شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن …

سەھپە: ئۇتۇقنامە باھا:8

شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن …

دۆلىتىمىز يىڭىدىن تۈزتىش كىرگۈزگەن ”شىركەت قانۇنى“، 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن شىركەت قۇرۇش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتى ۋە بەزىبىر ئۆلچەم زەرتلەر تۆۋەنلىتىلدى يەنى:
1. رويىخەتكە ئالدۇردىغان كاپىتالغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم تۆۋەنلىتىلدى، ئىلگىرى ئادەتتىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 100 مىڭ يۈەن نەخ پۇل ياكى شۇنىڭغا تەڭ قىممەتتىكى مال- مۈلۈكنى كاپىتال قىلىپ رويىخەتكە ئالدۇرۇش تەلەپ قىلىناتتى، نامى ”شىنجاڭ“ ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ كۆرسىتىشى كىرەك ئىدى، نۇرغۇن پۇقرالار شىركەت قۇرۇپ ئەلقاتارى ئابروي- ئىناۋىتى بىلەن سودا قىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، رويىخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى غەملەپ بولالماي، بۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كىچەتتى. يىڭى شىركەت قانۇنىدا شىركەت قۇرۇشتا رويىخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چىكى 30 مىڭ يۈەنگە چۈشۈرۈلۈپ، شىركەت قۇرۇش ئارزۇسىدكى پۇقرالارغا زور قولايلىق يارتىلدى. يەنى ھازىر ”قەشقەر xxx سودا چەكلىك شىركىتى“ دەيدىغان بىر شىركەتنى تىزىملىتىش ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن پۇل ياكى شۇنىڭ بىلەن تەڭ قىممەتتىكى مال- مۈلۈكنى كاپىتال قىلىپ رويىخەتكە ئالدۇرسىلا كۇپايە قىلىدۇ. 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كاپىتالنى رويىخەتكە ئالدۇرغۇچىلار نامى ”شىنجاڭ“ بىلەن باشلىنىدىغان چوڭ شىركەت قۇرالايدۇ. يىڭى شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمەبويىچە، ئىككىدىن ئارتۇق تەرەپ پاي قوشۇپ شىركەت قۇرغۇچىلار يىڭى ئىش باشلىغاندا رويىخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ %30 نى نەخلىيەلىسە، قالدىسىنى ئىككى يىلغىچە ئەمەلىيلەشتۈرسە بولىدۇ. بۇ قانۇندا يەنە ئۆتۈنۈشكە بولىدىغان ماركا ھوقوقى، پاتنىت ھوقوقى، ئەسەر ھوقوقى ۋە باشقا شەكىلسىز بايلىقىلارنىڭ قىممىتىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ شىركەت كاپىتالى قىلىشقا دائىر بەلگىلىمە ئىلگىركىگە قارىغاندا كۈچەيتىلىپ، ئاۋامغا قولايلىق يارتىلدى.
2. بىر ئادەم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇش رىئاللىققا ئايلاندى. ئىلگىركى ”شىركەت قانۇنى“ دا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىككىدىن ئارتۇق تەرەپ پاي قوشۇپ ھمكارلىق ئورنىتىش تەلەپ قىلناتتى. بۇنىڭدىن كىيىن بىر ئادەم مۇستەققىل ئۆز ئالدىغا ”قەشقەر xxx سودا چەكلىك شىركىتى“ دەيدىغان زامانىۋى كارخانا قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا تەستىقلىندىغان بولدى. بىر ئادەملىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ رويىخەتكە ئېلىنىدىغان كاپىتالىغا قويۇلىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم 100 مىڭ يۈەن قىلىپ بىكىتىلدى ھەمدە بۇ كاپىتالنى بىرلا قېتىمدا نەقلەشتۈرۈش شەرت قىلىندى.
3.پاي چەكلىك شىركىتى، گوروھ شىركەت، چەت- ئەل شىرىكچىلىكىدىكى شىركەت قۇرۇش تەرتىپىمۇ ئاددىيلاشتى. پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنىڭ رويىخەت كاپىتالىغا قويۇلىدىغان شەرتى 10 مىليون يۈەندىن بەش مىليون يۈەنگە تەڭشەلدى. چەت- ئەل شىرىكچىلىكىدىكى شىركەتلەرنى تىزىملاپ تەستىقلاش ھوقوقى ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايونغا چۈشۈرۈلدى.
2. شىركەت قۇرۇپ كارخانىچى بولغان ياخشىمۇ ياكى ئادەتتىكى يەككە تىجارەتچى بولۇغ ئەۋزەلمۇ؟ خەلق ئارىسىدا: ”شىركەت قۇرسا، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان باج- سېلىق ئىشىپ كىتىدۇ“ دەيدىغان بىر خاتا چۈشەنچە بولغاچقا شىركەت قۇرۇپ زامانىۋى كارخانىچى بولۇش شەرتىگە توشىدىغان نۇرغۇن تىجارەتچىلەر بۇ ئىشتىن باش تارتىپ، ئۇششاق يەككە سودا- سانائەتچى نامىدا سودا قىلىشقا ئادەتلەنگەن. جوڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە تىجارەت قىلغۇچىلارنى يەككە تىجارەتچى دەپ ئايرىيدىغان ئىش يوق بولۇپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى- دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەكلىدۇر.
شىركەت قۇرغان كارخانىچىنىڭ يەككە تىجارەتچى بىلەن بولغان پەرقى ئاساسلقى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
1) سودا ئىناۋىتى ئۆسىدۇ. ئىناۋەت- بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇل تېشى، باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك ئىناۋەت ئاساسى يوق سودىگەرلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە كۆپ پۇل تېپىپ چوڭ ئىشلارنى ھۇجۇتقا چىقىرالىشى ئەسلا مۆمكىن ئەمەس، سودىگەرلەرنىڭ ناتونۇش خرىدارلار ئالدىدىكى ئىناۋىتى نەدىن كېلىدۇ؟ ئەمەلىي ئىقتىسادىي قۇدىرتىدىن كېلىدۇ. شىركەتنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تىزىملىكىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى سودىگەرنىڭ سودا چۆپقەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى قۇدىرتى، جۈملىدىن سودا ئىناۋىتىگە ئىشەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسى بولالايدۇ.
2) تىجارەت خىيىم- خەتىرى ئازىيىدۇ. زامانىۋى شىركەتلەرنىڭ سودا ئالاقىسى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭكىدەك ئىغىزاكى شەكىلدە ئەمەس بەلكى يازما توختام ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. دەلىللەش ياكى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن سودا توختىمى سودىغا ئالاقىدار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تىجارەت خىيىم- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سودا ئالاقىسىدا نەخ پۇل ئوبروتى ئازايتىلىپ تۈرلۈك ئېلىم- بىرىملار شىركەتنىڭ بانكا ھىساۋاتى ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈلسە، مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.گوۋۇيۈەننىڭ يىڭى باج سىياسىتىدە، سودا ئوبروت تىپىدىكى شىركەتلەر دۆلەتلىك باجغىلا تىزىملىتىپ يەرلىك باجغا تىزىملاتمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەنىدى. غەربىي يۇرتنى ئىچىش سىياسىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە، ھازىر دۆلەت باج تارماقلىرى يىڭىدىن قۇرۇلغان سودا شىركەتلىرىنىڭ تاپاۋەت بىجىنى ئۈچ يىلغىچە كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. دىمەك، ھازىر يىڭى قۇرۇلغان سودا شىركەتلىرى كەم دىگەندە ئۈچ يىلغىچە تاپشۇرىدىغان باج- سېلىق ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك بولۇپ، بۇيەردە تىلغا ئىلىنغان باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يەككە سودا- سانائەتچىلەرگە تەدبىقلانمايدۇ.
بۇلاردىن باشقا، شىركەت قۇرغان كارخانىچىلار سودا ئىشى بىلەن چەتئەلگە چىقىش رەسمىيتىنى ئاسانلا بىجىرەلەيدۇ. بانكىدىن قەرز ئېلىپ دۇككان ياكى تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋىلىش، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى بدراۋەرلىك ھوقوقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشلارمۇ ئىنتايىن قولايلىق بولىدۇ.
3. شىركەت قۇرۇشتا قانداق رەسمىيەتلەرنى تەييارلاش كېرەك؟
گوۋۇيۈەن يىقىندا ئىلان قىلغان ”شىركەتلەرنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامنامىسى“ دا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تۆۋەندىكى رەسمىيەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن:
1) شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىل ئىمزا قويغان شىركەت قۇرۇش ئىلتىماسى؛
2) پايچىكلار بىكىتكەن ۋەكىل ياكى ئورتاق ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
3) شىركەت نىزامنامىسى؛
4) قانۇنلۇق مەبلەغ تەكشۈرۈش ئورگىنى چىقارغان مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكىلاتى؛
5) پايچىكلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
6) شىركەتنىڭ قانۇنى ۋەكىل، لىدېر، نازارەتچى، دىرىكتورلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىگە ئائىت ئىسپات- ھۆججەتلەر؛
7) شىركەتنىڭ مۇقىم تۇرالغۇسىنىڭ ئىسپات ھۆججىتى.(ئۆي خېتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە ئىجارە توختامى) 8) شىركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلىغانلىق ئۇقتۇرۇشى؛
9) دۆلەت سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تاپشۇرۇشنى بىكىتكەن باشقا ھۆججەتلەر؛
4. كاپىتال قىلىپ رويىخەتكە ئالدۇرۇشقا يىتەرلىك نەخ پۇل بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇ مەسلىنى مۇنداق ئۈچ خىل چارە بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ:
1) ئۆتۈنۈشكە بولىدىغان ماركا ھوقوقى، پاتنېت ھوقوقى، ئەسەر ھوقوقىغا ئوخشاش قانۇنلۇق شەكىلسىز مال- مۈلۈكى بار پايچىكلار بۇ مال- مۈلۈكلىرىنىڭ قىممىتىنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە باھالىتىپ، قىممىتىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ شىركەت كاپىتالى قىلسا بولىدۇ. قانۇنىي رەسمىيتى تولۇق تۇرالغۇ ئۆي، ماشىنا، مال، خام- ئاشيا ۋە يەر ئىشلىتىش ھوقوقى قاتارلىقلارنىمۇ شىركەت كاپىتالى قىلىشقا بولىدۇ.
2) تۇنجى قېتىم رويىخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ %20 نى تەقلەش ئىمكانىيتى بارلار كاپىتالنىڭ قالغان قىسمىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىككى يىللىق سۈرۈك ئىچىدە بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
3) قانۇنغا .ۇيغۇن تەرتىپ بويىچە بانكا ياكى تەرەپلەردىن ئىناۋەت قەرزى ئېلىپ شىركەت كاپىتالى قىلسا بولىدۇ.

 جۇڭگودا شىركەت ئىككى خىل بولىدۇ. بىر پاي چەكلىك شىركىتى 股份有限公司 يەنە بىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 有限责任公司 .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خۇسۇسى كارخانا 个人独资企业 دىگەندەك بىر شەكلىمۇ بار بولۇپ ئۇ ھەقىقى مەنىدىكى شىركەت ئەمەس، ئۇنىڭغا شىركەت قانۇنى 公司法 تەدبىق قىلىنمايدۇ.
پاي چەكلىك شىركىتى 股份有限公司 نىڭ قۇرۇلىشى سەل مۇرەككەپ بۇلۇپ ئۇنى گوۋۇيۇەن ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئورۇنلار تەستىقلىشى كىرەك.
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 有限责任公司 نىڭ قۇرۇلىشى نىسپەتەن ئاددى بولۇپ، نوۋەتتە دىيارىمىزدا قۇرۇلغان ھەم قۇرۇلىدىغان شىركەتلەر نىڭ كوپىنچىسى دەل مۇشۇ شەكىلدە.
توۋەندە مەن ئوزەمنىڭ شىركەت قۇرۇش خىيالى، شىركەت قۇرۇش جەريانى ھەم شىركەتنى ماڭدۇرۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئۆرتاقلاشماقچىمەن.
شىركەت قۇرۇش خىيالى
مەن ئەتراپىمدىكى پىكىرداش ھەم كەسىپداش دوستلار بىلەن ئانچە – مۇنچە كاسىنە ئىش قىلپ، ئاز-تولا پۇل پىچەك تېپىپ قوياتتۇق. بۇ جەرياندا مەلۇم قولايسىزلىقلار سادىر بولاتتى. بۇلارنى توۋەندىكىدەك يېغىنچاقلاش مۇمكىن.

1. توختاملىشىش: 签订合同
بىرەر سودا ياكى مۇلازىمەتنى باشلاشتىن بۇرۇن توختاملىشىش كىرەك. بۇنداق بولغان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز بىلەن توختاملاشماقچى بولغان تەرەپ شەخىس بولسا ئىش ئاسان. ئۇنداق بولماي ئىدارە-ئورگان، شىركەت بولۇپ قالسا توختاملاشماق تەس، چۇنكى ئىككى تەرەپ تەڭداش ئەمەس. توختاملاشقان تەقدىردىمۇ توختامغا باسىدىغان ”تامغا“ ڭىز يوق. شۇنىڭ بىلەن سىز شەخس بولغانلىقىڭىز، تامغا سىز بولغانلىقىڭىز سەۋەپلىك توختاملىشالماي سودا پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالىسىز.

2. تالون تېپىش: 提供发票
بىر ئامال قىلىپ توختام ئوتكىلىدىن ئوتۇپ، سودىنى ئوڭۇشلۇق پۇتتۇردىڭىز. ئەمدى قارشى تەرەپ سىزگە پۇل تولىمەكچى. قارشى تەرەپ شەخىس بولسىغۇ پورتمالىدىن قىزىل تىزىلارنى چىقىرىپ ساناپ بەرسىلا ئىش پۇتىدۇ. ئۇنداق بولماي ئىدارە-ئورگان، شىركەت بولۇپ قالسا، قارشى تەرەپكە دولەت ئىتىراپ قىلىدىغان باج تامغۇسى بېسىلغان قانۇنلۇق تالون تاپشۇرىشىڭىز كىرەك. بولمىسا ئۇلار سىزگە پۇل چىقىم قىلىپ بىرەلمەيدۇ. دولەتنىڭ مالىيە تۇزۇمى يول قويمايدۇ.

3.پۇل ئېلىش: 收款
يۇقاردىكى ئىككى ئوتكەلدىن ئوتكەندىن كىيىن ئۇلار سىزگە بىر دانە مىمورىيال چەك 转帐支票كىسىپ بىرىدۇ. نەق پۇل چىكى现金支票 بىرىشكە دولەتنىڭ مالىيە تۇزۇمى يول قويمايدۇ. مىمورىيال چەكتىكى پۇلنى پەقەت بانكىدا ھىساۋاتى结算账户 بولغان ئىدارە-ئورگان، شىركەت لەرلا ئوزىنىڭ ھىساۋاتىغا كىرىم قىلالايدۇ. سىزنىڭ پۇل ئامانەت كىنىشكىڭىز 存折،كارتىڭىز 借记卡غا كىرىم قىلغىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نوپۇز،سالاھىيەت دىگەندەك ئىشلارغىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ. سىز بىر ئىدارە-ئورگان، شىركەت كە بېرىپ “ مەن پالانى، سىلەر بىلەن مۇنداق سودا قىلماقچى“ دىگەن گەپ بىلەن “ مەن پالانى شىركەتتىن، شىركىتىمىز سىلەر بىلەن مۇنداق سودا قىلماقچى“ دىگەن گەپنىڭ ۋەزنى ئوخشىمايدۇ. ئۇندىن باشقا شەخىس بىلەن شىركەتنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان ئىشەنچ تۇيغۇسى ئوخشىمايدۇ.
يۇقاردا دىيىلگەندەك ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بىز شىركەت قۇرۇش نىيىتىگە كەلدۇق.

شىركەت قۇرۇش جەريانى

جۇڭگدا شىركەتلەر ”شىركەت قانۇنى“ بويىچە باشقۇرلىدۇ. شىركەتلەرنى كونكىرىت ئەنگە ئېلىپ تىجارەت كېنىشكىسى بېرىدىغان ئورگان ”سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى“ (ماقالىدە قىسقارتىلىپ س س م ب ئىدارىسى دەپ ئېلىنىلىدۇ). شۇڭا شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش 注册登记 ئۇچۇن س س م ب ئىدارىسىغا بېرىش كىرەك. بىر شىركەتنى تولۇق ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ كونكىرىت تەرتىپلىرى توۋەندىكىدەك.

شىركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلىتىش

مەبلەغ ھىساۋاتى ئېچىش

مەبلەغ تەكشۇرتۇپ، مەبلەغ تەكشۇرۇش دوكلاتى تەييارلاش

شىركەت تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش

تىجارەت كىنىشكىسى (كارخانا قانۇنى ئىگىسى تىجارەت كىنىشكىسى ) ئېلىش

ج خ تارماقلىرىدىن تامغا ئويدۇرۇش ئىجازىتى ئېلىش ھەم تامغا ئويدۇرۇش

سۇپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىدىن كارخانا قانۇنى ئىگىسى نومۇر كېنىشكىسى ئېلىش

باج تاپشۇرۇش كېنىشكىسى ئېلىش

بانكا ھىساۋاتى ئىلتىماس قىلىش ھەم چەك سېتىۋېلىش (چەك ئالمىسڭىزمۇ بولىدۇ)

يۇقارقىدەك بىر قاتار جەريانلار ئارقىلىق شىركەت قانۇنلۇق قۇرۇلۇپ بولغان بولىدۇ. سىز تىجارەت دائىرىڭىز ئىچىدە ئۆز تىجارىتىڭىزنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
(ئاۋۇ جەريانلارنى تەپسىلى چۇشەندۇرۇش كىرەكمۇ يوق دىگەننى سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلارغا قاراپ ئىش كۆرۇمەن)
1 شىركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلىتىش

بۇ باسقۇچتا تەييارلىق كۆرىدىغان ئىشلار:
شىركەت نامى:
شىركەت نامى= مەمۇرى رايون + شىركەت ئىسىمى + كەسىپ + شىركەت خاراكتىرى
مەمۇرى رايون: يەنى شىركەتنى رويىخەتكە تىزىمغا ئالىدىغان س س م ب ئىدارىسى تۇرۇشلۇق مەمۇرى رايوننىڭ ئىسمى. بۇنىڭدا سىزنىڭ ھىچقانداق تاللىشىڭىز يوق.
مەسىلەن: قەشقەر شەھەرلىك، قارىقاش ناھىيەلىك دىگەندەك. ئەگەر چوقۇم مەن دىگەن شەھەرنى شىركەت نامىغا كىرگۇزىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم شۇ شەھەرگە بېرىپ شىركەت قۇرۇڭ.

شىركەت ئىسىمى: مانا بۇ سىز كۆڭۈل قويۇپ، باش قاتۇرۇپ تاللايدىغان ئىسىم. مەسىلەن ئىزچىلار، ئارمان، ئىھسان دىگەندەك
كەسىپ: يەنى سىزنىڭ شىركىتىڭىز شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ. مەسىلەن يىزا ئىگىلىك، ماشىنىسازلىق، توقۇمۇچىلىق، بىناكارلىق، تەرجىمانلىق دىگەندەك
شىركەت خاراكتىرى: چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى.

شۇنداق بولغاندا تولۇق بولغان شىركەت نامى: پالانى شەھەرلىك پۇستانى xxxx چىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
نەقىل:
بىزنىڭ شىركەتنىڭ تولۇق نامى 和田市XX信息技术有限责任公司 بولدى. جەمئى 15 خەت.
س س م ب ئىدارىسىنىڭ خادىمى بىزنىڭ شىركەت ئىسمىنى كۆرۇپ شولگەيلىرىنى ئېقىتىپ lenevo 联想 دىن ئېشىپ كىتەي دەپسىلەردە دەپ كەتكەن ئىدى. لېكىن ”قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق“ بولاپ قالدى.
شىركەت نامىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش جەريانىدا خەنزۇ يېزىغىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا ماتىرىياللارنى خەنزۇچە تەييارلاڭ. ئۇيغۇرچە تەييارلايمەن دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن ھەممىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇڭ.

شۇنداق بولغاندا ئەڭ ئاخىرىدا شىركەتنىڭ تولۇق نامى 19 خەنزۇچە خەتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن. بۇ توغرىلىق ھىچقانداق بەلگۈلىمە يوق. لېكىن ئۇنداق بولمىسا ئوزىڭىز جاپا تارتىپ قالىسىز. چۇنكى ئاۋۇ شىركىتىڭىزنىڭ نامى نۇرغۇن كىنىشكىلەرگە بېسىلىدۇ، يۇمۇلاق تامغۇلارغا ئويىلىدۇ، ھەرخىل كومپىيوتىر سېستىمىلىرىغا كىرگۇزىلىدۇ. ناۋا مەلۇم بىر يەردىكى كاتەككە پاتماي قالسا ھى ھى ھى
نەقىل:
باشلانغۇچنىڭ ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا دەرس سوزلەۋېتىپ، كەلگۇسىدە ئىنسانلار ئايدا ئولتۇراقلىشىدۇ دەپتىكەن، بىر ئوقۇغۇچى كۇلۇپ كېتىپتۇ، ئوقۇتقۇچىسى نىمىشقىلىقىنى سورىسا، ”مەن ئۇلارنىڭ ئاينىڭ ئورغاقلىشىپ كەتكەن چاغدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇرۋاتىمەن“ دىگۇدەك. —-كەڭ تارقالغان يۇمۇرلادىن ئېلىندى
تەۋسىيە
شىركەت نامىنى ياخشى ئويلاڭ! .ئۈنىڭدىن بەكراق شىركەت تىجارەت دائىرىسىنى ياخشى ئويلاڭ.

تىجارەت دائىرىسى: يەنى سىزنىڭ شىركىتىڭىز تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دائىرە، يەنى چىگرا دىگەندەك گەپ. بۇ دائىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشكە قەتئى بولمايدۇ. بۇنى قانداق بەلگىلەشنى بىلمىسىڭىز ئەنسىرىمەڭ، س س م ب ئىدارسى سىزگە تاللىشىپ بىرىدۇ. يەنە سىز شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن بىر قانچىنى تاللىۋېلىش كىرەك. بۇ بىر توغرا جاۋابى يوق كۆپ تاللاش سوئالىغا ئوخشايدۇ. ئۆزىڭىز تۇزىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بىز تۇزگەن تىجارەت دائىرىسى:
提供信息化解决方案,技术服务;网络工程,系统集成,培训。
كېيىنچە چاتاق مۇشۇ يەردىن چىقتى. كېيىن بىز بىر خېرىدارغا يۇمشاق دىتال تۇزۇپ بېرىپ، 软件设计费 دەپ تالون كەستۇق. شۇنداق قىلىپ دائىرىدىن ھالقىپ تىجارەت قىلغان 超经营范围 دىگەن قالپاق بىلەن ”جازالاندۇق“

شۇنداق قىلىپ شىركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلىشنى ئىلتىماس قىلىش قا كىتەرلىك تەييارلىق پۇتۇپ قالدى. باشقا ئىشلار بەك مۇھىم ئەمەس. ئىلتىماس قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ، ئۇلار (س س م ب ئىدارسى) ئىلتىماسىڭىزنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تەكشۇرۇپ تەستىقلايدۇ ياكى تەستىقلىمايدۇ.
ئۇلار پەقەت سىز ئىلتىماس قىلغان ئىسىمنىڭ شۇ رايون، شۇ كەسىپ تۇرىدە باشقىلار ئىشلەتكەنمۇ يوق؟ سىز ئىلتىماس قىلغان ئىسىم دولەت نىڭ ئالاقىدار بەلگۇلىمىلىرىگە ماس كىلەمدۇ يوق شۇنى تەكشۇرىدۇ.
بىزنىڭكىنى نەق مەيداندا دەرھال تەستىقلاپ بەرگەن.
سەۋەبى: ماۋۇ كەسىپ 信息技术 دا تېخى شىركەت قۇرۇلۇپ باقماپتىكەن. بىز ئىشلەتكەن ئىسىم ئەزەلدىن ئىشلىتىلمىگەنكەن.

ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانسا شىركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ بىرىدۇ. سىز مەبلەغ يېغىشقا ئاتلانسىڭىز بولىدۇ.

يۇقارقى مەزمۇنلارنى شىركەت قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بىراق نۇرغۇن زىھىن، ۋاقىت، ئىقتىساد كېتىدۇ. نەق گەپنى دىسەك ”ئىسراپ“ بولىدۇ.
مەبلەغ توپلاش
شىركەت نامى ئالدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن مەبلەغ توپلاش كىرەك.
شىركەت قۇرۇشقا كېتىدىغان مەبلەغ:
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇش ئۇچۇن 2 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ، 50 دىن ئاز ئادەم مەبلەغ چىقرىپ، شىركەت قۇرغۇچىلاردىن بولىشى كىرەك.
بىز 3 ئادەم بىرلەشتۇق.

شىركەت خاراكتىرى
چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇغۇللىنىلىدىغان تىجارەت خاراكتىرىغا قاراپ مۇلازىمەت خاراكتىرلىق، سېتىش خاراكتىرلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش خاراكتىرلىق دەپ 3 خىل بولىدۇ.
مۇلازىمەت خاراكتىرلىق شىركەت سېتىش ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
سېتىش خاراكتىرلىق شىركەت ئىشلەپچىرىش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.
بىز مۇلازىمەت خاراكتىرىدىكى شىركەت قۇرۇشنى تاللىدۇق.

تىزىمغا ئالدۇرىدىغان مەبلەغ چەكلىمىسى

شەھەر (ناھىيە) دەرىجىلىك شىركەت قۇرۇش ئۇچۇن:

مۇلازىمەت خاراكتىرلىق 100مىڭ يۇەن.

سېتىش خاراكتىرلىق 300مىڭ يۇەن

ئىشلەپچىقرىش خاراكتىرلىق 500مىڭ يۇەن

ئەگەر مەمۇرى رايوننىڭ دەرىجىسى ئوخشىمىسا، تەلەپ قىلىنىلىدىغان مەبلەغمۇ ئوخشىمايدۇ.

توپلىنىلىدىغان مەبلەغ كاپىتال 资本 شەكلىدە (نەق پۇل)، ياكى باشقا مۇلۇك شەكلىدە بولسا بولىدۇ، كاپىتال شەكلىدە بولمىغان مۇلۇك چوقۇم سالاھىيىتى بار ئورۇن تەرىپىدىن مۇلۇك نىڭ قىممىتى باھالىنىلىشى كىرەك.
مۇلۇك باھالاش ئۇچۇن مۇلۇكنىڭ شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش كىرەك، مۇلۇك رەنىگە قويۇلمىغان بولىشى كىرەك.
مۇلۇكنى باھالاتسىڭىز ئايرىم ھەق ئېلىنىلىدۇ.
ئەڭ قولايلىق ئۇسۇل مەبلەغنى كاپىتال 资本 شەكلىدە (نەق پۇل) توپلاش كىرەك.

مەبلەغ توپلىنىپ بولغاندىن كېيىن س س م ب ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن ”شىركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى“ نى بانكىغا ئېلىپ بېرىپ مەبلەغ تەكشۇرۇش ھىساۋاتى 验资户 ئېچىش كىرەك.
قايسى بانكىغا بېرىش كىرەك؟
خەلق بانكىسى، پوچتا ئامانەت بانكىسىدىن باشقا بانكىلارنىڭ ئوزىڭىزنىڭ شىركىتىگە يېقىن، ئىش بىجىرىش قولايلىق بولغان تارماقلىرىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

بانكا شىركەت نامىنى ئالدىن تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى نى كۆرسىلا ھىساپ ئېچىپ بېرىدۇ.
ھىساپ ئېچىلغاندا ھىساپقا دەرھال پۇل قويۇش تەلەپ قىلىنىلىدۇ. بانكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تەلەپ قىلىنىلىدىغان پۇل 1 يۇەندىن نەچچە يۇز يۇەنگىچە بولىدۇ.

ھىساپ ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن سىز شىركەت قۇرۇش ئۇچۇن توپلىغان مەبلەغنى ئاشۇ ھىساپقا ئولتۇرغۇزىسىز.
دىققەت: شىركەت رەسىمى قۇرۇلۇپ (ياكى شىركەت قۇرۇلمايدىغان) بولغىچە سىز بۇ پۇلنى ئالالمايسىز.
ئاندىن مەبلەغ تەكشۇرۇش سالاھىيىتى بار بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى 会计事务所 غا بىرىپ مەبلەغ تەكشۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۇلار مەبلەغنى تەكشۇرۇپ، دوكلات چىقىرىپ بىرىدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلار ھەق ئالىدۇ. ئالىدىغان ھەققى ئۇلارنىڭ كولىمى، ئىناۋىتى، مۇلازىمەت سۇپىتى دىن باشقا يەنە سىزنىڭ مەبلىغىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

مەبلەغ تەكشۇرۇش داۋامىدا نۇرغۇن ھۆججەتلەر پۇتۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ”شىركەت نىزامنامىسى 公司章程 دۇر. بۇ نىزامنامە سىز قۇرماقچى بولغان شىركەتنىڭ <ئاساسى قانۇنى> دۇر. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك. ئادەتتە بوغالتىرلىق ئورۇنلىرى ئولچەملىك قىلىپ تەييارلاپ قويۇلغان ئونۋىرسال نىزامنامىدىن بىرنى تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇ نىزامنامە شىركەت ئىچىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان ”قانۇن“ بولغاچقا شىركەت قۇرغۇچىلار چوقۇم ياخشى چۇشىنىشى، ئۆزلىرى تۇزۇپ چىقىشى لازىم.

شىركەت نىڭ رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى
شىركەتتە چوقۇم شىركەت مۇدىرىيەت ھەيئەتلىرى يېغىنى 董事会 كىڭەش ھەيئەتلىرى يېغىنى 理事会 نازارەتچىلىك ھەيئەتلىرى يېغىنى تەسسىس قىلىش كىرەك.
ئەگەر شىركەتنىڭ كولىمى كىچىك بولسا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ماس قىلىپ ئىجرائىيە مۇدىر 执行董事 دېرىكتور 经理 نازارەتچى 监事 تەسسىس قىلىنسىمۇ بولىدۇ. بۇلار شىركەتنىڭ رەھبەرلىرى بولىدۇ.

باشقا ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمەس.
بۇ باسقۇچتا شىركىتىڭىزنىڭ خىزمەت، تىجارەت سورۇنى بارلىغىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات كېتىدۇ. سورۇن 营业场所 (ئورۇن) نى سېتىۋالسىڭىزمۇ، ئىجارە ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن باشلاپ شىركەت نىڭ قانۇنى ئىگە تىجارەت كىنىشكىسى چىقىپ بولغىچە بارلىق شىركەت قۇرغۇچىلار ھەر خىل ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويىشىغا توغرا كېلىدۇ.

مەبلەغ تەكشۇرۇش دوكلاتى چىقىپ بولغاندىن كېيىن، بارلىق ھۆججەت ماتىرىياللارنى س س م ب ئىدارىسىغا تاپشۇرىسىز. ئۇلار تەكشۇرۇپ، لاياقەتلىك بولسا تاپشۇرۋالىدۇ. تاپشۇرۋالمىسا،قايتۇرۋەتسە سىزنىڭ تەييارلىغان ماتىرىياللىرىڭىز تەلەپكە لايىق بولمىغان بولىدۇ. قايتا تەييارلايسىز ياكى شىركەت قۇرۇشتىن ۋاز كېچىسىز.
بۇ ۋاقىتتا سىز س س م ب ئىدارىسىغا بەزى ھەقلەرنى تاپشۇرىسىز. بۇ ھەقلەرنىڭ تۇرلىرى تولۇق ئىسىمدە قالماپتۇ. ئاساسلىقى ھەرخىل كىنىشكا تەننەرق ھەققى، شىركەتلەر ئويۇشمىسىنىڭ ئەزالىق بەدەل ھەققى دىگەندەكلار بولۇپ نەچچە يۇز كويدىن نەچچە مىڭ كويغىچە.

نەچچە كۇندىن كېيىن شىركىتىنىڭ كارخانا قانۇنى ئىگە تىجارەت كېنىشكىسى چىقىدۇ. بۇ كىنىشكىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ باشقا رەسىمىيەتلەرنى بىجىرىسىز.
بىرىنجى قىلىدىغنىڭىز تامغا ئويدۇرۇش
ج خ تارماقلىرىغا تامغا ئويدۇرۇشقا رۇخسەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىسىز، ئىلتىماس قىلغاندا قايسى (قانچە) تامغا ئويدۇرۇدىغانلىقىڭىزنى ئىنىق يازىسىز. ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ چاغدىلا ياخشى ئويلاپ لازىملىق تامغۇلارنى ئويدۇرۋىلىك.
چوقۇم ئويدۇرۇش كىرەك بولغان تامغا

شىركەتنىڭ مەمۇرى تامغۇسى 公司公章

قانۇنى ئىگە نىڭ ئىسىم تامغۇسى 法人代表名章

ئەھۋالغا قاراپ ئويدۇرۇش كىرەك بولغان تامغا

توختام مەخسۇس تامغۇسى 合同专用章

مالىيە مەخسۇس تامغۇسى 财务专用章

بوغالتىر، كاسسىرلارنىڭ شەخسى تامغۇسى 会计、出纳私章

تامغۇلار تەييار بولغاندىن كېيىن سۇپەت-تېخنىكا نازارەت ئىدارىسىغا بېرىپ 企业法人代码证 ئىلتىماس قىلىسز. بۇنىڭغا شىركەتنىڭ تامغۇسى بېسىلغان ئىلتىماس بولىسلا بولىدۇ.
ئاندىن يەرلىك باج، دولەتلىك باج ئىدارىسىغا بېرىپ باج تاپشۇرۇش كېىنىشىكىسى ئىلتىماس قىلىسز. بۇنىڭ ئۇچۇن شىركىتىڭىزنىڭ مالىيە تۇزۇمى بولىشى، بوغالتىرلىق سالاھىيتىگە ئىگە بولغان بوغالتىرىڭىز بولىشى كىرەك.

ئاخىرىدا ھىساپ ئاچقان بانكىغا كېلىپ، مەبلەغ تەكشۇرۇش ھىساۋاتىڭىزنى شىركەتنىڭ ئاساسلىق ھىساۋات 基本户 غا ئوزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىسىز. بۇنىڭغا يۇقاردا بېجىرگەن ھەممە كىنىشكىلەر لازىم بولىدۇ. بۇ ئىش پۇتكەندىن كېيىن بانكىغا پۇل چىقىم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان تامغۇ لىرىڭىزنى ئەنگە ئالدۇرۇپ 预留印鉴 قويىسىز. چەك سېتىۋالىسىز. ئەگەر شىركەت ھىساۋاتىدىكى پۇلنى چىقىم قىلمايمەن دىسىڭىز چەك ئالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ شىركەت مۇۋەققىپىيەتلىك ھالدا قۇرۇلۇپ بولدى. ئەمدى قورۇقماي تىجارەتنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمدىكى ئىشلار قانداق قىلىپ شىركەتنى روناق تاپقۇزۇش، زورايتىش تىن ئىبارەت.

ۋاكالەتچى ئارقىلىق شېركەت قۇرسىڭىز ئاسان.500000 نى ئۇلار ھەل قىلىدۇ.ھەممە رەسمىيەت 5000-6000 يۇەنغىچە كېتىدۇ.
شېركەت ئورنى بولمىسا ئۇلار تېپىپ بېرىدۇ.قۇرۇق نامى بار شېركەت بولىدۇ.
تېز بولغاندا 2 ھەپتە كېتىدۇ.
دەسلەپكى 3 ئايدا باج تاپشۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

چوقۇم بوغالتېر كېرەك.ئەڭ ئەرزان ۋاقىتلىق بوغالتېر ئايلىقى 300. يەنە شېركەتنى ھەر يىلدا تەكشۇرتىسىز.ھەرخىل باج بار.

شېركەتنى بىر ئىسىمدا تىزىملىتىپ باشقا ماركىدىكى مەھسۇلاتنى ساتسىڭىز ئەلۋەتتە بولىدۇ……

مەنبە: ئالدىنقى قېتىم تور تاقىلىشتىن بۇرۇن كومپىيوتىرىمغا ساقلىۋاپتىكەنمەن ، ئەپسۇس مەنبەسىنى ئەسكەرتىلمەپتۇ ، بۈگۈن قارىسام خېلى پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن ، شۇڭا يوللاپ قويدۇم . مەنبەسىنى ئۇقىدىغانلار ئەسكەرتىپ قۇيساڭلار بۇلىدۇ .

2011.04.26 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.04.26
16:11
1-قەۋەت: «نۇرلۇق» مۇنداق دېدى:

بەك ياخشى تېمىكەن، تېمىڭىزغا رەھمەت.

2011.04.26
22:04
2-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

سىزنىڭمۇ يوقلاپ تۇرغىنىڭىزگە رەھمەت !

2011.05.24
14:43
3-قەۋەت: «مۇھەممەت قادىر» مۇنداق دېدى:

قېرىندىشىم،ئاللارەھمەت قىلسۇن مىللىتىمىزگە بۇساھەنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغىنىڭىزغا ئاپىرىن!بىزمۇ باللىرىمىزغا چوڭ بولساڭ مائاشچى بولماي ئۆزئالدىڭغا كارخاناقۇردەپ تەربىيە بېرەيلى،ھېچ-بولمىسا ئۆزئالدىغا بېرەركەسىپ بىلەن شۇغۇللاسۇن.
ئالدى-بىلەن ئۆزىمىز بېرەر ئىش قىلىپ ئۈلگە بولايلى ،

2011.05.24
14:49
4-قەۋەت: «مۇھەممەت قادىر» مۇنداق دېدى:

مەن باي-دادام دىگەن كىتاپنىمۇ نەچچەرەت ئوقىغان،مەن بىلوگنى كۈرۈپ شۇ كىتاپتىكى باي دادىنى ئەسلەپ قالدىم.

2011.05.24
21:30
5-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

توغرا دەيسىز ، ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى . تىرىشايلى !

2011.05.24
21:31
6-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

باي دادامنىڭ نىشانى ئەلگە ئاز بلسىمۇ نەپ بىرىش .

2011.07.15
19:50
7-قەۋەت: «ئۇبۇلقاسىم» مۇنداق دېدى:

بەك ياخشى تىما ئىكەن ،بولسا باجغا ئائىت قىسمىنىمۇ يوللىغان بولسىڭىز

2011.07.18
10:49
8-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

بولىدۇ ، پات ئارىدا ئۇنىمۇ يوللاپ قۇياي .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup