پۇل مۇئامىلە دۇنياسىدىكى داۋالغۇچ ـــ ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى .
‹ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمى ئۆگىنەيلى › نىڭ داۋامى .
ئىقتىسادقا كۈڭۈل بۈلىدىغان ھەرقانداق كىشىگە نىسبەتەن ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى دىگەن بۇ ئاتالغۇ ناتۇنۇش ئەمەس . چۈنكى 2007-يىلدىن باشلاپ بۇ ئىسىم ھەرقايسى مىدىيا ۋاستىللىرىدا توختىماستىن چىقىپ تۇردى . ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئامرىكا ئىقتىسادىنى تىز سۈرئەتتە چىكىندۈرۈپ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ھەتتا ئىقتىسادى كىرزىسقا يۈزلەندۈرۈپ قويدى.
ئىقتىساد دۇنياۋىلاشقان بۈگۈنكى كۈندە ئامرىكا ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ئىقتىسادى كىرزىسقا پېتىپ قالدى. جۇڭگودىمۇ ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى ئىنتايىن كۆپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى.
ئالايلۇق: ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى، پۇل پاخاللىقى، پاي بازىرىدا باھانىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى، قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى بېلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇنداقتا ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى دىگەن نىمە؟
ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسىنىڭ تۇلۇق ئاتىلىشى ئىككىنچى قېتىملىق ئۆي مۈلۈك رەنە قەرزى بۇلۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئامرىكىدا پەيدا بولغان. ئىككىلەمچى قەرز ئورگىنى ۋەيران بولىشى مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ تاقىلىش، پاي بازىرىنىڭ نورمالسىز تەۋرىنىش، قاتارلىق ئەھۋالغا ئەكىلىپ قۇيۇپ ئىنتايىن چوڭ كىرزىسقا پاتۇرۇپ قويدى. ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ھەركەتچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ قويدى. ئامرىكا، ياپۇنىيە، ياۋرۇپا ئىتىپاقى قاتارلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەر كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىدى .
ئامرىكىدىكى ئىككىلەمچى رەنە قەرز بازىرى 3 قەۋەتكە بۈلىنىدۇ .
بىرىنچى قەۋىتى: ئەلا دەرىجىلىك قەرز بازىرى .
بۇ بازار ئىشەنچ ئىناۋەت دەرىجى نۇمىرى 660دىن يۇقىرى بولغان ئەلە دەرىجىلىك خېرىدارلارغا قارىتىلدۇ ، ئاساسلىق ئەنئەنىۋى 15~30 يىلغىچە بولغان مۇقىم ئۈسۈملۈك رەنە قەرزنى كۆرسىتىدۇ .
ئۈچىنچى قەۋىتى: بولسا ئىككىلەمچى قەرز بازىرى، ئىشەنچ ئىناۋەت دەرىجە نۇمىرى 620دىن تۆۋەن بولغان، مۇقىم كىرىم ئىسپاتى يوق، بىر قەدەر ئېغىر قەرزنى زىممىسىگە يۈكلەپ يۈرگەن كىشىلەرگە قارىتا بىرىلىدىغان 3~7 يىلغىچە بولغان قىسقا مۇددەتلىك قەرزنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى قەۋەتتىكىلەر: بولسا، باشقا بىرخىل دەرىجىلىك رەنە قەرز بازىرى ، ئاساسلىقى ئالدىدىكى ئىككى خىل قەرزنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرىدىغان قەرز .
ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى ئاشۇ ئۈچۈنچى قاتلامدىكى رەنە قەرز بازىرىدا شەكىللەنگەن مەسىلىلەردىن پەيدا بولغان. ئىككىلەمچى قەرز بازىرىدا يۈزلىنىدىغىنى ھىچقانداق كىرىم ئىسپاتى يوق، ئىنتايىن كۆپ قەرزى بار بولغان، قەرز ئالغۇچى ھىچقانداق مەبلىغى بولمىغان شارائىت ئاستىدىمۇ ھەم ھىچقانداق مال مۈلۈك ھەم كىرىم ئىسپاتى بولمىغان شارائىتتا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىرىلگەن ياكى تارقىتىلغان قەرز. بۇ قارىماققا ئاشۇ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ئۈچۈن قىلىنغان ساخاۋەتلىك ئىشتەك، شۇ قەرزنى تارقاتقان بانكا شۇ ساخاۋەتلىك ئىشنى قىلغان ساخاۋەتچىدەك كۆرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز شۇنى ئۇنتىماسلىقىمىز كېرەككى ھەرقانداق بىر شىركەت پايدىنى كۆزلىگەن بۇلىدۇ، بانكىمۇ ھەم شۇنداق .
بۇ بانكىلارنىڭ چىقارغىنى بىر دەسمايىسىز قەرز، 3يىل،5 يىل ، 7يىل ئىچىدە، ئۈسۈم نىسپىتىنى تەڭشىگىلى بۇلىدىغان قەرز، تاللاشچانلىققا ئىگە ئۈسۈملۈك قەرز قاتارلىق كۆپ خىل قەرز. لىكىن بۇخىل قەرزلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ھەممىسى قەرز قايتۇرۇش باشلانغان دەسلەپكى يىلدا ھەرئايدا رەنە چىقىمى ئىنتايىن تۆۋەن ھەمدە مۇقىم، لىكىن بەلگىلىك ۋاقىتتىن كىيىن قەرز قايتۇرۇش بېسىمى توساتتىنلا ئېشىپ كىتىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ خېيىم خەتىرى كۈرۈنۈپلا تۇرىدۇ، لىكىن بانكا مال مۈلۈك باھاسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرلاپ غايەت زور دەرىجىدە ئۈسىشىنى كۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلىشتا ئىنتايىن چوڭ پايدا بوشلۇقى مەۋجۈت، شۇڭلاشقا بۇ بانكىلار شۇنچە خېيىم خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ قەرز تارقىتىدۇ .
بانكا قەرزنى تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرگە تارقاتقاندىن كىيىن، ئۇ ئۆزىدىكى خېيىم خەتەرنى يۆتكەش ئۈچۈن مەبلەغ توپلاپ تۇرالغۇ ئۆي رەنىسى ئاساسىدا ئىككىلەمچى قەرزنى ئاكسىيەلەشتۈرىدۇ. بۇقەرزنى زايۇم قىلىپ تارقىتىدۇ، شۇنىڭ بېلەن ئىككىلەمچى زايۇم شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىككىلەمچى زايۇمنىڭ ئۈسۈم نىسبىتى ئادەتتىكى زايۇم ئۈسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى بۇلىدۇ، شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرى، مەبلەغ سېلىش بانكىسى، قوش قاتلاملىق فونت قاتارلىقلار بەس بەستە ئىككىلەمچى قەرز زايۇمىنى سېتىۋالىدۇ.
مەبلەغ سېلىش بانكىسى يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى بېيىتىپ بۇ ئىككىلەمچى زايۇمنى يەنە بىر قېتىم ئاكسىيەلەشتۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم رەنە ئاكسىيەسى قىلىپ لاھىيەلەپ چىقىدۇ. ئاندىن بۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ھەم قوش قاتلاملىق فونتلارغا سېتىپ بىرىلىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ھەرقايسى فونتلار بۇ رەنە ئاكسىيەلەرنى يەنە بىر قېتىم ساتىدۇ. ئەڭ ئاخىردا بېرىپ بۇ خېيىم خەتەر يەرشارىدىكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىگە يامرايدۇ.
ئەگەر ئۆينىڭ باھاسى توختىمايلا ئۈسۈپ بەرسە بۇنداق زەنجىرسىمان مەنپەئەتتارلارنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ،بىراق ئەزەلدىن ئۈسۈپلا چۈشمەيدىغان مۈلۈك باھاسى مەۋجۈت ئەمەستە .
ئىقتىساد تۇرغۇنلۇققا چۈشۈپ قېلىپ پۇل پاخاللىقى يامراپ كەتكەندە، مال مۈلۈكنىڭ باھاسى چۈشىشكە يۈزلەنمەي ئامال يوق.
2006-يىلدىن باشلاپ ئامرىكىدىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ بازىرى چۈشۈشكە باشلىدى، سانسىزلىغان ئائىلىلەر قەرزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. بانكا كۆپ مىقتاردىكى توختامغا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئۆي جايىنى قايتۇرۋېلىپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتتى، قەرز بەرگەن بانكا غايەت زور سوممىلىق زىيان تارتتى، بۇ زىياندىن مەبلەغ سالغۇچى بانكىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئالابايراق، مىلام ، زوييىن، مورگان قاتارلىق بانكىلاردا غايەت زور زىيان كۈرۈلدى . مانا بۇ پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسى.
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى بېلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قۇيۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى بارغانسىرى كۆرىنەرلىك بولماقتا .
گەرچە جۇڭگو پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى، ئامرىكا ئىككىلەمچى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىغا كۆلەم چىكىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسىنىڭ ۋاستىلىق تەسىرىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.
ئالدى بېلەن ئىككىلەمچى قەرز كىرزىسى ئامرىكىنىڭ ئىمپورت ئىھتىياجىنى تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ،ھەمدە ئامرىكا ھۆكىمىتىنىڭ كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە دوللارنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشىدۇ . بۇ جۇڭگونىڭ ئىكىسپورت ساھەسىنى يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ. ئىستاستىكىدىن مەلۇم بۇلىشىچە 2008-يىلى جۇڭگونىڭ ئىكىسپورت سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.7پوئىنت تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى تۇقۇلما بۇيۇم، كىيىم كېچەك قاتارلىقلارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا ئېشىش نىسپىتى 11.6پوئىنت تۆۋەنلىگەن. بىر قىسىم ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلار، بۇلۇپمۇ ئىكىسپورتقا تايىنىدىغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت بېسىمى ئېشىپ كەتكەن. پۈتۈن مەملىكەتتە 67مىڭ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانا زىيان تارتقان، ھەتتا بىر قىسىملىرى ۋەيران بولغان.
ئاندىن قالسا ئامرىكا زاپاس پۇل ئۈسۈمىنىڭ تۆۋەنلەش دەۋرىگە كىرىشى ۋە جۇڭگو مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئاستىدا ئامالسىز پۇل قىسىش سىياسىتى يۈگۈزىدۇ. شۇنىڭ بېلەن خەلق پۇلى بېلەن دوللار ئوتتۇرسىدا كەسكىن بىر ھالەت شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. خەلق پۇل قىممىتىنىڭ ئۈسىشى خەلقئارادىكى نۇرغۇن مەبلەغنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭ بېلەن پېرۋوت زاپىسى شىددەت بېلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ‹2008-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن قۇشۇلغان پېرۋوت زاپىسى280مىلىيارد6يۈز مىليۇن بولغان ، ئۇمۇمى زاپىسى بىر تىرلىيۇن 800مىليارد يۇەن بولغان›بۇ خەلق پۇل قىممىتىنىڭ ئۈسۈشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ،يەنە بىر جەھەتتىن مۇشۇنداق ھەركەتچان كەسكىن ۋەزىيەت پۇل پاخالىقى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئىككىلەمچى رەنە قەرز كىرزىسىنىڭ پارتىلىشى پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خېيىم خەتەر قىززىقىشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى،بۇ يەنە ھازىرقى پاي بازىرى ۋە ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ تەۋرىنىشىنى كۈچۈيتىۋەتكەن ئاساسلىق ئامىلنىڭ بىرى .
پايدىلىنىڭ ، لىكىن ، روخسەتسىز باشقا يەرگە كۈچۈرۇپ ئېلان قىلماڭ .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!
تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
19:28
كۇپ رەخمەت .يىڭى تىمللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.