يەرمەنكە ئۇچۇرى (تىجارەتچىلەرگە،كارخانىچىلارغا )
بۇ مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلاردا 4- ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرمەنكىلەرنىڭ ئۇچۇرى . بۇ ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بىرئىگىلىك تىكلىگۈچى ياكى مەلوم بىر سودىگەر ئازىراق بىر پۇرسەت ئۇچۇرلىرىنى بايقاپ ئۆز ئىگىلىكى ئۈچۈن ئازىرق نەپ بىرىدىغان پىكىرگە كىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئۈمۈتتە يوللىدىم ، ھەم خۇدا خالىسا تور خاتىرەمنىڭ ‹تىجارەت ئۇچۇر لىرى›سەھىپىسىدە ھەر ئايدا شۇ ئايلىق مەملىكەت ئىچىدىكى يەرمەنكىلەر ئۇچۇرىنى يوللاپ تۇرغايمەن.
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
1. 2011 جۇڭگو(شېنجېن) بىخەتەرلىك قوغدىنىش ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار يەرمەنكىسى .
ۋاقتى :2011يىلى 4-ئاينىڭ 8–10 كۈنىگىچە :
ئورنى : شېنجېن يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى :
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن: جۇڭگو ئىلىكتىرون زاپچاسلىرى باش شىركىتى .
قاتنىشىش دائىرىسى : تىلكامىرالىق كۈزۈتۈش ئۈسكىنىسى ، بىخەتەر كونتۇرۇل قىلىش ئۈسكىنىللىرى ، ساقچىغا مەلۇم قىلىش سېستىمىسى ، بىخەتەرلىك سۆزلىشىش ئاپىراتلىرى قاتارلىقلار .
ئالاقىلىشىش ئادىرسى : 010—63939979
2. 11-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا ئالاھىدە ئىجازەتلىك زەنجىرسىمان ھەمكارلىق ۋە ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى يەرمەنكىسى .
ۋاقتى :2011يىلى 4-ئاينىڭ 9–10 كۈنىگىچە :
ئورنى : مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك يەرمەنكە سارىيى :
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن: بېيجىڭ شىشىمۇ خەلقئارا كۆرگەزمە شىركىتى .
قاتنىشىش دائىرىسى : زەنجىرسىمان ئاشخانا- مىھمانخانا كەسپى ، زەنجىرسىمان تەربىيەلەش كەسپى ، زەنجىرسىمان ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپى ،زەنجىرسىمان ئاپتۇموبىل مۇلازىمىتى كەسپى ، زەنجىرسىمان پارچە سېتىش كەسپى ، زەنجىرسىمان مۇھىت ئاسراش ، زەنجىرسىمان تىجارەتلەرنىڭ ھەممىسى …………………..
ئالاقىلىشىش ئادىرسى : 010—52096899
3. 13-نۆۋەتلىك بېيجىڭ ھامىلدارلار ، بوۋاقلار، بالىلار بۇيىملىرى يەرمەنكىسى .
ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-16كۈنىگىچە .
ئورنى : جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن : بېيجىڭ جىڭجېڭ كۆرگەزمە شىركىتى .
قاتنىشىش دائىرىسى : بالىلار كىيىم كېچەكلىرى ، ئاياقلىرى ، ھامىلدارلار كىيىملىرى ، بۇيىملىرى ، بوۋاقلار كىيىملىرى ، بۇيىملىرى ، بالىلار ھارۋۇسى ، كارۋىتى ، ئۇيۇنچۇقلىرى ، تەربىيەلەش بۇيىملىرى ، يىمەكلىكلىرى ، ساقلىقنى ساقلاش بۇيىملىرى قاتارلىقلار …………..
ئالاقىلىشىش ئادىرسى :010—84602486
4.شەندۇڭ ئۆي بېزەكچىلىكى ماتىرياللىرى ، ئۆي جاھازىللىرى، يەرمەنكىسى .
ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24–26كۈنىگىچە .
ئورنى : جىنەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن :جىنەن شەھەرلىك ھۆكىمەت ، جۇڭگو قۇرۇلۇش بېزەكچىلىك جەمىيىتى .
قاتنىشىش دائىرىسى : ئۆي بېزەكچىلىكى ماتىرياللىرى ، ئۆي جاھازىللىرى ، بېزەك لاھىيەلىرى ، گېلەم ، ۋە بېزەك ماتىرياللار قاتارلىقلار ………..
ئالاقىلىشىش ئادىرسى :0531–88010173
5. 9-نۆۋەتلىك شەندۇڭ ئالاھىدە ئىجازەتلىك زەنجىرسىمان ھەمكارلىق ۋە ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى يەرمەنكىسى .
ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22–24-كۈنىگىچە .
ئورنى : جىنەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن : شەندۇڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى .
قاتنىشىش دائىرىسى :يىمەك ئىچمەك كەسپى ، پارچە سېتىش كەسپى ، كىيىم كېچەك كەسپى ، تەربىيەلەش كەسپى ، ئۇيغۇر سودىگەرلەر شۇغىللىنىۋاتقان ھەممە ساھە بار ئىكەن .
ئالاقىلىشىش ئادىرسى :0531–82678972
6. 15-نۆۋەتلىك چىڭداۋ خەلقئارا سوۋغاتلىق ۋە ھۈنەر سەنئەت بۇيىملىرى يەرمەنكىسى .
ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28–30-كۈنىگىچە .
ئورنى : چىڭداۋ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئۇرۇن : جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومتىتى ، جۇڭگو خەقئارا سودا جەمىيىتى .
قاتنىشىش دائىرىسى : خاتىرە بۇيىملار ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېلان بۇيىملىرى ، سوۋغاتلىق بۇيىملار ، قول ھۈنەرۋەن بۇيىملىرى ، تەنھەركەت ساياھەت بۇيىملىرى ، قاتارلىقلار …………… .
ئالاقىلىشىش ئادىرسى :0532–80670188
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى
سىزنىڭمۇ قوللاپ يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت !
ئاخىرى مانا تۇغمۇ ياسىۋالدىم رەسىملىك ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن http://alxat.net/wp-content/uploads/2011/04/logo.gif
بۇلىدۇ مەن قېتىپ قۇيدىم .
پاھ رەھمەت باي ئەپەندىم مۇشۇنداق بايلىقلىرىڭىزگە كۆپ ئىنتىزارمىز
12:29
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، رەھمەت قېرىندىشىم. پايدىلىق ئۇچۇرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.