چېنىقىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە, مۇسكۇللار تېز سۈرئەتتە چوڭىيىدۇ. مۇسكۇللارنىڭ چوڭىيىشى ماسلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.
شۇڭا ئىشلىگەن ھەر بىر تۈردىكى ھەرىكەت مۇسكۇللارنى چوڭايتىدۇ. ئەمما مۇسكۇللار ئاخىرىدا چوڭىيىشتىن توختاش مەزگىلىگە كىرىدىغان بولغاچقا, بۇ چاغدا ئاقىلانە ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىقلا نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
خاتا قاراش: پاچاقنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. كۆپىنچە كىشىلەر بەلنىڭ ئۈستى قىسمىنىلا كۈچەپ چېنىقتۇرىدۇ,كۆكرەك مۇسكۇلى ۋە بىلەك مۇسكۇلىغا زىيادە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دۈمبە مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغاندىلا ئاندىن ئۆلچەمگە يەتكىلى بولىدۇ.
مۇسكۇللارنىڭ پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىش نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا, بەلنىڭ ئاستى قىسمىغا مۇسكۇللار ئەڭ كۆپ تارقالغان. بەلنىڭ ئاستى قىسمىنى چېنىقتۇرغاندا, ھورمونلار ئاجرىلىپ چىقىپ, پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇل ۋە كۈچنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خاتا قاراش: يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بەدەن تەكرار ھەرىكەتكە تېز ماسلىشىدىغان بولغاچقا, يۈگۈرۈپ بەرسە مۇۋاپىق. بۇنىڭدا تېز قىسقارغۇچى تالالار ماينى ئۈنۈملۈك پارچىلاپ بەدەن شەكلىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.خاتا قاراش: ئېغىرلىق كۆتۈرۈپ بېرىشنىڭ پايدىسى يوق. تېز سۈرئەتتە كۈچ مەشىقى قىلىپ بەرسە, مۇسكۇل تېزلا چوڭىيىدۇ.
چۈنكى كۈچ مەشىقى تېز قىسقارغۇچى تالالارنى غىدىقلايدۇ. شۇڭا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى قىلىپ بەرسە يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ, كالورىيە تېز سەرپ بولىدۇ.خاتا قاراش: ئۆزى ماھىر تۈردىلا چېنىقىش.
كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بار تۈردىلا چېنىقماستىن بەلكى ئۆزى ئاجىز تۈرلەردىمۇ چېنىقىپ, يېتەرسىزلىكىنى تۈگىتىدۇ.
شۇڭا بەدەن چېنىقتۇرغاندا پەقەت ئۆزى ماھىر تۈردىلا چېنىقسا ياكى ھەرىكەت ئىشلىسە مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !