ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرۇز ئەھلى ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك نۇرۇز بايرىمى ئەڭ قەدىمى ، ئەڭ ئۇزاق تارىخقا ئېگە بايرىمىمىزنىڭ بىرى .
بۈگۈنگىچە بىزنىڭ قانچىلىك بايراملارنى يېڭىدىن قۇبۇل قىلىپ قانچىلىك بايراملىرىمىزنى تاشلىغانلىقىمىزنى بەلكىم تارىخچلارمۇ ئېنىق بىرنىمە دىيەلمەسلىكى مۇمكىن . مانا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ بۇ ئەڭ قەدىمى بايرىمىمىزنى ھەقىقى تۈردە بايراملىق ھېس تۇيغىلاردا قۇتلۇقلاپ ، قۇتلۇقلىنىپ ئۆتكۈزۈدىغانلار ئازلاپ كىتىپ بارماقتا . بۇ تەرەپلىرى كىشىنى سەل ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . لىكىن شۇنىڭ بېلەن بىرگە جەمىيىتىمىزدىكى ئەقلى ئويغاق بىر قىسىم كىشىللىرىمىز بۇ خىل كىرزىسنى ئالدىن سىزىپ ، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنىڭ يىتىشىچە ، ئۆز بايرىمىنى ئۇنتۇلۇپ كىتىپ بارغان كىشىللىرىمىزنىڭ سەمىگە سېلىپ ۋە تۇنۇتۇپ ، بۇ بايرىمىمىزنى قانداق تۇنۇش قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۇچۇرلار بېلەن تەمىن ئەتمەكتە .
شۇن تاپتا شۇنىڭغا كۈزۈم يىتىدىكى ، بىزنىڭ ئەڭ ئىلغار پىكىرلىك كىشىللىرىمىز توپلاشقان ، ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردە بۇ نەۋرۇز بايرىمىمىز مۇناسىۋىتى بېلەن ھەرخىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىىدى ئېلىپ بېرىلماقتا ، بۇ قۇتلۇق ئىشقا تۇتىش قىلغان قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ قوللىرىغا بەرىكەت ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . شۇنىڭ بېلەن بىرگە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى پۈتۈن جەمىيەت خارەكتىرلىك كېڭىيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئەمدى ئۆز گىپىمگە كەلسەم :
بۈگۈن دوسلارغا نەۋرۇزلۇق سوۋغا سۈپىتىدە تىجارەتتىكى تەۋسىيەدىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم .
تەۋسىيە :
3-ئاينىڭ 21-كۈنى پۈتۈن دۇنيا تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى . بۇ ھەرقايسى شىركەت ، كارخانا خوجايىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بولغان تىجارەت پۇرسىتى ، يەنى بۇ پۇرسەتتە ھەرقايسى كارخانىلار ئۆز شىركەتلىرى ياكى دۇكانلىرى ئالدىدا ، ۋەياكى خەلق كۆپ تولاشقان ياكى ئۈتۈشۈپ تۇرىدىغان يوللار ، خەلق مەيدانلىرى قاتارلىق جايلاردا ھەر خىل كۆلەمدە نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش سەنئەت پائالىيىتى ياكى ھەرخىل پايدىنى ئۆتۈنۈپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزسە بۇ بىر ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئېلان تەشۋىقاتى بۇلىدۇ .
پائالىيەتكە جەمىيەتتىكى ئەلگە تۇنۇلغان داڭلىق ئەرباپلارنى ، سەنئەتكارلارنى تەكلىپ قىلىپ ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا نەۋرۇز ئېشى ئىتىپ ئەلگە تېتىتقۇزسا ، ئانچە مۇنچە سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلسە ، ئاندىن كىيىن ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ياكى مۇلازىمەتلىرىنى ئەلگە تەشۋىق قىلسا ، قاتارلىق جەريانلاردا ئۆتكۈزسە بىز ئىش ئاقىلىق كۆپ خىل ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بۇلىدۇ .
بۇ ئىشلارغا ئانچە كۆپمۇ مەبلەغ كەتمەيدۇ . شىركەت كارخانا يۈرۈشتۈرىۋاتقان كىشىلەرگە بۇ ھىچقانچە پۇل ئەمەس . لىكىن ئۈنۈم ئىنتايىن چوڭ .
بۇ ئىش ئىجدىمائى ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ .
ئىقتىسادى ئۈنۈمى شۇكى :
1. بۇ ئىشنى ئېلىپ بارغان كارخانا ئورۇن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر ئېلان تەشۋىقاتىنى ، ئىنتايىن ئاز تەننەرخ بېلەن قىلىۋالغان بۇلىدۇ . 2. ئەسلىدە ئاچقان بازىرىنى كېڭەيتىۋالالايدۇ .
3.ئەلنى ئىشەنچىسىگە ئىرىشىدۇ .‹ئىقتىسادى نوقتىدىن›
ئىجدىمائى ئۈنۈمى بولسا :
1. نەۋرۇز بايرىمىنى جەمىيەتتە ئاممىۋىلاشتۇرۇشقا ئىنتايىن چوڭ پايدىسى بار .
2.ئاممىۋىلىشىش دەرىجىسى يۇقىرلىسا قانۇنلىشىشىمۇ تېزلىشىدۇ .
3.باشقا مىللەتلەگە بايرىمىمىزنى تۇنۇتىشتا پايدىسى بار .
مەن بۇ ئۈنۈملەردىن مۇشۇنچىلىكىنى سوزلەي.
دىققەت قىلسىڭىز ھەر يىلى جۇڭگو تىلگىرافى نەچچە يۈزمىڭ يۇەن سەرىپ قىلىپ نەۋرۇز بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ . بۇ نىمە ئۈچۈندۇ سىزنىڭچە ؟ مۇشۇ شىركەتلا بايقىدى بۇ بازار پۇرسىتىنى ، ئەمدى سىزمۇ بىلىۋالدىڭىز .
ئاخىرقى ئارزۇيۇم : بۇ ئۇلۇغ بايرىمىمىزدا ھەممە كىشىللىرىمىز ، ئۆز خوشاللىقىنى تاپسۇن .خوشال ئۆتسۇن .
ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىلارغا مۇبارەك بولسۇن .
غەيرەت قىلىڭ چوقۇم نەتىجە قازىنىسىز . نۇرۇزىڭىز كۈڭۈللۈك ئۆتكەي .
باي داداش، نورۇز بايراملىرىغا مۇبارەك بولسۇن!
يىڭى ئۆيىڭىزنى مۇبارەكلىگەچ نورۇزلۇق سالام ئىيتىپ كەلدىم.نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.
ەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى نورۇزدا يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
رەھمەت . چەۋەنداز بۇرادەر . سىزنىڭمۇ نۇرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن . قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا !
قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا ! ئۈزۈلمىگەي . رەھمەت سىزگىمۇ مۇبارەك بولسۇن !
رەھمەت بىرگە بولسۇن ! سىزلەرگىمۇ قۇت ئامەت يار بولسۇن .
نەۋرۇز بايرىمىڭزغا كېچىكىپ سالام!
رەھمەت بىرگە بولسۇن !
17:08
سىزنىڭمۇ نۇرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن.مەن كارخانا قۇرۇپ ئىش باشلىيالىغان بۇلسام چۇقۇم شۇنداق قىلغان بۇلاتتىم،بىرچاممىدا ئىككى پاختەك سۇققاندەك ئىش دە بۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ چۇقۇم قىلۋاتقان ئىشىمنى يىرىم يۇلدا تۇختتۇپ قۇيمايمەن.ھامان مۇۋاپىقيەت قازىنىمەن!!!!!!!!