يېزا كەنتلەردە پۇل تېپىش يۇلى

سەھپە: ئىگىلىك تىكلەش باھا:0

يېزا كەنتلەردە پۇل تېپىش يۇلى

باي دادام
تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

تۇر ئىسمى : يېزا كەنتلەردە يېزا ئىگىلىك ماشىنىللىرىنى ئىجارىگە بىرىش كەسپى 

كېرەكلىك مەبلەغ : بۇنىغا بىر قەدەر كۆپرەك مەبلەغ كىتىدۇ ، ئەسلىدىن ئىقتىسادى ياخشى بولغان كىشىلەر، ياكى كۆپرەك قەرز ھەل قىلالايدىغان كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ  .

تۇرنى چۈشەندۈرۈش: رايۇنىمىزدا يېزا ئىگىلىك يەنىلا ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل ماشىنا ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ئېھتىياج بارغانسىرى كۈچىيىپ بارماقتا، لىكىن بۇنىڭغا قارشى ھالدا نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنى ئەشۇ ئېھتىياجلىق بولغان ماشىنا ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەي قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ماشىنا ئۈسكىنىلەرنى ئىجارە بىرىپ تەمىنلەيدىغان بىر كەسىپكە كۈچلۈك ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ . بۇ كەسىپ دەل مۇشۇ ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ پەيدا بۇلىدۇ . 

كارخانىنىڭ بازار ئەھۋالى :  ھازىر رايۇنىمىزدا نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ماشىنىللىرى، ھەم ئۈسكۈنىللىرىنى سېتىۋالالمايدۇ، لىكىن شۇ نەرسىلەرگە ئېھتىياجى كۈچلۈك، مانا بۇ بۇكەسىپنى بارلىققا كىلىشىنىڭ شەرتى .

بازار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى : جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ئەلۋەتتە رىقابەتلىك بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم كەسپى رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .ئېگىلىنىشىچە ھازىر رايۇنىمىزدا بۇ خىل مۇلازىمەتنى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر تېخى بارلىققا كەلمىدى،  لىكىن بۇ بۇندىن كىيىنمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ بازارنىڭ ئېچىلىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى .

تەننەرخنى ھېساپلاش :

تىجارەت كېرەكلىك ئۈسكىنە ، ماشىنىلار :
تىجارەت ئۇرنى :
ياسىغۇچى زاۋۇت بېلەن ئالاقە:
تېخنىك ۋە تېخنىكا :
خزمەتچى خادىم ۋە مۇئاشى :

. خېيىم خەتەر تەھلىلى :
  رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟
 ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟
 باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟
دىگەنلەرنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك !

تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن  مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت – شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
http://baydadam.blogbus.com

2010.12.13 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup