قازان بېشىنى خوتۇندىن تارتىپ ئالدىم .

سەھپە: راس گەپ باھا:7

قازان بېشىنى خوتۇندىن تارتىپ ئالدىم .

بىر ئائىلىدە تاماقنى ئەر ئىتەمدۇ ياكى خوتۇن ئىتەمدۇ ؟

بۇ سۇئالغا نۇرغۇن كىشىلەر – ئايال كىشى ئىتىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئەر كىشى ئىتىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . بۇ خىل قاراشتىكىلەر يېڭىدىن پەيدا بولغان باشقا مىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەردۇر .
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئەر بېلەن ئايال ئىككىسى تەڭ ئىتىدۇ، بىرسى تاماق ئەتسە بىرى قاچا يۇيىدۇ،بىرى كۆكتات ئادالىسا بىرى قورۇما قورۇيدۇ، دەپ قارايدىغانلار .
بۇخىل قاراشتىكىلەر ھازىر ياشلاردا كۆپىيىپ قالدى.
بۇ سۇئال ھازىرغىچە نۇرغۇن تالاش تارتىشلارنى پەيدا قىلغان، ھەم ئوخشاش بولمىغان نەتىجە بېلەن خاتىمىلەنگەن . ئوخشىمىغان ئۆيلەردە چۈمۈش بېلەن پەرتۇق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ قۇلىدا .
ئەمدى گەپنى يىغىپ ئۆز گىپىمگە كەلسەم : 
 

ئۆيدە تاماقنى كىم ئىتىدۇ ؟ 
بۇ سۇئال مىنىڭ ئۈيۈمدىمۇ توينىڭ ئالدى كەينىدە ئازىراق تىلغا ئېلىندى، ھەم ئازىراق مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلدى .
دەرۋەقە ئايالىم ئىككىلىمىز خىزمەتچى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشلەپ ئوخشاش ئىشتىن چۈشىمىز . بەزىدە ۋاقىت بەكلا قىستاپ قالىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ ئايالىم تويدىن بۇرۇن تاماقنى تەڭ ئەتكۈچىلەر تەرەپتارى ئىدى ، لىكىن مەن تاماقنى چوقۇم ئايال كىشى ئىتىشى كېرەك دىگەن تەرەپتە . ئىككىمىز بىر مەزگىل قىزغىن مۇنازىرىلەرنى قىلدۇق. ئاخىرقى ھېسساپتا ئايالىم مىنىڭ قاراشلىرىمغا قۇشۇلدى .ئەلۋەتتە ئۆزئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، مىنىڭ قاراشلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ يىتىپ قارشىنى ئۆزگەرتىپ قازان بېشىنى قۇلىغا ئالدى. مەنمۇ ئامال بار سىرىتلاردىكى ئىشلارنى ھەم سىرىتلاردىن ئېلىپ كىرىدىغان نەرسىلەرنى ئامال بار تۇللۇق ئەكىرىپ بىرىمەن .
 ئۆي سىتىۋالغاندىمۇ ئاشخانىغا بىرلا ئادەم سىغىدىغان ئۆي سېتىۋالدۇق .
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلارنى ئۆز ئىزىغا سېلىۋالدىم .

ئۆي تامىقى ۋە ئۇنىڭ خاسىيىتى .

مەن كىچىكىمدە چوڭ ئانامنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان، ئۇلار ماڭا ھەرگىز سىرىتتىن سېتىۋالغان ھەرقانداق بىر يىمەكلىكنى يىگۈزمەيتى . دائىم ”سىرىتتا ساتقان بىر نىمىلەرنى تاماقلارنى يىسە ئادەمىنىڭ ئەقلى يوق دۆت بۇلۇپ قالىدۇ“ دەپ نەسىھەت قىلاتتى . ھازىر ھېس قىلسام بۇ بىر چوڭ ھەقىقەتلەر يۇشۇرنۇپ ياتقان ئىنتايىن راس گەپكەن . كىيىنچە مەكتەپلەردە ئۇقۇدۇم، باشقا شەھەرلەرگە باردىم . چوڭلارنىڭ بۇ نەسىھەتلىرىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ ۋە ياكى ئامالسىز دىگەندەك سەۋەپلەر بېلەن سىرىتلاردا ھەر نىمىلەرنى يەپ يۇردۇم . يىللار ئۈتىۋەردى لىكىن بارغانسىرى چوڭلارنىڭ دىگەنلىرىنىڭ بەك توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم . شۇڭلاشقا توي قىلغاندىن كىيىن ئامال بار سىرتلارنىڭ تاماق ۋە باشقا يىمەكلىكلىرىدىن ئۆزۈمنى تارتىپ يۇردۈم . ئۈيۈمدىمۇ چۇقۇم كۈندە تاماق ئىتىلىپ تۇرىدۇ .
مەن شۇنداق ئويلايمەن ، ئۆي تامىقىنىڭ خاسىيىتى ئىنتايىن چوڭ .
بىر ئۆيدە ئىتىلگەن ئۆي تامىقى بىر ئائىلە كىشىللىرىنى ئۆم ئىناق قىلىدۇ . شۇ تاماق ئارقىلىق بىر ئائىلە كىشىللىرىگە مىھرى مۇھەببەت تارقىتىلىدۇ .
ئەر كىشى تاماققا كېرەكلىك نەرسىلىرنى سىرىتتىن ئېلىپ كىرىپ بىرىدۇ ، بۇنىڭغا ئەكىرىپ بەرگۈچىنىڭ ئەجرى مىھنىتى سىڭىدۇ. بۇلارنى ئايال ياكى ئانا ئۆز مىھنەت ئەجرى بېلەن مەززىلىك تائامغا ئايلاندۇرۇپ ئەرنىڭ ياكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىلىدۇ . داستىخاندا بىرلىكتە ئولتۇرۇپ بىرلىكتە يەيدۇ . بۇ تائام ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەدىنىگە قۇۋۋەت روھىغا مىھىر بۇلۇپ سىڭىدۇ . شۇنىڭ بېلەن بىر ئائىلە كىشىللىرى بىر بىرىگە مىھىرلىك مۇھەببەتلىك ئىناق بۇلۇپ ئۈتىدۇ. مانا بۇ ئۆي تامىقىنىڭ خاسىيىتى .
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئائىلىدە تاماق ئىتىلمىسە بولمايدۇ .

قازان بېشىغا ئۆتتۇم لىكىن پەرتۇق تاتمىدىم .

ئاشخانا ئۆيدىكى ئىشلاردىن، چاي قاينىتىشتىن بۆلەك ھىچ بىر ئىشنى ئۆگۈنۈپ قويماپتىكەنمەن . توي قىلىپ بىر نەچچە ئايلا خوتۇننىڭ تامىقىنى يەپتىمەن، ئەمدى بولغاندا خوتۇن مىنىكىنى يەيدىغان بۇلۇپ قالدى. لىكىن بۇنى مەن خوشاللىق بېلەن قۇبۇل قىلدىم. چۈنكى ھاياتىمنىڭ مىۋىسىنى ئاللاھ ماڭا نىسىپ ئەتكەن ئىدى . شۇڭلاشقىمۇ ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈر ئېيتىش بېلەن بۇ ئىشلارنى خوشاللىق بېلەن قۇبۇل قىلىپ قازان بېشىغا ئۆتتۈم . خوتۇنۇم مەن ئەتكەن تاماققا سىزىك بولغان ئوخشايدۇ.
ھەر قېتىم تاماق ئىتىش جەريانىدا خوتۇنۇمنىڭ قېشىغا 30-40 قېتىملاپ كىرىپ ‘ئەمدى قانداق قىلىمەن’ دەپ سورايمەن. لىكىن شۇ كىرگىنىمدە بەدىنىمگە سىىپ قالغان تاماق ھىدلىرىنى خوتۇنۇپ پۇراپلا قالدىمۇ يىگەن ئىچكىنىنى ھەممىنى ياندۇرۇپلا ۋاتىدۇ . لىكىن مەندىمۇ ئامال يوق ، بىلمىگەندىكىن سورىماي .
ئەتكەن تاماقلىرىمغا قاراپ باقسام ئەڭ بەك ئوخشىتىدىغان تامىقىم < گۆش -شورپا > لىكىن ئايالىم گۆشتىن چىقىپ كەتكەن، بۇنىمۇ ئىتىدىغان پۇرسىتىم يوق . 
شۇنداق قىلىپ قازان بېشىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇلۇمغا ئالدىم ، لىكىن پەرتۇق تارتمىدىم .
سىزنىڭچۇ ئۈيىڭىزدە تاماقنى كىم ئىتىدۇ ؟
 
ھۆمەتتە: باي دادام

باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com

 

2010.12.5 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2010.12.6
02:35
1-قەۋەت: «meshrep» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مېنىڭچىمۇ تاماقنى ئايال كىشى ئېتىشى كېرەك. مەن سېنى قوللايمەن.

توختاپ قالماي داۋاملىق يېزىپ تۇر.

2010.12.10
12:39
2-قەۋەت: «خۇما» مۇنداق دېدى:

بوپتۇ بىر ئاز چىداڭ . ئالدىراپ توي قىلىۋالغاندىكىن .

2010.12.26
21:15
3-قەۋەت: «بارخان» مۇنداق دېدى:

مەنمۇ تاماقنى ئاياللار ئىتىشى كىرەك دىگەن قاراشتا،يەنە كىلىپ ئۇنداق ئىشلارغا پەقەتلا قولۇم كەلمەيدۇ،ئۈگىنىپ قويۇشنىمۇ خالىمايمەن..لىكىن مەنمۇ ھازىز سىزدەك ئەھۋالدا.

2010.12.27
11:58
4-قەۋەت: «بارخان» مۇنداق دېدى:

راستىمنى دىسەم مەن ھىچقانداق تاماقنى ئوخشىتالمايمەن،شۇ تاپتا باش قىتىنچىلىقى دەڭە.

2010.12.30
14:48
5-قەۋەت: «Rohqin» مۇنداق دېدى:

Tamaq itilmeydighan a ele ezaliri bir dastixangha jem bolmaydighan a ilide illiqliq bolmaydu bu daq i ilining yiltizi qurup ketken bulidu

2011.02.25
16:06
6-قەۋەت: «يۈكسەل» مۇنداق دېدى:

قازان بېشى ئەسلدىن ئياللارغا تەئەللۇق ئىدى .ئەمما يېڭدىن ئاياللىق سىپىگە قېتىلىۋاتقان غەيرى ئاياللار قازان بېشىنىمۇ ئۈزىگە تەئەللۇق دەپ قارىسا كىرەك

2011.02.25
17:37
7-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

مىنىڭچىمۇ تالاش تارتىش ھاجەتسىز ئىدى ، شارائىت شۇنداق بۇلۇپ قالغان شۇ چاغدا . ھازىر پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ بەردىم .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup