-
«قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ» دىن - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-02
تۆۋەندىكىسى ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان «قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ» ناملىق ئەسەردىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ئۈزۈندىلىرى:
«قىلىۋاتقان ھەركىتىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ‹خەلقىم ئۈچۈن› دەپ ئىزاھلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمايدىغانلار، چىن مەنىسىدىن قەھرىمان ئەمەس. ھەقىقى قەھرىمان ئۆز ھەركىتىنىڭ ئۇلۇغۋار مەخسىتىنىڭ كىم ئۈچۈنلىكىنى ئىزاھلاپ يۈرمەيدۇ، ھەتتا ھالقىلىق مىنۇتلاردا ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلسا، بەزىدە كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاز سانلىقنى قۇربانمۇ قىلىدۇ. بۇ ئۇلاردىكى ئەسلىدىكى ھېسسىي ئەقىلنىڭ كېيىنچە ئەقلىي يەكۈن دەرىجىسىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
تولۇق تېكىستىنى ئەسلى تېمىدىن ئوقۇڭ:
-
«ئىنگلىز تىلى » دىگەن ئاتالغۇ ھەققىدە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-02
بۇ ئاتالغۇنىڭ توغرا يېزىلىشى ھەققىدىكى پاكىتلار:
1.ئۇيغۇر ئېدىتتىن كۆرسىتىپ بەرگىنى
2.ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئىچىدىكى سەرخىللىرىنىڭ بىرى «بىلىك كۇلۇبى» بۇنداق ئىشلارغا ئالاھىيدە دىققەت قىلىدۇ، ئەلۋەتتە:
-
نېمە ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنىمىز؟ - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-02
ئاخىرىدا بىر ئىنگلىزچە تىكىستىنى دوسلارغا سۇنماقچىمەن:
ئۇيغۇر تىلى ماڭا تەڭداشسىزلىق بېغىشلايدۇ،مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆز ئوي-پىكىرىمنى ۋە مۇھەببتىمنى ئىپادىلەيمەن...
Uyghur language makes me feel unique,I use it to express my thought and love...خەنزۇ تىلى ماڭا جدىدىيلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياشايمەن ۋە تىرىكچىلىك قىلىمەن...
Chinese language makes me feel urgent, I use it to make my living and survive...ئەرەب تىلى ماڭا قەلبىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق روھىمنى پاكلايمەن...
Arabic makes me to be touched deep in heart,I use it to clean my soul...ئىنگلىز تىلى مىنى ئۈمىدۋار قىلىدۇ، مەن ئۇ ئارقىلىق ياخشى تۇرمۇش ۋە ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمەن
English makes me feel hope,I use it for better life and better opportunityئانا تىلىمىزنىڭ قۇدرىتى ئۇچۈن چەتئەل تىلى ئۆگىنەيلى...
«سەرخۇش ئىنگلىزتىلى» دىن ئېلىندى.
-
چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 2.دەرس - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-02
چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى2 — چىشى پېئىلنىڭ مارستىن ئايرىلىپ ۋېنىراغا كېلىشى
مارستا بىر مەزگىللىك تۇرۇشتىن زېرىكىش ھېس قىلغان be بۇ جايدىن ئايرىلىپ ، بىر قەدەر كىچىك پىلانىت ۋېنىراغا كەپتۇ . ۋە بۇ يەردە ئىككى بالىلىق بوپتۇ . بالىلىرىنىڭ ئىسمى was ، ۋور ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى بالا ئاددىي ئۆتكەن زامان شەخىسلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنى تەقسىملىشىپتۇ .نۆۋەت بىلەن was ئاۋۋال بىرىنجى شەخىسكە ، were ئىككىنجى شەخىسكە ئاندىن ، was يەنە ئۈچنىجى شەخىسكە ، ئاخىرىدا كۆپلۈك شەخىسلىرىگە were ئىگىدارچىلىق قىپتۇ . -
ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەققىدىكى خەۋەر - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-02
ئىجتىھاتلىق ھەم شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە ياشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشقا، ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىگە قولايلىق شارائىت يارىتىش ئۈچۈن PHP-Nuke, POST-Nuke تور بەت سىستېمىسى، ULY ۋە UEYبۇ خىلدىكى بەتلەرنىڭ يېزىقىنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرغۇچ، ئۇيغۇر ئىدىت، ئۇيغۇرچە تور لۇغىتى ۋە SKYPE ئىنتېرنېت تېلېفون سىستېمىسىغا ئوخشاش سىستېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ ياكى تۈزۈپ ئىشلەپ ھەقسىز تارقىتىشتەك مەدەنىيىتىمىزگە خالىس تۆھپە قوشۇش روھى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىلىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ.
-
ئوكيانۇس ئۇيغۇرتىل قامۇسى - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]
2009-02-02
-
12مۇقام ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-01
1.راك مۇقامى– شىپالىق ئىزدەش
2.چەببيات مۇقامى– گۇزەللىكنى سىغىنىش
3.مۇشاۋىرەك مۇقامى– مۇڭدىشىش
4.چارىگاھ مۇقامى– گۇزەل ھايات ئىزدەش
5.پەنجىگاھ مۇقامى– ئۇلۇغ،يۇكسەك
... ...
-
ئالىم ئەركىن سىدىق يازمىلىرى توپلىمى - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-01
ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز ئۆزىنىڭ مەرد ۋە ئالىيجانابلىقى بىلەن ھەربىر يازمىسىغا «بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ)»دەپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ، بۇ ماقالىلەرنىڭ كەڭ تارقىلىشى، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ نادىر تېمىلاردىن پايدىلىنىشى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال، لېكىن ئۇيغۇرلاردا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن بېرى سالماق بىر قىسىم كىشىلەر (مەن ئېسىمدە قالغان 15 بلوگنى گەپ يوق ساناپ بېرەلەيمەن.)بۈگۈن بلوگ نۇسخىسىنى پۈتتۈرسە، ئەتىسى ئالىمنىڭ بارلىق ماقالىلىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئۇ يەر ، بۇ يەرلەردىن تەرمەچ تېرىپ بلوگ ياسىدىم دەپ، باشقىلار بۇ بلوگقا كىرىشنى خالىمىسا شۇنداق قىلىپ تاشلاپ قويۇپ ناھايىتى ئىسراپچىلىق قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا مەرىپەت بلوگى ناھايىتى ياخشى ياسىلىپ باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ، مەن بلوگ سېپىدە جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان ۋە يېڭىدىن بۇ سەپكە قېتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئەسەرلەردىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىنى خالىسا مۇۋاپىق تۈردە تەشۋىقات قىلىپ قويۇشى بىلەن كۇپايىلىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!