ئىگىلىك تىكلەشتىكى مۇھىم ساپا – يېڭىلىق يارىتىش
يېڭىلىق يارىتىش ياكى تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى دىگىنىمىزدە ، بۇ پەقەت مەلۇم بىر يېڭى مەھسۇلات ياكى يېڭى مۇلازىمەت تۈرىنى ، يېڭىچە بىر سودا قىلىش ئىپى ياكى ئەنئەنىۋى سودا قىلىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنىلار كۆرسىتىپ قالماستىن ، بەلكى ئۆزگىچە بىرخىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆز مۇددىئاسىنى ئىپادىلەپ ، يېڭىچە بىرخىل ئۇسۇل ئارقىلىق كونا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانىيەت تارىخىدا بۈگۈنگىچە تىلغا ئېلىنمىغان يېپيېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق ھەم ئۇنداق قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن . سىز پەقەت ئۆزگىچە ئۇسۇل ئارقىلىق ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ ، تەدرىجى ھالدا ئۆز ئىگىلىكىڭىزنى تىكلىۋالسىڭىز بۇلىدۇ .
مېك ۋېلفېر ۋېلفىر جەمەتى شىكىتىنىڭ 4-ئەۋلاد باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى . بۇ بىر كانچىلق ۋە خېمىيە سانائىتىدە ئىشلىتىدىغان پومپا ئىشلەپ چىقىرىدىغان تەمىنلەيدىغان خەلقئارالىق شىركەت .
ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا يىغىن ئېچىش ، مىھمان كۈتۈش ، خىزمەت قىلىش سۇرۇنلىرى ئايرىم ئايرىم تەييارلانغان بۇلۇپ ، ھەممە يەرگە ھۆججەتلەر رەتلىك تىزىپ قۇيۇلغاچقا ، ھەر ۋاقىت كۈرۈپ چىقىش تېخىمۇ قولايلىق . بىر بۇلۇڭدىكى 4ئىنگىلىز چىسى چوڭلىقىدىكى قېلىن تاختاينىڭ ئۈستىگە ماشىنىغا ئىشلىتىدىغان مىتال زاپچاسلار رەتلىك تىزىلغان بۇلۇپ ، ئۆزىڭىزنى خۇددى بىر مىخانىكنىڭ سېخىغا كىرىپ قالغاندەكلا ھېس قىلىسىز . باشقىلار ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى سورغاندا ئۇ چۈشەندۈرۈپ ،‹‹ مەن ساتىدىغان مەھسۇلاتلار مۇشۇ زاپچاسلاردىن قۇرىلىدۇ ، شۇڭلاشقا مەن دائىم ئۇلارنى كۈرۈپ تۇرىشىم ، ھەمىشە ئۆزەمگە : بۇ ئۈسكىنىلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرگىلى بۇلامدۇ يوق ؟ قانداق قىلغاندا ئۇلارنى تېخىمۇ كىچىك تېخىمۇ، قولايلىق قىلىپ ياسىيالايمىز؟ باشقا ماتىرياللارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بۇلامدۇ يوق ؟ دىگەن سۇئاللارنى قۇيۇپ تۇرۇشۇم كېرەك . مەن دائىم بۇ زاپچاسلارنى كۈرۈپ تۇرغاچقا ، ئۇلار ھەر ۋاقىت يادىمدىن كۆتۈرلۈپ كەتمەيدۇ . گەرچە مەن ئىنژىنىر بولمىساممۇ، ئەمما شىركەتنى باشقۇرىدىغىنى يەنىلا مەن ›› دىگەن .
نەتىجىدە ۋېلفېر تىنىمسىز ئىزدىنىش ئۆگىنىش نەتىجىسىدە نۇرغۇن تۈردە يېڭىلىق ياراتقان ، ئۆزىنىڭلا ياراتقان يېڭىلىقلىرى ئۆز كەسپىدىلا ئەمەس ، باشقۇرۇش ساھەسىدىمۇ نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ياراتقان . شىركىتىنىڭ كللىكتىپ ياراتقان يېڭى پاتنىت نەتىجىللىرى نەچچە يۈزگە بارغان ، ئەڭ ئاخىردا ئۆز ساھەسىدە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا بۇلۇپ چىققان .
ۋېلفېر يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي كىشى بولغاچقا شىركەت ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان . مانا بۇ مىسالدىن يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ .
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز!
تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار.
باي دادام تور خاتىرىسى
رەھمەت ! قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
ياخشىمۇ سىز ؟ بىلوگىڭىزنى ياخشى ئېچىۋاپسىز ، بولسا نۇرۇز مىكرو بىلوگىغا كىرىپ ئۈزىڭىزگە بىر مىكرو بىلوگ ئىلتىماس قىلىۋالغان بولسىڭىز ، ھەمدە بىلوگىڭىزغا قۇيۋالغان بولسىڭىز تېخىمۇ كوركەم بولغان بۇلاتتى ،
مىكرو بىلوگ ئادىرىسى :www.nuruz.com
21:48
يىڭى ھويلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن سىزنى قوللايمىز