ياشلار ئۆي سېتىۋېلىش قارشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك .

سەھپە: ئۇنىۋېرسال باھا:10

ياشلار ئۆي سېتىۋېلىش قارشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك .
نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆي سېتىۋېلىش سېپىغا قېتىلدى . ئەڭ يېڭى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە ، ئۆي سېتىۋېلىش يېشى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە . 2010-يىلى 30ياشتىن تۆۋەن كىشىلەر، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ %30 نى ئىگەنلىگەن . بېيجىڭ بىرىنچى قېتىم ئۆي دېتىۋېلىش قەرزى ئالغانلارنىىڭ ئوتتۇرچە يېشى 27ياش بولغان . لىكىن بەزى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ، مەسىلەن ياپۇنىيە ، گىرمانىيە، قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 42 ياش بولغان . دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن رايۇنىدا تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 36 ياش بولغان، فىرانسىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 37 ياش ، ئامرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى30 ياشتىن يۇقىرى بولغان . مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارشىچە نۆۋەتتىكى «يېشى سەل كىچىكلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى » ئېلىپ كەلگەن «ئۆي بولمىسا توي قىلماسلىق » «بىراقلا ھەممىسى تەل بۇلۇش » «ئاتا ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئۆي سېتىۋېلىش » قاتارلىق ئاقىلانە بولمىغان ئۆي سېتىۋېلىش قارشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك .بىر يۇلىلا ھەممىنى تەل قىلىش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆي ئىجارە ئېلىشتىن سېتىۋېلىشقىچە، كىچىكلىكتىن چوڭىيىشقىچە قاراپ ماڭىدىغان تەدرىجى تەرەققى قىلىش يۇلىنى تاللاش كېرەك .
ئولتۇراق ئۆي شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى سىياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىنخۇڭ مۇنداق دىدى : يېڭى ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ياشلار ئاساسەن، جۇغلانما ئاز ، خىزمەت مۇقىم ئەمەس ، كىرىم ئىگىز پەس بولغان كىشىلەر تۇپى، ئەگەر ئىشسىز قالسا، قەرز قايتۇرۇش بېسىمى ئېشىپ، ئۆيدىن ئايرىلىپ قېلىش خەتىرى چوڭ بولىدۇ، چىنخۇڭنىڭ كۆرسىتىشىچە ،بۇ يىللىق ئۆي مۈلۈك بازىرىنى كونتۇرۇل قىلىش سىياسىتى، ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسىشىنى تىزگىنلەش ئىكەن . بۇ ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلشتۇرماي،قارغۇلارچە ئۆي سېتىۋېلىش ئېلىپ كەلگەن خېيىم خەتەرنى ئازايتىدىكەن .

باي دادامنىڭ مۇلاھىزىسى :

ئۇيغۇرلاردىكى ئۆي سېتىۋېلىش ھەركىتىگە قارتا نۇپۇزلۇق ئىسىتاستىكا ئورنىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىستاستىكا سانلىق مەلۇماتلىرى بولمىسىمۇ لىكىن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ھەركىتىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىزكى ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۆي سېتىۋاغۇچىلار يېشى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.ھازىر نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنتىلىش بىرى خىزمەت يەنە بىرى ئۆي ، مانا بۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنتىلىش بۇلۇپ ،خىزمەت ھەل بولغان ھامانلا ئۆي سېتىۋېلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ .
ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ھەركىتىدە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر شۇكى : «ئۆي بولمىسا توي قىلماسلىق » «بىراقلا ھەممىسى تەل بۇلۇش » «ئاتا ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئۆي سېتىۋېلىش » «ئاتا ئانىسى ھەممىنى تەل قىلىپ بىرىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ جەمىيەتتە مودا بۇلىۋاتقان قاراش «ئۈيى يوق يىگىتكە تەگمەسلىك»،«خىزمىتى يوق،ھەممىنى تەل قىلالمىغان قىزنى ئالماسلىق» دىگەن قاراش ئىنتايىن ئېغىر .
‹كەمىنىمۇ 27 ياشقىچە توي قىلالماي، ئاخىرى ئۆيدىن بىرنى سېتىۋېلىپ 2 ئايغا قالمايلا توي قىلىپ كەتتىم › مۇشۇنىڭدەك ئىش . «ھەي، دوسلار ماۋۇ چاقچاق جۇما ! خوتۇن كۈرۈپ قېلىپ يەتكىچە گەپ ئاڭلىماي يەنە ……»
بۇرۇنقى چاغلاردامەلۇم بىرەيلەن توي قىلسا بىر نەچچە يىلغىچە ئاتا-ئانا بېلەن بىرگە تۇراتتى ، بۇ ئارقىلىق ئۆزئارا مىھىر چوڭقۇرلايتى ، چۈشۈنۈش چوڭقۇرلايتى . يېڭى توي قىلغان ياشلارمۇ ئاتا-ئانىلاردىن تۇرمۇشنى قانداق ماڭغۇزۇشنى ، ئۆينى قانداق تۇتۇشنى ئۆگىنەتتى .بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ھەممەيلەن ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بالىلارغا ئايرىم ئۆي ئايرىپ بىرەتتى . ئاتا ئانىلارغا توي سېلىقى ، ئۆي سېلىقىنى بىراقلا ئارتىش يوق ئىدى .
ئۆي ئۇ بولمىسا بولمايدىغان نەرسە ، شۇڭلاشقا ئۆي سېتىۋالغاندا چوقۇم پىلانلىق ھالدا ئالدى كەينىنى ئابدان ئويلىشىپ سېتىۋېلىش، قارغۇلارچە ئالدىراقسانلىق بېلەن ئۆي سېتىۋېلىپ ئاتا-ئانىلارغا بېسىم سېلىش، ئاتا-ئانىلارنى تۈگىمەس قەرگە يۈكلەپ قۇيۇش، قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنى چوقۇم تۈگىتىش كېرەك . ئەگەر ئۆي بولمىسا ئالدى بېلەن ئىجارە ئېلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغىدەك ئەمەلى كۈچكە ئىگە بولغاندا سېتىۋېلىش دىگەن قاراشنى تۇرغۇزۇپ ئاتا- ئانىلارنى ۋە ئۆزىنى تۈگىمەس بېسىم ۋە قەرزلەرگە يۈكلەپ قويماسلىق كېرەك .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!

تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.

باي دادام تور خاتىرىسى

2011.04.20 ئاپتور: baydadam
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.04.21
09:53
1-قەۋەت: «شەمسى» مۇنداق دېدى:

ئالامەت زامان بولىۋاتىدۇ دېسە، ھازىر بىرسى مەن بىلەن توي قىلامسىز دېسە كۆڭلىڭىز بارمۇ دېمەي ئۆيىڭىز بارمۇ، ماشىنىڭىز بارمۇ، خىزمىتىڭىز بارمۇ دەيدىغان بوپ كەتتى. بىز توي قىلىپ بولغىچە ئەمدى نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ…

2011.04.21
15:27
2-قەۋەت: «كۆكسۇ005» مۇنداق دېدى:

ھەقىقەتەنمۇ توغرا ھازىر جىمى ئشلار تەل بولمىسا بولماسلىق خاھىشى كۆپيىيىپ كېتىۋاتىدۇ،ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ ئىشلارنى ئاسان قىلغاي!

2011.04.22
11:33
3-قەۋەت: «نۇرلۇق» مۇنداق دېدى:

بىزنى ئېسىل تېمىلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان داڭلىق بلوگگېر باي دادام غا رەھمەت. ئېسىل تېمىلار ئۈزۈلمىسۇن.

2011.04.24
11:52
4-قەۋەت: «ئەزھەر» مۇنداق دېدى:

تۇغرا دەيسىز.ھازىر يىڭدىن تۇي قىلغانلارىنڭ كۆپ ساندىكىسى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىمايدۇ.بۇنۇڭ بىلەن قىينئانا بىلەن كىلىن ئۇتتۇرسىدا چۈشۈنۈشمەسلىك ئەھۋاللىرى ناھايىتى كۇپ بۇلۇپ ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر كۈرسىتىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئىغىر.
ياخشى تىمللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.كۇپ رەخمەت.

2011.04.24
23:44
5-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

باھالىرىڭىزغا لايىق بۇلۇش بىزنىڭ نىشانىمىز .

2011.04.25
00:02
6-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

شۇنداق . بۇلارنى ھېس قىلىپ بىزار بۇلىۋاتقانلار خېلى جىق ، كىيىنچە ئوڭشىلىپ كەتكۈسى .

2011.04.25
00:06
7-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ توي قىلىۋېلىڭ ، ئاندىن ئىككىنچىلەپ توي قىلماڭ . توي دىگەننى ئىككىنچى قىلىدىغان نەرسە ئەمەس .

2011.04.25
00:06
8-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

بىزمۇ ئۈزىمىزگە جىق زۇلۇم قىلىپ كەتتۇق .

2011.05.12
22:02
9-قەۋەت: «ئىزدەن» مۇنداق دېدى:

بىر نېمە دېمەي دىسەم خوتۇن پارىڭى بولۇپ قاپتۇ، ئازىراق لوقما سېلىپ قوياي…
يىگىتلەر بولسا بۇرۇنراق توي قىلىڭلار، شۇنداق بولغاندا گۇنادىن يىراق بولىسىلەر. ئۆي مەسىلىسىگە كەلسەك، لايىق تاللىغاندا سىلەرنىڭ دىگىنڭلاردىن چىقىدىغان، سىلەرنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان، يۈزىدە ئىمانى بار لايىق تاللاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار كىيىنكى خېلى جىق غەمدىن خالاس بولىسىلەر. بولسا ئاۋال ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇپ، كېيىن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئاندىن ئۆي ئالساڭلار بولىدۇ. يەنە شۇنى سەمىڭلارغا سالايكى، بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى خۇيىنى ھەرگىز بىلگىلى بولمايدۇ. مەن ئۇنى ئۇنداق چۈشىنىپ كەتتىم، بۇنداق چۈشىنىپ كەتتىم دىگەننىڭ ھەممىسى يالغان گەپ! بولسا دەسلەپ ئۆي تۇتقاندا (چوڭلار بىنادا بولمايلا قالسا) چوڭ ئۆيدە چوڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇڭلار، شۇ ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر. بۇنداق بولغاندا كېلىنچەك تېخمۇ ئەدەبلىك، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باللىرىڭلارنى باقماق ئاسان بولىدۇ. ئايرىم ئۆيدە تۇرغاندا مىڭ دىگەن بىلەن خوتۇن سىزگە ئەركىلەيدۇ، سىز قىلماسلىققا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى قىلىپ قويىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇن باشقۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرىسىز. ئۇ سىزگە بويسۇنمايدۇ. بىر ياقلىق قىلاي دېسىڭىز ئوتتۇردا بالا. ئىشقىلىپ بىر ئەرگە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىزا يوق. چوڭلار بىلەن ئولتۇرسىڭىز بۇنداق غەمدىن بىراقلا خالاس بولىسىز. ئىشقىلىپ مېنىڭ تەجىربەم بۇ. شۇڭا دەپ قويدۇم…. بويتاقلار مۇۋاپىق بولسا پايدىلىناسىلەر….

2011.05.13
23:25
10-قەۋەت: «باي دادام» مۇنداق دېدى:

كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپسىز ، مەنمۇ شۇ چوڭلار بېلەن بىللە تۇرۇشنى ئىنتايىن بەك قوللايمەن . بولمىسا راس سىز دىگەندەكلا بۇلىدۇ . بىلىپ بىلمەي نۇرغۇن قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلىپ قالىدىغان گەپ ، مىنىڭمۇ تەۋسىيەرىم چوقۇم چوڭلار بېلەن بىرنەچچە يىل بىرگە تۇرۇش كېرەك .

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Checkerize designed by Web Hosting.  In conjunction with Web Hosting   |   Free MMORPG   |   Reverse Phone Lookup