-
2010-06-07
ئۆلىۋالايمۇ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
چەيلەنگەندە ئىسىل گۈللەر، ئىسىل باغلار ئۆلىۋالايمۇ؟
دىل سۇندۇرسا نەغمىسىدىن ئەسكى زاغلار ئۆلىۋالايمۇ؟
گۈزەل ئەخلاق ھاقارەتتە، نە ئىمان بار بى تاھارەتتە؟!
ئەۋلاتلارغا خىجالەتتە باققان چاغلار ئۆلىۋالايمۇ؟
قېنى بىزدە ھايا دوسىتلار، ۋاپا، ۋىجدان سەزگۈر پوستلار،
رىيا قاپلاپ گۇناھ ئاتلىق باسسا تاغلار ئۆلىۋالايمۇ؟
قىز سۈپىتى نەدە قالدى؟ نۇزگۇم ئورنىن كىملەر ئالدى؟
كۆزلەر زىنا بىرلە تالدى، ئاچسا ئاغلار ئۆلىۋالايمۇ؟
ھەلەق بىلەن زەيپانە بوپ، ياتقان يېرى مەيخانە بوپ،
يىگىت روھى پايخانە بوپ، باسسا داغلار ئۆلىۋالايمۇ؟؟...
收藏到:Del.icio.us