-
باي دادا بىرىنجى باپ 10.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-19
بىرىنجى باپ ئونىنجى قىسىم
بايلارنىمىشقا تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدۇ
پۇلنىڭ قانۇنىيتى ئۆزگەردى، دەل بۇ خىل ئۆزگىرىش سىزنى تېخىمۇ نامرات قىلىۋېتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ سىزنىڭ كونتىرول قىلىدىغان دائىرىڭىزدە بولمىغاچ ناھايىتى ئادالەتسىزدەك بىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك. باي بولۇشنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى، پۇل سېستىمىسنىڭ ئادىل ياكى ئەمەسلىكى بىلەن تونۇشۇش، پۇل سېستىمىسنىڭ قانۇنىيتىنى ئۆگېنىش ۋە بۇلارنى قوللىنىش. بۇ مالىيە پاراسىتى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداقلا مالىيە ئەقىل پاراسىتىگە پەقەت مالىيە مەسىللىرىنى ھەل قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
-
باي دادا بىرىنجى باپ 9.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ توققۇزىنجى قىسىم
پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ كاپالىتىگە تايىنىپ كەتمەسلىك كېرەك
كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى ئىقتىساد ئەھۋالىدىن ئەنسىرىشى جەمئىيەت سۇغۇرتىسى ۋە تىببىي سۇغۇرتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئۆزىنىڭ مالىيە مەسىللىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن.بۇ ئىككى تۈزۈلمە ئاللىبۇرۇنلا ۋەيران بولدى. تىببى سۇغۇرتا زىيان تارتىپ تۇرۇپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت سۇغۇرتىسىمۇ ئۇزاققا قالمايلا قەرزگە بوغۇلۇش ھالىتىدە قالىدۇ. 2008.يىلى، 78 مىليون بوۋاق تاشقىنىدىكى بىرىنجى ئەۋلاد كشىلەر پىنسىيەگە چىقىشقا باشلىدى، ئۇلار ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشنى قامدىغۇدەك پىنسىيە پۇلى ئېغىر كەمچىل بولماقتا.
-
باي دادا بىرىنجى باپ 8.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ سەككىزىنجى قىسىم
پۇل قائىدىسىدىكى يەنە بىر ئۆزگىرىش
پۇلنىڭ قائىدىسىدىكى يەنە بىر ئۆزگىرىش 1974.يىلى يۈز بەرگەن. 1974.يىلىدىن ئىلگىرى، كارخانىلار خىزمەتچىلەرگە پىنسىيە مۇئاشى تەمىنلەيىتتى. پەقەت پىنىسىيەگە چىققان خىزمەتچە ھايات بولسىلا كارخانىلار ھەربىر ئادەمنىڭ بىر ئۈلۈش پىنسىيە پۇلىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلاتتى. سىز بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن، ھازىرقى ئەھۋال بۇرۇنقىغا تامامەن ئوخشىمايدۇ.
-
باي دادا بىرىنجى باپ 7.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ يەتتىنجى قىسىم
پۇلنىڭ پىرىنسىپى
پۇلنىڭ قائىدىسىدە ئاللىبۇرۇن ئۆزگىرىش بولدى
1971.يىلى، نىكسون زۇڭتۇڭ پۇلنى ئاساس قىلىدىغان تۈزۈمنى قالدۇرىۋەتتى، بۇ پالاكەت باسقان سىياسەت پۇلنىڭ پىرىنسپىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ دۇنيا تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ مالىيە ئۆزگىرىشى، بىراق ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا بۇ ئۆزگىرىشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادقا بولغان تەسىرىنى تونۇپ يەتتى. نېمە ئۈچۈن تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا پۇل ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل نېكسوننىڭ مۇشۇ نۇتىقى سەۋەبىدىن. -
باي دادا بىرىنجى باپ 6.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ ئالتىنجى قىسىم
نامراتلىقنىڭ سەۋەبى
نامراتلىقنىڭ سەۋەبى
ئاتالمىش نامراتلىق يۈز بەرگەن مەسىللەر ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بىر ھالەت، خالاس. نامراتلىققا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەب، ئادەملەرنىڭ مەسىللەرنى ھەل قىلماي، مەسىللەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىشى. ھەرگىزمۇ بارلىق نامراتلىق يالغۇز مالىيە مەسلىسى سەۋەبىدىن بولمايدۇ. نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھەرتۈرلۈك بولىدۇ، مەسىلەن، زەھەر چېكىش، لايىقنى خاتا تېپىپ قېلىش، ئامانلىقى ناچار رايوندا تۇرمۇش كەچۈرۈق قېلىش، خىزمەت ئىقتىدارى بولماسلىق، خىزمەتكە بارىدىغان قاتناش ۋاستىسى بولماسلىق ياكى تىببى ساغلاملىق پۇلىنى تۆلىيەلمەسلىك قاتارلىقلار. -
باي دادا بىرىنجى باپ 5.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ بەشىنجى قىسىم
سىز تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىسىز
پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىۋېتىش سىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىۋىتىدۇ
مەن تېخى كىچىك بىر ئوغۇلبالا ۋاقتىمدىلا باي دادام ماڭا: «پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىۋېتىش سېنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىۋېتىدۇ– پەقەت سېنىڭ بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىڭ بولسىلا.» ئۇ يەنە: «ئەگەر سەن پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىۋېتەلىسەڭ، مالىيە پاراىسىتىڭ ئاشىدۇ. مالىيە پاراسىتىڭ ئاشسا سەن تېخىمۇ باي بولىسەن. ئەكسىچە بولسا، سەن پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلمىساڭ، سەن تېخىمۇ نامرات بولۇپ كېتىسەن. ئەگەر بەزى پۇل مەسىللىرىنى ھەل قىلىۋەتمىسەڭ، بۇ مەسىللەر كۆپىنچە ھاللاردا تېخىمۇ كۆپ مەسىللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» دىگەن ئىدى. ئەگەر سىز مالىيە پاراسىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن دەيدىكەنسىز ئۇنداقتا مەسىللەرنى ياخشى ھەل قىلىدىغان بىر ئادەم بولۇشىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ مەڭگۈ باي بولالمايسىز. ئەمەلىيەتتە، پۇلنىڭ مەسلىسىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولغانسېرى، سىز شۇنچە نامراتلىشىپ كېتىسىز. -
باي دادا بىرىنجى باپ 4.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم
پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىش
نېمە پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلالايدۇ
مالىيە باشقۇرۇش پاراسىتى پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، مالىيە پاراسىتى دەل بىزنىڭ مالىيە مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل– پاراسىتىمىزدۇر، بىزنىڭ پۈتكۈل ئەقىل– پاراسىتىمىزنىڭ بىر قىسمى. تۆۋەندىكىسى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان پۇل مەسىللىرى:
1. « مەن يېتەرلىك كۆپ پۇل تاپالمىدىم.»
2.«مەن قات– قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتىم.»
3.«مېنىڭ ئۆي ئېلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.»
4.«مېنىڭ ماشىنام بۇزۇلۇپ قالدى، بىراق مەن قەيەردىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ ئۇنى .ئوڭشىتىمەن؟»
5.«مېنىڭدە ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بار، بىراق قەيەرگە مەبلەغ سالسام ياخشىراق بولار؟» -
باي دادا بىرىنجى باپ 3.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ ئۈچىنجى قىسىم
پۇل بەك كۆپ بولۇپ كەتتى
باي دادام 9 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپلا ماڭا پۇل ھەققدىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە باشلىغان، ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا پۇل مەسلىسى مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى نامرات دادامنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ، دەل ئۇ مۇشۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۇ ھەربىر مالىيە پاراسىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، بۇ پۇل مەسلىسىنى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ھەل قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا مەسلىنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئۆگېنىدۇ. مېنىڭ باي دادام نامرات دادامدەك مەلۇماتلىق ئەمەس، بىراق ئۇ شۇنداقتىمۇ ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ مالىيە پاراسىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كەلدى، ئۇنىڭ پۇل مەسلىسى– پۇل بەك كۆپ بولۇپ كەتتى.
-
باي دادا بىرىنجى باپ 2.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ ئىككىنجى قىسىم
خەجلىگىلى پۇل يېتىشمىدى
دادام بىر ئۆمۈر پۇل ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ قانچە كۆپ پۇل تېپىشىدىن قەتئىينەزەر، تاپقان پۇلى زادىلا يېتىشمىدى. ئۇنىڭ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشقا قابىلىيتى يەتمىگەن، بۇ ئۇنىڭغا ئازاپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، تاكى ئۇ بۇ ئالەمدىن خوشلاشقىچە بۇ ھالەتتىن قۇتۇلالمىدى. ئېچىنشلىق يېرى، ئۇ ئۆزىنى مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى بىر دادا بولۇشتا بولسۇن لاياقەتسىز دەپ قارايتتى.
-
باي دادا بىرىنجى باپ 1.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
بىرىنجى باپ بىرىنجى قىسىم
مالىيە دانىشمەنلىكى دىگەن نېمە
5ياش ۋاقتىمدا، بىر قېتىم دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىندىم. كېيىن بىلسەم ئۇ چېچەك سەۋەبىدىن قۇلاق ياللۇغلىنىش كېسىلى بولۇپ،ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر ئىدى. گەرچە بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ئادەمنى قاتتىق چۆچۈتسىمۇ، لېكىن مەن مۇشۇ سەۋەبلىك بىر بۆلۈك گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئېرىشتىم، ئەينى ۋاقتىتا مەن كېسەل كارۋېتىدا يېتىپ ساقىيىۋاتاتتىم، دادام، ئىنىم ۋە ئىككى سىڭلىم دوختۇرخانا دەرىزىسى سىرتىدىكى چىملىقتىن ماڭا توختىماستىن قول شىلتاتتى. ئاپام دوختۇرخانىغا مېنى كۆرگىلى بارمىغان ئىدى. ئۇ ئۆيدە، كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ يۈرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئېغىر قىيناشلىرىغا بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى.