ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخنى قانداق مۆلچەرلەش كىرەك

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش باھا:3

ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخنى قانداق مۆلچەرلەش كىرەك

بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىز دائىم «مۇنداق ئىگىلىككە بىر قانچە مىڭ مەبلەخ سالسا بولىدۇ»ياكى بولمىسا «مەلۇم بىر ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر قانچە تۇمەن مەبلەخ سېلىپ ئۆزى كىچىك دۇكان ئاچسا بولىدۇ»«بىر قانچە مىڭ يۇەن مەبلەخ سېلىپ زاۋۇت قۇرغىلى بولىدۇ »دىگەندەك خىلمۇ –خىل تۇردىكى تەشۋىقات ئېلانلىرىنى كۆرىمىز.بۇ خىلدىكى ئاز مەبلەخ سالىدىغان ئادەتتىكى تۇرلەر نۇرغۇنلىغان دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىك تىلىگۇچىلەرنىڭ تۇنجى قەدەمدە تاللايدىغان مەبلەخ سېلىش شەكلى ھېسابلىندۇ.بىراق بۇ خىلدىكى تۆۋەن مىقداردا مەبلەخ سالىدىغان تۇرلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان خەۋىپ خەتەرگە نىسبەتەن ئىگىلىك تىلىگۇچىلەر مۇنداق بىر مۇھىم نۇقتىغا سەل قارىغان بولۇپ مەلۇم بىر تۇردە ئىش باشلاپ پۇل تېپىشقا باشلىغاندىن كېيىن سالىدىغان مەبلەخ ئېلاندا دىگەن ئاشۇ ساندىن خېلىلا پەرىقلىندۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر تېخنىكا ئۆگىنىش ياكى ئىتىپاقداشقا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئاخىرىغا مەبلەخ يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن شۇ تۇرنىڭ دەسلىپىدىلا مەغلۇپ بولۇشىنى ياكى يېرىم يولدا توختاپ قېلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئاندىن ئىگىلىك تىكلەش بولسا ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.

ئىگىلىك تىكلەشكە زادى قانچىلىك مەبلەخ كېتىدۇ؟بۇ مەسىلىدە  ئەڭ مۇھىمى مەبلەخ سالماقچى بولغان ئىشنىڭ تۇرىگە ئاساسەن،دائىرسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ،تىجارەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئەھۋالى ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ.كىچىك تىپتىكى مەبلەخ سالىدىغان تۇرنى مىسالغا ئالساق ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ.

   1.مەبلەخ سالماقچى بولغان شۇ تۇرگە ئەسلى كېتىدىغان چىقىمى.

 بۇ يەردە كۆرسىتىدىغىنى تاللىغان تۇرنىڭ بىۋاستە خىراجىتىنى  تۆلەش.مەسلەن،سىز تېخنىكىنى يۇزمۇ-يۇز تۇرۇپ ياكى سىرتتىن ئۇقۇشۇپ مەلۇم بىر خىل تېخنىكا خىراجىتى،مەلۇم بىر خىل ماشنا ئۇسكىنىسىنى سېتىۋالىدىغان چىقىمى ،مەلۇم بىر خىل تۇردە ھەمكارلىشىدىغان چىقىمى قاتارلىق خىراجەتلەر كېتىدۇ.ۋە شۇ قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ تۇرىدە ،يەنە سىزنىڭ كاماندورۇپكا چىقىمىنىمۇ ھېسابلاش كىرەك.

  2.تىجارەت قىلىش ئۇسكۇنە سايمانلىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش خىراجىتى.

ئاساسلىقى شۇ تۇردىكى تىجارەت جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان قۇشۇمچە ئۇسكىنە ۋە سايمانلارنى كۆرسىتىدۇ.مەسلەن،جۇڭگوچە چۇچۇرە ئېتىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن يەنە توڭلاتقۇ ،قازان ،گاز قاتارلىق قۇشۇمچە ئۇسكۇنىلەرنى تەييارلاش كىرەك.كۆپتۇرمە پىلاستىك ماتىرىيالنى پىشىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئاندىن ئۇسكىنە سېتىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئېلىكتىر ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۇشنى ئويلىشىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېنىرگىيە توكىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلار.

  3.ئۆي ئىجارە ھەققى،ئۆي بىزەش ھەققى ۋە كۆچمە مەبلەخ

مۇشۇ ھەقلارنى ئالدىن مۆلچەرلىگەندە .شۇ يەردىكى بازار باھاسى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۇش يەنە ،ئۆي ئىجارە ھەققى ئادەتتە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۇچ ئايلىق چىقىمنى ھېسابلاش،چۇنكى ھازىرقى ئۆي ئىجارىسىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر پەسىلدە بىر قېتىم تاپشۇرىدۇ،بەزىلىرى يېرىم يىلدا ياكى بولمىسا بىر يىلدا بىر قېتىم تاپشۇرىدۇ.ئۆي بىزەش ھەققى بولسا شۇ قىلماقچى بولغان ئىشقا قاراپ بىكىتىلىدۇ.ئەگەر رىستۇران ئاچماقچى بولۇپ قالسىڭىز،شۇ يەرلىك سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە ئورۇنلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىزەش كىرەك،بولمىسا سۇپەت تەكشۇرۇشتىن ئۆتمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىش بىر قەدەر قىيىن. ئەگەر زەنجىرسىمان دۇكاننىڭ مەھسولاتلىرىنى ساتماقچى بولسا باشقا زەنجىرسىمان دۇكانلارغا ئوخشاش بىزەش(كېنتاكى يىمەكلىك دۇكانلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ).يەنە مال تىزىش ئىشكابى ھەققىنىمۇ ھېسابلاش لازىم .كۆچمە مەبلەخنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا قاراپ ھېسابلاش كىرەك.

 4.تىجارەت كىنىشكىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش چىقىملار

يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئەنگە ئالدۇردىغان مەبلىغىگە  تەلەپ قويۇلمايدۇ.تەننەرىخ خىراجىتى 25-50يۇەن ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.ئەگەر شىركەت ئىلتىماس قىلماقچى بولسا «شىركەت قانۇنى»بەلگىلىمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە مەبلەخ تىزىملىتىش( شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن،مەبلەخنى ئەركىن باشقۇرۇش)،شەخسىي شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتا تىزىمغا ئالدۇرىدىغان مەبلەخنىڭ چوڭ كىچىكلىك دائىرسى تەڭ بولمايدۇ.بۇنىڭدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 3تۇمەن يۇەن بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا باج تىزىملاش تەننەرىخ خىراجىتى ،سودا –سانائەتنى باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىقلارمۇ بار.

  5.تىجارەت ئوبورت ئايلىنىشى ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخ

مەلۇم بىر تۇرنى يۇرگۇزۇشتە،ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۇچ تۆت ئايلىق تىجارەت ئوبورت ئايلىنىش مەبلىغىنى تەييارلاش،بۇنىڭ ئىچىدە ئىشچى خىزمەتچىنىڭ مائاشى ،سۇ توك پۇلى،تېلىغۇن ھەققى ،ماتىريال ھەققى ،ئېلان ھەققى ،رېمونىت قىلىش ھەققى ،قاتارلىقلار بار.ئەگەر مۇددەتكە بۆلۇپ قەرىز ئېلىپ قايتۇرماقچى بولسا ،ئۇنىمۇ ھېسابلاش كىرەك.مەلۇم بىر تۇرنى يۇرۇگۇزگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ،ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۇچ ئاي بازار ئەھۋالىنى چۇشىنىپ ماسلىشىش كىرەك.بۇ ئۇچ ئاي ئىچىدە بەلكىم پايدىسى ئىنتايىن ئاز بولۇشى ،ياكى پەقەتلا پايدا يوق زىيان بولۇشى مۇمكىن.شۇڭلاشقا ئىش باشلاشتىن بالدۇر چوقۇم يىتەرلىك مەبلەخ تەييارلاش كىرەك.

ئەگەر زاۋۇت قۇرماقچى بولسا ،يوقۇرقى بىر قانچە چىقىملاردىن باشقا يەنە يېرىم تەييار مەھسولاتلار،تەييار پۇتكەن مەھسولاتلار،ئەسلى ماتىريال قاتارلىق ئېھىياجلارغا يىتەرلىك مەبلەخ تەييارلاش كىرەك.

قىلماقچى بولغان تۇرنىڭ بىۋاستە چىقىملىرىنى ئۇلگە ئېلىپ ئېيىتساق:

1.تېخنىكا يۇزمۇيۇز تۇرۇپ بېرىدىغان چىقىمى 2000يۇەن ،ئۆگىنىش جەريانىدىكى كاماندىروپكا پۇلى500يۇەن (تەخمىنەن)جەمئىي 2500يۇەن بولىدۇ.

  2.قوشۇمچە ئۇسكىنىلەرنى سېتىۋېلىش خىراجىتى

مەسلەن:جۇڭگۇچە چۇچۇرىنى ساقلاشتا توڭلاتقۇ پۇلى 500يۇەندىن -1500يۇەنگىچە (ئەگەر نىمكەش توڭلاتقۇ بولسا بىر قانچە يۇز يۇەن)بولىدۇ.گازلىق ئوچاق قاتارلىق ئۇسكىنىلەرنىڭ چىقىمى 200يۇەن(قازاندىن بىر ،گاز تۇڭىدىن بىر)چۇچۇرە پۇشۇردىغان قازان 50يۇەن .باشقا كىچىك سايمانلار 50يۇەن .جەمئىي 800يۇەندىن -1800يۇەنگىچە بولىدۇبولىدۇ. .

 

  3.ئۆي ئىجارىسى ھەققى ۋە كۆچمە مەبلەخ

يەر مەيدانى  ۋە ھەجىمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن بىكىتىش،ئەگەر ئاۋات  سودا بازىرىدىن ئۆي ئىجارىگە ئالسا بىر قەدەر قىممەت بولىدۇ.چوڭ-چوڭ سودا بازارلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى بىر قانچە مىڭ يۇەن .كىچىك سودا بازارلىرىنىڭ بىر قانچە يۇز يۇەن بولىدۇ.

ئۆي ئىجارە ھەققىنى 400-1000يۇەن بويىچە بىرلا قېتىمدا تۆلەيدىغان ئۇچ ئايلىق پۇلى 1200-3000يۇەن بولىدۇ. .ئەگەر كۆچمە يايما ئورنى تىجارەت شەكلىنى ئىشلەتسە (بۇنىڭدا ئش باشلاشتىن ئاۋال بازار باشقۇرۇش تۇزۇمى مەسىلىلىرىنى ئويلىنىش)ۋە باشقىلار بىلەن قوشۇلۇپ تىجارەت قىلسا كېتىدىغان چىقىمى خىلى بەك كېمىيىدۇ.ئالدىنقى مەزگىلىدىكى كۆچمە مەبلەخ 200يۇەن بولسا ،جەمئىي :1400-3200يۇەن

  4.تىجارەت كىنىشكىسى (يەككە)ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك چىقىملار 200يۇەن بولىدۇ

  5.ئايلانما مەبلەخ

ئەگەر بىر ئىشچىنىڭ مائاشىنى 500-800يۇەن ،سۇ توك ،گاز پۇلى 150يۇەن دىسەك جەمئىي 650-950يۇەنگىچە بولىدۇ.دەسلەپتە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۇچ ئاي بازىرى بىر قەدەر تەستە يۇرۇشىدۇ.

يوقىردا دەپ ئۆتكەن بەش خىل تۇر بويىچە ھېسابلىغاندا 6850-10550يۇەن بولىدۇ.ئەگەر بىر قىسىم زىيادە چىقىملارنى چىقىرۋەتسەك ،ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 6000-10000گىچە مەبلەخ كېتىدۇ.شۇڭلاشقا ئىش باشلاشتىن بالدۇر چوقۇم يىتەرلىك مەبلەخ بولۇش،ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش لازىم.

يوقىرقىلاردىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولۇدۇكى؛ئاشۇنداق كىچىك بىر ئاشخانا ياكى رىستۇران ئېچىش ئۇچۇنمۇ مۇشۇنچە كۆپ جەريان ۋە مەبلەخ بولۇشى كىرەك.

يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا ئىگىلىك تىكلەش ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەخ پەقەت بىر قىسىم ئاساسىي بۆلەكلەرنىڭ تەخمىنەن مۆلچەرى بويىچە ئېلىپ بېرىش كىرەك .كېتىدىغان ئېنىق چىقىمنى  بىر قەدەر تەستە ھېسابلاپ چىقارغىلى بولىدۇ.چۇنكى تىجارەت جەريانىدا يەنە بىر قىسىم ئويلاپ باقمىغان ئەھۋاللار يۇز بېرىشى مۇمكىن .شۇڭلاشقا ئىگىلىك تىكلىگۇچى شۇ ئىشنى قىلىشتىن بالدۇر ،ئۆزىدىكى تىجارەت قىلىش ئىقتدارىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىشىش ،ھەمدە ئىگىلىك ئېھتياجلىق بولغان چىقىملارنى ئويلىشىش كىرەك.پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا شۇ خىلدىكى تۇردىكى تىجارىتى غەلبە قىلالايدۇ ،ئاندىن پۇرسەتمۇ كۆپىيىدۇ.

مەنبە: ئەپەندىم تورى
باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com

2010.07.11 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2010.07.12
13:41
1-قەۋەت: «بارخان» مۇنداق دېدى:

بارخان بلوگى قايتا قۇرۇلدى،ئۇلىنىش قىلىپ قويىشىڭىزنى سورايمەن.

2011.10.9
13:36
2-قەۋەت: «يۇسەنجان» مۇنداق دېدى:

مەن ناھايتى كىچىكىپ كورۇپتىمەن ھەقىقەتەن ياىشى بۇلۇپتۇ سىزدىن كۇتىدىغىنىم تېخىمۇ
تىرىشىڭ مەن قۇلۇمدىن كىلىشىچە سىزگە مەڭگۇ يار-يۇلەك بۇلىمەن ئەلۋەتتە سىزخالىسىڭىز
خەيىر ئاللاھ گە ئامانەت باي دادا مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئۇنۇتماڭ 0991-8031111

2011.10.9
21:31
3-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

باھايىڭىزغا ۋە قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ! بىز چوقۇم تىرىشىمىز .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup