ئىگىلىك تىكلىگۈچى كۈڭۈل ئېچىشقا بىرىلسە مۇۋاپىقمۇ ؟

سەھپە: ئىگىلىك تىكلەش باھا:8

ئىگىلىك تىكلىگۈچى كۈڭۈل ئېچىشقا بىرىلسە مۇۋاپىقمۇ ؟

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي. بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز .

بىر ئىگىلىىك تىكلىگۈچى ھەدىسىلا قاۋاققا يۈگۈرسە، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ھارغىن ھالدا تېلىۋۇزۇر ئالدىدا ئولتۇرسا ئۇنداقتا بۇ ئادەم ھەرگىزمۇ لاياقەتلىك بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بۇلالمايدۇ. بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى چۇقۇم بۇخىل پاسسىپ بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. سەككىز سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىدىن سىرتقى تۇرمۇش شەكلى بىر كارخانىچى ۋە ئۇنىڭ كارخانىسىنىڭ كەلگۈسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ .
مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغان بىر كارخانىچى ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىنمۇ چوقۇم روھى جۇشقۇن بۇلۇپ ، ۋاقىتتىن ئاكتىپ ۋە ئىجاد قىلىش خارەكتىردە پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك . خىزمەتتاشلىرى، دوست بۇرادەرلىرى بېلەن ئاندا ساندا كۆڭۈل ئاچقاننىڭ ھىچقانداق زىيىنى يوق . لىكىن ، بۇ خىل ئەھۋال دائىمى ئادەتكە ئايلىنىپ قالسا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ . باشقا ۋاقىتلاردا ئادەتتە كۆپرەك كىتاپ كۈرۈش ، يەنى كەسپى بىلىملەرنى ئۆگۈنۈش ، ئىنگىلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلى سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش ، ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۆز قىززىقىشى بۇيىچە ھەرخىل پائالىيەتلەر بېلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك . مەسلەن : تەنتەربىيە چېنقىش دىگەندەك ……………
قىسقىسى ۋاقىتتىن شۇنداق ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندىلا، ئاندىن ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ .
پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي. بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز !

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

باي دادام تور خاتىرىسى

2011.02.25 ئاپتور: baydadam

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.02.25
21:17
1-قەۋەت: «شاھيار» مۇنداق دېدى:

ۋاختىم چىقسىلان كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۆز ئىشىم بىلەن بولدىكەن مەن .

2011.02.25
22:08
2-قەۋەت: «ئىزدەنگىن» مۇنداق دېدى:

توغرا دەيسىز ، كارخانىچى بولغانىكەن چۇقۇم ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇشى ، دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشىنى بىلىشى كېرەك. ئىككى تال پۇل تھپتىم دەپلا جاھانغا پاتماي كېرىلگىلى تۇرسا تۆت كۈندە ۋەيران بولۇپ پارقىراپ ئىششىپ ئولتۇرىدىغان گەپ……

2011.02.25
23:18
3-قەۋەت: «نۇرلۇق» مۇنداق دېدى:

توغرا گەپ، ئېسىل يازمىلار تۆكۈلگىلى تۇردىغۇ… ئۈزۈلمىسۇن.

2011.02.27
23:19
4-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى ھامىنى ياخشى بۇلۇپ چىقىدۇ .

2011.02.27
23:21
5-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

راس دەيسىز ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك .

2011.02.27
23:23
6-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

ئىزدىنىپ تۇردۇق شۇ ، قەدىمىڭىزگە رەھمەت .

2011.02.28
19:00
7-قەۋەت: «ئەزھەر» مۇنداق دېدى:

بىر مۇۋاپىقيەت قازانغۇچغا نسبەتەن ئيتقاندا كەيىپ-ساپاغا بىرلىش ياخشى ئىش ئەمەس.ئۆزلىكسزتىرشىپ دەۋىربىلەن تەڭ ئىلگىرلەش.ياخشى سىياسەتلەردىن ئۈنۈملۇك پايدىلنش.كۇپرەك ۋاقىت ئاجىرتىپ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇيلىنش ۋە شۇئۇيلىغانلىرىنى ئەمىليەتتە ئىشقا ئاشۇرالىغىدەك بىلم-ساپاغا شۇنداقىلا جۈرئەتكە ئىگە بۇلىشى كىرەك.

2011.03.1
17:25
8-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

راس دەيسىز ئۆزلۈكسىز يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ تۇرمىغاندا شاللىنىدىغان گەپ .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup