-
ئالىم ئەركىن سىدىق يازمىلىرى توپلىمى - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-01
ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز ئۆزىنىڭ مەرد ۋە ئالىيجانابلىقى بىلەن ھەربىر يازمىسىغا «بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ)»دەپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ، بۇ ماقالىلەرنىڭ كەڭ تارقىلىشى، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ نادىر تېمىلاردىن پايدىلىنىشى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال، لېكىن ئۇيغۇرلاردا بلوگ يېزىش باشلانغاندىن بېرى سالماق بىر قىسىم كىشىلەر (مەن ئېسىمدە قالغان 15 بلوگنى گەپ يوق ساناپ بېرەلەيمەن.)بۈگۈن بلوگ نۇسخىسىنى پۈتتۈرسە، ئەتىسى ئالىمنىڭ بارلىق ماقالىلىرىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئۇ يەر ، بۇ يەرلەردىن تەرمەچ تېرىپ بلوگ ياسىدىم دەپ، باشقىلار بۇ بلوگقا كىرىشنى خالىمىسا شۇنداق قىلىپ تاشلاپ قويۇپ ناھايىتى ئىسراپچىلىق قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا مەرىپەت بلوگى ناھايىتى ياخشى ياسىلىپ باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ، مەن بلوگ سېپىدە جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان ۋە يېڭىدىن بۇ سەپكە قېتىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئەسەرلەردىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىنى خالىسا مۇۋاپىق تۈردە تەشۋىقات قىلىپ قويۇشى بىلەن كۇپايىلىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!