ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمىنى ئۆگۈنەيلى!

سەھپە: ئىقتىساد ئۈگۈنۈش باھا:5

ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمىنى ئۆگۈنەيلى!

باي دادام


تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.


ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى . تور خاتىرىمىز يېڭى قىياپەتتە ھەرقايسىڭلار بېلەن يۈز كۈرۈشكەندىن كىيىن ، يېڭى تور خاتىرىدە يېڭى بىر سەھىپە تۇرغۇزۇپ ئىقتىساد ئىلمىدە ئۆگەنگەنلەرنى دوسلار بېلەن ئورتاقلىشىشنى ئىستىگەن ئىدۇق ، شۇ مۇناسىبەتتە مانا بۈگۈن بۇ پىلانلىرىمىزنى باشلاش نىسىپ بۇلۇپتۇ .
بۇ سەھىپىمىزدە ئاساسلىقى، خەنزۇچە ‹كۈندە ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئۆگۈنۈش›،‹غەرپ ئىقتىسادشۇناسلىقى›،‹ئىقتىسادشۇناسلىق› قاتارلىق كىتاپلاردىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى دوسلارنى ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى پىلانلىدۇق .
ئەلۋەتتە بىزمۇ بىر ئۆگەنگۈچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تەرجىمە جەريانىدا ۋە ياكى ئىپادىلەش جەريانىدا خاتالىقلارغا ئۇرۇن بىرىپ قويغان بۇلىشىمىز مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن دوسلارنىڭ تەنقىدى قاراپ ئۆزگەرتىش پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈدقىلىمىز. ئەگەردە ئوخشاش بولمىغان قاراشتىكىلەر بولسا قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ مۇنازىرلىشىشىنى تېخىمۇ بەكرەك قارشى ئالىمىز.
ئۇنداقتا ئۆگۈنۈشنى باشلاپ كەتسەك …………..

ئاددى قىلىپ مۇنداقلا ئېيتساق، بىر ئادەم تۇغۇلۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ، قېرىغىچە بولغان بىر ئۆمۈر جەريانىدا، قانداق ئاساسى مەسىلىگە يۇلىقىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئەمەلىيەتتە تارىختىن بۇيان ئىنسانلار ئىزچىل يۇلۇقۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە.ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلىپ چەكلىك بولغان بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغىلى بۇلىدۇ؟ ئەمما بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل بوشاشماستىن تىرىشىۋاتقىنى يەنىلا ئقتىساد ئىلمى. بۇچۈشەنچە ئىقتىساد ئىلمىگە قارتا ئەڭ ئۇمۇملاشقان چۈشەندۈرۈش بولسا كېرەك . ئەمما ئىقتىساد پىنى ھازىرقى زامان ئىلىم پىنى بۇلۇش سۈپىتى بېلەن بۇ ئۇقۇمنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ ئىشلىتىدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز.
1776يىلى ئادام سىمىتنىڭ ‹دۆلەت بېيىش نەزىريىسى›‹国富论› ئىلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇزاق تەرەققىياتنى بېسىپ بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ئىلىم مول ھەم چوڭقۇرلاشتى . بۇ دەسلەپتە بىر نەچچە تۈپ كۆچەت مايسا بولغان بولسا، ھازىر بىپايان چەكسىز ئورمانغا ئايلاندى . مۇشۇ ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئۈتۈپ ، بۈگۈنگە كەلگەندە ئىقتىساد ئىلمى ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىردى . چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كېڭىيىپ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى . ئەگەر بۇ ئىلىمنى تۈرلەرگە ئايرىيدىغان بولساق ، بۇ ئىلىم نەچچە يۇز تۈرگە ئايرىلىدۇ . 1992-يىللىق نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئامىركىلىق جالى بېكىرسىن ‹ئىقتىساد ئىلمى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ %90 ھەركىتى بېلەن تەھلىل قىلىشقا بۇلىدۇ.› دىدى.
گەپ شۇنداق ئېيتىلغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئەگەرمەلۇم بىر ئادەم مەلۇم شەيئى ياكى مەلۇم ھادىسىگە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بۇلۇپ ، تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئقتىساد مىخانىزىمىنى تەكشۇرمەكچى بولغاندا كۆپ ھاللاردا كەسپى كىتاپلاردىكى كۆپ مىقتاردىكى قائىدە ، گىرافىكلار ، سان -سىفىرلار ئالدىدا قانداق قىلىشنى بىلمەي قېلىپ بوشىشىپ كىتىدۇ . شۇنىڭ بېلەن بۇ ئىلىمگە بولغان قىززىقىش زور زەربىگە ئۇچىرايدۇ.
باشقا ھەرقانداق بىر ئىلىمگە ئوخشاش ، ئىقتىساد ئىلمىمۇ ئەڭ ئاساسى مەسىلە ، تىئورمىدىن باشلىنىپ ، لوگىكىلىق سېستىما ئىچىدە تەرەققى قىلىپ ، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ھەيۋەتلىك بىر قۇرلۇش بۇلۇپ چىقىدۇ . ئۇنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تەرتىپ بېلەن تەدرىجى ئىلگىرلەش كېرەك . ئەمما بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىللىرىمىز ئاساسەن بۇنىڭغا ۋاقتى ۋە زىھنىنى ئاجىرتالمايدۇ .

لىكىن ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋە ھادىسىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشقا ئامالسىزقالىمىز.
نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر تىپلىق تېلىفۇننىڭ پۇخرالار بېلەن ئوقۇغۇچىلار ئارسىدىكى سېتىلىش باھا پەرقى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ؟

نىمە ئۈچۈن قارا ئاشلىق ۋە ئاق ئاشلىق ئارىسىدابەزى چاغلاردا قۇناقنىڭ بازار باھاسى بۇغداينىڭكىدىن ئۆرە بۇلىدۇ؟

مەلۇم خىل مەھسۇلاتنىڭ باھاسى تۇيۇقسىز ئۈسۈپ كەتكەندە ، نىمە ئۈچۈن خەلق شۇ مەھسۇلاتنى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ؟

بانكىغا پۇل قۇيسا ئۈسۈمى چىقىدىغان تۇرسا،لىكىن نىمە ئۈچۈن نەچچە يىلدىن كىيىن ھېساپتا زىيان چىقىدۇ؟

نىمە ئۈچۈن تاماكا بېجىنى يۇقىرلاتقاندىن كىيىنمۇ، تاماكا چىكىشنى ئۈنۈملۈك كونتۇرۇل قىلغىلى بولمايدۇ؟

نىمە ئۈچۈن ئىقتىساد ئىلمى ئاسپىرانتلىرى بىر نەچچىسى توپلىشىپ كوچىدا مايلامچىلىق قىلىدۇ ؟

نىمە ئۈچۈن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى توختىماي ئۈسىدۇ؟ تېخىمۇ يۇقىرى قىممەت ياراتقاندا يېڭى بىر باش ئاغرىقلىرىنى تاپامدۇ قانداق؟
نىمە ئۈچۈن مەھسۇلات خام ئەشيادىن ئەرزان بۇلىدۇ؟ بۇ خىل بازاردا رىقابەت ئەۋزەللىكى بارمۇ ياكى يۇشۇرۇن خەۋپ بارمۇ ؟

جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى دۇنيانى قاپلىسا ئىقتىسادشۇناسلار نىمە ئۈچۈن تەشۋىشكە قالىدۇ ؟

مانا بۇ ئەھۋاللارنى چۈشۈنۈشكە ، ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ياردىمى بولمىسا بولمايدۇ.

بىراق ئاشۇ چۈشۈنۈكسىز ئىزاھات ، چوڭقۇر نەزىريەلەرگە ئۇچۇرغاندا ، بىز يەنە نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز.
بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ، پەقەت ‹كۈندە ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمىنى ئۆگۈنۈش› ئارقىلىقلا بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى تاپالايمىز .

پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .

ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.

تېخمۇ كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى

2011.02.17 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.02.17
22:22
1-قەۋەت: «مۇھەممەد ئىمىن» مۇنداق دېدى:

مۇبارەك بولسۇن قوللايمىز،قىزغىن قاتنىشىشنى ئۇمۇت قىلىمز.بولسا باسقۇچ ۋە بۇلەكلەرنى ياخشى پىلانلىساڭلار

2011.02.17
23:00
2-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

رەھمەت قوللىغىنىڭىزغا . بىزمۇ ھەم تىرىشقايمىز .

2011.02.19
22:45
3-قەۋەت: «شاھيار» مۇنداق دېدى:

داۋامىغا تەشنامىز …

2011.02.20
19:16
4-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

كۈتۈشىڭىزنى يەردە قويمايمىز .

2011.02.23
14:03
5-قەۋەت: «CindyDelgado18» مۇنداق دېدى:

One admits that humen’s life is expensive, nevertheless different people require money for different things and not every man earns enough money. So to receive good business loans and just small business loan will be a right way out.

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup