ھەر قانداق ئادەمدە بىر يۇشۇرۇن قابىلىيەت بولغان بۇلىدۇ، مۇھىمى شۇنى بايقاش ، قېزىپ چىقىرىش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش .
تۆۋەندىكى يازمىمىزدا دەل مۇشۇ يۇشۇرۇن قابىلىيەتنى بايقاش توغرىسىدا بۇلىدۇ .
تۆۋەندىكى تۈرلۈك ئالاھىدىلىك كۈرۈپ بېقىڭ ، ئاندىن ئۆزىڭىزدىن مەنمۇ مۇشۇنداق خارەكتىرگە ۋە قابىلىيەتكە ئىگىمۇ ئەمەسمۇ دەپ سوراپ بېقىڭ :
1.فىزولوگىيەلىك چىدامچانلىق — سىز ھېرىپ چارچاشقا قالماي ئۇزۇنغىچە ئىشلىيەلەمسىز؟ خىزمەت ۋە ئۇخلاش ۋاقتىڭىز قالايمىقانلىشىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭغا ماسلىشالامسىز ؟
2.مەسئۇلىيەتچانلىق — تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئىگەنلەشتە ئىنكاسىڭىز تېزمۇ ؟ رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرغان چېغىڭىزدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىڭىز كېرەك بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇنلۇق ھېس قىلالامسىز ؟
3.يۈكسەك ئۆگىنىش قىزغىنلىقى — بەزى يېڭى تەسەۋۋۇر ۋە يېڭى خىزمەتلەرگە تېزلا كىرىشىپ كىتەمسىز ؟
4.ۋەدىگە ۋاپا قىلىش — بىر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشكىنىڭىزدە ، قىلچە زىرىكمەستىن ناھايىتى يېزلا ئۇرۇنلىيالامسىز ؟
5.ناھايىتى تېزلا بىر قارارغا كىلەلەمسىز ؟
6.ھوقوق تەقسىم قىلىش — سىز باشقىلارنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى ناھايىتى تېز بايقاپ ، ئۇلارغا ماس كەلگۈدەك خىزمەتنى تۇلۇق ئىشەنچ بېلەن بىرىپ ، ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالامسىز ؟
7.تەۋەككۇلچىلىق — سىزدە تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا كۈچلۈك ئىشەنچ بارمۇ؟ تۈرلۈك خىرىسلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ۋە ئۇلارنى قانداق تىزگىنلەشنى بىلەمسىز ؟
يۇشۇرۇن قابىلىيىتى بار ھەرقانداق كارخانىچى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئۇلارنى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى كۈندىلىك ئىشلاردا. سىز يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشىڭىز، سېتىشىڭىز كېرەك .شۇنداقلا بىرتالاي ھېساپ كىتاپلارنى قىلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ .سىزنىڭ قالتىس بىر تەسەۋۋۇرىىز باردۇر، بىراق ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئساسلىق سودا ماھارەتلىرى ۋە بىلىملىرى بۇلىشى كېرەك .
سىز ئىگىلىك تىكلىگەن چېغىڭىزدا ھەقىقەتەن ناھايىتى چوڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ . بىراق نۇرغۇنلىغان پايدىمۇ سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بۇلىشى مۇمكىن . بۇ پايدىلار جۈملىدىن ئۆز كارخانىڭىزنى باشقۇرالىغانلىقىڭىزدىن بولغان قانائەتلىنىش تۇيغۇسىنى ۋە ئۆز تەغدىرىڭىزنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەگەر سىز تۇنجى قەدەمنى بېسىشقا ۋە ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز غوجا بۇلۇشقا تەييارلىنىپ بولغان بولسىڭىز، قالغىنى باشلاش قارارىڭىزغا قالغان بۇلىدۇ . بۇقارارنى چىقىرىشىڭىزغا ياردەم بىرىش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز .
ساراڭلار دىسە سەل قوپال ئاڭلىنىپ قالىدىكەن . سىلىقلاشتۇرۇپ تەۋەككۈلچىلەر دەيلى .
14:52
تۇغرا دەيسىز.بىرئادەمىنڭ بىرئىشىنى ھۇجۇتقا چىقىرىشى ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن جەريان كىرەك.شۇنداقلا كۈپ ئەگىرى-بۈگىرى يۇللارنى بىسىشقا،ھەرخىل جاپا -مۇشەقەتلەرىنى يېڭيەلىگىدەك جاسارەتكە،ۋەشۇئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دەپ ۋايسىمايدىغان رۇھ بۇلىشى كىرەك.ۋەشۇنداقلاھەرقانداق ئىشقانىسبەتەن تەۋەككۇل قىلالىغۇدەك جاسارىتى بۇلشى لازىم.چۈنكى جاھان دىگەننى ساراڭلاريارتىدۇئەمەسمۇ.