• شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2008-يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلار » ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

    زۇلقەر ھۈسەيىن تەرجىمىسى

    ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا :
     «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى  »ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا ، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت غوللۇق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاستىگە ئايلاندى . ھازىر مائارىپ مىنىستىرلىقى 2008-يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى  »نى ھەرقايسى ئۆلكە ، شەھەر ، ئاپتونوم رايونلارغا چۈشۈردى . بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم  رايونىمىزغا چۈشۈرۈلگەن ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي سانى 347 نەپەر (ھەربىي قىسىمدىن 65 نەپەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) .

  • تونۇش ئاياق ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى. قار ئاياق ئاستىدا ئېزىلگەندە چىقارغان غىچىلدىغان ئاۋاز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تونۇش بىلىنمەكتە ئىدى. ئاياغ ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ مۇز قاتقان دەرياغا قاراپ مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. قىزنىڭ ئارقا تەرەپتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى بىلدىيۇ، لېكىن ئارقىسىغا ئۆرۈلمىدى. قىز سۈكۈت ئىچىدە خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
    _سەردار......

  • جاھاندا ھەممىدىن پاك ۋە نۇقسانسىز،
    نە ئالتۇن، بىباھا گۆھەر،تەڭداشسىز.
    بارلىقىنى پەرزەنتچۈن ئاتاپ مىننەتسىز،
    بارمىدۇر سېنىڭدىن ئۇلۇغ زات ئانا.

    ... ...

  • ئېھ، ياشلىق !!! ياشلىق سەن ھېچنىمىگە پىسەنت قىلمايسەن، سەن خۇددى پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەممە بايلىقلارنى ئۆزۈڭگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، قايغۇمۇ ساڭا تەسەللىي بېرەلەيدۇ، ھەسرەتنىڭمۇ ساڭا ياردىمى بار، سەن ئىشەنچكە تولغان، يۈرەكلىك. سەن ئېيتىسەنكى: قاراپ تۇر، مەنلا ھايات. لېكىن سېنىڭ كۈنلىرىڭمۇ ئاستا- ئاستا ئۇچۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئازراقمۇ ئىز قالدۇرماستىن ، ... ...

  • ياشلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى، قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈككەن ۋە شۇ ئارزۇسى يولىدا توختىماي تىرىشىۋاتقان جاسارەتلىك ئوغلان نۇرئەلى ياسىن 2008- يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتىۋېلىش، شۇنداقلا دۇنيا جىنىس رىكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا غالتەكلىك ئاياغ بىلەن مېڭىشنى پىلانلىدى ۋە دادىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ سەپەرگە ئاتلاندى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي لىنىيە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغىچە، ئومۇمىي مۇساپە 5000 كېلومېتىر بولۇپ، سائىتىگە 10~15  كېلومېتىرغىچە، كۈنىگە 80~ 100 كېلومېتىرغىچە، كۈندىلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى 10 سائەت، پائالىيەت ۋاقتى 10 سائەت، تاماق ۋاقتى 4 سائەت بولۇپ، مۇشۇ پىلان بويىچە 65 كۈن ئىچىدە پۈتكۈل مۇساپىنى تاماملاپ چىقىش پىلانلانغان .

  • غەربىي شىمال سانائەت ئۇنۋېرسىتتى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئاۋىئاتسىيە، ئالەم ئىشلىرى،دىڭىز قاتنىشى قۇرۇلۇشى مائارىپى ۋە تىخنىكا تەرەققىياتىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، سانائەت پەنلىرىنى ئاساس، باشقۇرۇش،فىلولوگىيە،ئىقتىساد- قانۇن پەنلىرىنى قوشۇمچە قىلغان، تەتقىقات خاراكتېردىكى كۆپ پەنلىك، ئېچىۋىتىلگەن ئىلىم- پەن تىخنىكا ئۇنۋىرسىتتى.
       دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە «985 قۇرلۇشى» ۋە «211 قۇرلىشى» غا كىرگۈزۈلۈپ، نۇقتىلىق قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى.
       مەزكۇر مەكتەپ تارىخى، مەدەنىيىتى دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىغا داڭلىق بولغان قەدىمىي ئاستانە شىئەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر «دۆلەت مۇداپىئە پەن- تىخنىكا سانائەت ھەيئىتى» گە بىۋاستە قاراشلىق.

  • سەن مېنى دەريا ساھىلىدە ئۇچراتقان ، ئاق لىباسلىق پەرىشتە دەپ ئويلىمىغىن ،سەن يېقىن كەلسەڭ ئىدىڭ ، قان تامچىۋاتقان يۈرىكىمنى كۆرەتتىڭ ، مۇدھىش جۇدۇن تىلغىغان قەلبىم تالاي ئىزتىراپلار بىلەن چاك - چاك بۇزۇلۇپ يېرىلدى .باھار ئاپتىپى مېنى گويا مەڭگۈ تەرك ئەتكەندەك مۇدھىشلىقتا تۇرساممۇ ، يەنىلا تىك تۇرغان تۇرقۇمغا ئالدانما . مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىمدىكى ئازابلار مېنى تۈگەشتۈردى . مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇڭدىكى پەرىشتەڭدەك ساڭا ئۇزاق ھەمراھ بولۇشۇم ناتايىن .
    سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت !!!

  • يوپۇرماقلار تۆكۈلگەندە  ئالتۇن كۈز كېلىپ ،
    يېڭى نوتا بىخ ئەيلىدى سېنىڭدە كۆكلەم .
    قاغجىرىغان دىل چۆلىگە ياغدۇرۇپ يامغۇر ،
    گۈزەل ئەتە ئۈچۈن داۋام كۆكلىگىن كۆكلەم .

      ياشلىق كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن ۋاقىت، ياشلىق مىلودىيسىدىن ئۇرغۇپ چىققان سىمفونىيە ھەر ۋاقىت قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ بىزنى گۈزەل ئەتىگە ئىنتىلدۈرىدىغان مۇڭلۇق كۈي. ۋەتەننى مەدھىيىلەش، خەلقىنى كۈيلەش شۇنداقلا ھەم بىزنىڭ ئۇنتۇلماس بۇرچىمىز.

  • جىبران خېلىل جىبران(1931~ 1833) دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى. ئۇ قىسقىغىنە ئۆمرىدە ئەرەب رومانتىزىم ۋە سىمۋولىزىم ئىلمىنى بەرپا قىلدى. ھەمدە يىڭى ئەدەبىيات يولىنى ئاچتى.ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگېتۇنداجىبراننى خاتىرلەپ، زۇڭتۇڭ بۇش ئۆزى لىنتا كەستى ۋە نۇتۇق سۆزلەپ «پۇتۇن دۇنيا جىبرانىڭ ئەينى يىللاردا كۆرسەتكەن نىشانىنى بويلاپ ئىلگىرلىمەكتە» دەپ كۆرسەتتى. تەرمىلەر سەھىپىمىزدە ئۇنىڭ «مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  •  «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتى تۇنجى سانىدا شىئەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ بەرگەندىن باشقا ئېنسىكىلوپىدىك ئالىمىمىز ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمھالى، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا پۈتۈن دۇنيانى زىل– زىلىگە سالغان شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرى، غالتەكلىك ئاياغ بىلەن ئۆز يۇرتىدىن يولغا چىقىپ 97 كۈندە بېيىجىڭغا يېىتپ بارغان باھادىر ئەزىمەت،  يېشىللىق ئەلچىسى– نۇرئەلى ياسىن، مەملىكەتلىك تەبئىي ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسدە «يارۇ» ناملىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى بىلەن ئالتۇن مىدالغا  ئېرىشكەن ئايشىگۈل مۇھەممەدلەرنى مەتبۇئات ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئاللاھ خالىسا كۆكلەم  قايتىدىن كۆكلىگۈسى!