى تەرەققىيات بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت چولپىنىنى باھالاش پائالىيىتىدە جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق چولپىنى جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنغان .  
نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر جۇڭخۇا خەير -ساخاۋەت چولپىنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كارخانىچى .ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ لېدىرى زوڭ چىنخۇ ،شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ لېدىرى ياڭ جاۋمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
شىنجاڭ گېزىتى 2006-يىلى7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى كۆپ مىللەتلەردىن قىلغاي.
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۈرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
ھۆمەتتە: باي دادام

باي دادام تور خاتىرىسى

 

2010.11.30 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ، ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2010.11.30
18:23
1-قەۋەت: «سابا» مۇنداق دېدى:

بۇ ئاكىمىز باش پىرشۇناز قىلىنىپ ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى كىنو قىلىنىپمۇ ئىشلەندى، مەن كىنوسىنى كۆرگەن

2010.12.3
15:14
2-قەۋەت: «بارخان» مۇنداق دېدى:

بۇكىشىنىڭ قىغان ساخاۋەتلىك ئىشلىرى بەك كۆپ ،ئۇ مىللىتىمىزنىڭ پەخرى.

2010.12.12
13:50
3-قەۋەت: «سەيياھ» مۇنداق دېدى:

نۇرتاي ھاجىنىڭ <نۇر گوروھى> دەپ بىر گوروھى بۇلىدىغان . ئاڭلىسام قول ئاستىدا خېلى كۆپ شىركەتلەر بار ئىكەنتۇق . لىكىن خېلى بۇلۇپ قالدى نۇر گوروھى توغرۇلۇق بىرەر يېڭى خەۋەت ئاڭلىمىدۇق .

2010.12.30
18:09
4-قەۋەت: «tongtax» مۇنداق دېدى:

ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن!!!…

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup