دۇنيا ئانا تىل كۈنى ئۈچۈن پۇل تېپىش يۇلى

سەھپە: ئىگىلىك تىكلەش باھا:0

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئانا تىلىمنىڭ ئەزىز ھەقدارلىرى ! داۋام ئەتكۈچىللىرى!
ھەممىڭلارنىڭ 2011-يىللىق حەلقئارا ئانا تىل بايرىمىڭلارنى قۇتلۇقلايمەن! قۇتلۇق بولسۇن !

شۇ مۇناسىۋەتتە دوسلارغا، بىر ئىگىلىك تىكلەش يۇلىنى بايراملىق سوۋعا سۈپىتىدە سۇنماقچىمەن.

تۈر ئىسمى : ئۇيغۇر ئانا تىلدا تەربىيەلەش مەركىزى .

كېرەكلىك مەبلەغ : 5مىڭ يۈەندىن 10مىڭ يۈەنگىچە ‹كۆلەمگە قاراپ بۇنىڭدىن كۆپ ياكى ئاز بۇلىدۇ.›.

تۈرنى چۈشەندۈرۈش: بۇ مەركەز ئاساسلىق ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان لىكىن بىلىشنى ئىستەيدىغان، ھەمدە كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە، ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگۈنۈشنى ئۈمۈد قىلىدىعان باشقا مىللەت كىشىللىرىگە قارتا ئۇيغۇر تىلىدا تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىعان مەركەز .

بازار ئەھۋالى : ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بالىللىرىنى كىچىكىدىن ئۇيغۇرچە ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيەلىمەي بەلكى باشقا تىللاردا تەربىيەلەيدىعانلار خېلىلا كۆپىيىپ قالدى . بۇنداق كىشىلەر كۆپەيگەنچە جەمىيەتتە ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى ، لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئائىلىلەردە ئاتا ئانىلار بېلەن باشقا تىللاردا تەربىيەلەنگەن بالىلار ئوتتۇرسىدا ئىنتايىن چوڭ بىر چۈشىنىش كەمچىللىكى پەيدا بۇلۇپ يۇشۇرۇن ئائىلە كىرزىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئاتا ئانىلار ياكى ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان شۇ بىر تۈركۈم كىشىلەردە ئۈز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ئېھتىياجى شەكىللىنىۋاتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا باشقا مىللەت كىشىللىرىدە بۇ قەدىمى تىلنى ئۆگۈنۈش قىزعىنلىقى پەيدا بۇلۇپ يەنە بىر يۇشۇرۇن ئىھتىياجنى شەكىللەندۈردى.

بازار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى : جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ئەلۋەتتە رىقابەتلىك بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم كەسپى رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .ئېگىلىنىشىچە ھازىر بۇ خىل كەسىپتىكى مەركەزلەر يوق دىيەرلىك ، لىكىن بۇ بۇندىن كىيىنمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ بازارنىڭ ئېچىلىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى .

تەننەرخنى ھېساپلاش :

تىجارەت ئۇرنىنىڭ يىللىق ئىجارىسى :
تىجارەت ئۇرنىنىڭ بېزىلىشى :
ئۇقۇتقۇچى ۋە ئوقۇعۇچىلار :
خزمەتچى خادىم ۋە مۇئاشى :
ئېلان مۇلازىمەت تەننەرحى:

خېيىم خەتەر تەھلىلى :
رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟
ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟
باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟
دىگەنلەرنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك !

تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت – شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.02.21 ئاپتور: baydadam

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup