-
باي دادا ئىككىنجى باپ 5. قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-28
ئىككىنجى باپ بەشىنجى قىسىم
كىملەر تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي قابىلىيەتكە ئېھتىياجلىق
تۆۋەندىكى نەق پۇلنىڭ ئاقما كوردىناتى رەسىمىنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىققىنىمىزدىن كېيىن، بىز كىملەرنىڭ تېخىمۇ بەك ئىقتىسادىي قابىلىيەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلەلەيمىز .
(رەسىم قالدۇرۇلدى.)باي دادا يۈرۈشلۈك كىتابلىرى ئىچىدىكى ئىككىنجىسى «باي دادا مالىيەسى ئەركىن يولى» نى ئوقۇمىغان ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن، تۆۋەندە ئاددىيغىنە ئىزاھات بېرىپ ئۆتىمەن. نەق پۇلنىڭ ئاقما كوردىناتىدا سۆزلەنگىنى پۇل دۇنياسىدىكى 4 خىل ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى.
E ياللىغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
S بىر قىسىم كىچىك كارخانا باشلىقلىرى، ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ياكى كەسىپىي خادىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
B چوڭ تىپتىكى كارخانىچىلاغا ۋەكىللىك قىلىدۇ (500 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى خىزمەتچىسى بولغان)
I مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ -
باي دادا ئىككىنجى باپ 4.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-26
ئىككىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم
ھەممىلا ئادەم مالىيە پاراسىتىگە ئېھتىياجلىق بولىۋەرمەيدۇ
ئەگەر سىز ناھايىتى ئامەتلىك ھالدا بىر بۆلۈك مال– دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مالىيە پاراسىتىگە بەك ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتمەيسىز، پەقەت مالىيە پاراسىتى بولغان بىر كىشىنى ياللاپ ئىشلەتسىڭىزلا كۇپايە؛ ئەگەر سىز پۇل ئۈچۈن توي قىلماچقى بولغان بولسىڭىز، مالىيە پاراسىتىڭ سىزگىمۇ پايدىسى يوق؛ ئەگەر سىز تالانىت ئىگىسى بولۇپ، بالىلىق چېغىڭىزدىلا ناھايىتى كۆپ پۇلىڭىز بولغان بولسا، ئۇنداقتا سىزمۇ مالىيە پاراسىتىگە ئانچە ئېھتىياجلىق بولۇپ كەتمەيسىز، پەقەت M. C. خەنمودەك نەسباسقۇر بولمىسىڭىزلا بولدى.
-
باي دادا ئىككىنجى باپ 3.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-23
ئىككىنجى باپ ئۈچىنجى قىسىم
باشقا تۈردىكى ئەقىل– پاراسەتلەر
بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ئەقىل– پاراسەتلەر بىزنىڭ ھايات كەچۈرۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. 3 تۈرلۈك مۇھىم ئەقىل– پاراسەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1.ئىلىم– پەن پاراسىتى. ئىلىم– پەن پاراسىتى بىزنىڭ ئوقۇش، يېزىش، ماتېماتىكىلىق مەسىللەرنى ئىشلەش ۋە كومپىيۇتېر سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىقتىدارىمىز، بۇ خىل پاراسەت ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئىلىم– پەن پاراسىتى ئارقىلىق بىر قىسىم مەسىللەرنى ھەل قىلىمىز، مەسىلەن: قانداق ئورۇن، قانداق ۋاقىتتا بوران– چاپقۇن چىقىدىغانلىقى ۋە قانداق بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش.
2. كەسىپ پاراسىتى. بىز بۇ خىل ئەقىل– پاراسەت ئارقىلىق بىر تۈرلۈك ئىقتىدارنى ئۆگېنىمىز شۇنداقلا پۇل تاپىمىز. مەسىلەن، دوختۇرلار ناھايىتى كۆپ قىسىم ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل ناھايىتى مۇھىم پاراسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. دوختۇرنىڭ قابىلىيتىنى ئۇنى يامان ئەمەس كىرىمگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ. -
باي دادا ئىككىنجى باپ 2.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-23
ئىككىنجى باپ ئىككىنجى قىسىم
باشقا تۈردىكى ئەقلىي قابىلىيەتلەر
بىز بىر بىرىمىزگە ئوخشىمايمىز. بىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشىمىز ۋە خوشاللىنىدىغان ياكى غەزەپلىنىدىغان ئىشلىرىمىز بولىدۇ، بىزنىڭ ئوخشاشمىغان ئارتۇقچىلىق ۋە نۇقسانلىرىمىز بار، بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىقتىدار ۋە تالانتىمىز بار.
مېنىڭ بۇنداق دىيىشىم مالىيە ئەقىل– پاراسىتى ئەڭ مۇھىم ئەقىل– پاراسەت ئەمەس ، ھەتتاكى بىردىنبىر ئەقىل– پاراسەت ئەمەس ئىكەنلىكىدىن. مالىيە پاراسىتى پەقەت ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان پاراسەتتۇر، چۈنكى بىز مال– دۇنيا دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، توغرىسى پۇل دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز. خۇددى باي دادام ئېيتقاندەك: «مەيلى باي ياكى گاداي بولسۇن، ئەقىللىق ياكى ئەقىلسىز بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاشلا پۇل ئىشلىتىمىز.» -
باي دادا ئىككىنجى باپ 1.قىسىم (2) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-21
ئىككىنجى باپ بىرىنجى قىسىمنىڭ داۋامى
ئەگەر مالىيە ئىشلىرىغا نىسبەتەن پۇختا ئاساسىڭىز بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ مالىيە پاراسىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ناھايىتى ئاسان بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىز بىر قەدەر تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا سىز يېڭى مالىيە ئۇچۇرلىرىنى چۈشىنەلمەيسىز، سىزگە نىسبەتەن خۇددى ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھېلىقى مەسىلە ئېسىڭىزدىمىكىن؟ ماتېماتىكا تالانىت ئىگىسىمۇ يەنىلا 2+2 دىن باشلاپ ئۆگېنىدۇ! ئىقتىسادىي قابىلىيەت تەربىيەسىگە قارىتا پايدىلىق تەرىپى شۇكى، ۋاقىتنىڭ ئالغا سىلجىشىغا ئەگىشىپ، سىز تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان مالىيە ئۇچۇرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىگەللىيەلەيسىز، بۇ خۇددى كۆپ يىللىق مەشىقتىن كېيىن ماتېماتىكنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ مەسىللەرنىڭ جاۋابىنى تاپالايدىغان بولغىنىغا ئوخشاش. بىراق، مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتەي، سىز يۈگىرەشنى ئۆگېنىشتىن ئاۋۋال قانداق يول مېڭىشنى ئۆگېنىڭ.
-
باي دادا سىزنى باي قىلسۇن - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-20
ئىزاھات: [باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن] ناملىق بۇ بازارلىق كىتابنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېزلىكتە يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن دەۋر بلوگى باشقۇرغۇچىسى ئازغۇن ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سەبورى ھەمكارلىشىپ سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىك، تەجىرىبىمىزنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماي تەرجىمە قىلىشقا ئاتلانغان ئىدۇق. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 21.فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەرجىمە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىرىنجى ۋە ئىككىنجى باب قىسمى ئاناتىلىم بلوگىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى، تۆتىنجى باب قىسمى نورۇز بايرىمىدىن ئىلگىرى ئانا تىلىم بلوگىدا ئېلان قىلىنغاندىن سىرىت، قالغان مەزمۇنلار بىردەك دەۋر بلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
تەرجىمىدە ساقلانغان خاتالىقلار ھەققىدە قىممەتلىك- تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭىزلارنى تۆۋەنچلىك بىلەن سورايمىز.خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۆۋەنكى تېمىدىن كۆرگەيسىز:
logs/34715312.htmlبۇ تېما ئېلان قىلىنغان مۇنازىرە مۇنبەرلەر
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21460
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-96605-keyword-.html
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-59814.html
http://www.igilik.cn/bbs/read.php?tid=567 -
باي دادا ئىككىنجى باپ 1.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-19
ئىككىنجى باپ بىرىنجى قىسىم
مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى ۋە ئىقتىسادىي قابىلىيەت
بىزنىڭ ئارىمىزدا كۆپ قىسىم ئادەملەر ئەقلىي قابىلىيتى 130 بولغان ئادەم چوقۇم ئەقلىي قابىلىيتى 95 بولغان ئادەمدىن ئەقىللىق بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئىقتىسادىي قابىلىيەتنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. سىز بەلكىم تالانىت ئىگىسىگە خاس ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش بولسىڭىزمۇ، لېكىن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بالىغا ئوخشاش ئىقتىسادىي قابىليەتكە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن.
باشقىلار داۋاملىق مېنىڭدىن : «مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى ۋە ئىقتىسادىي قابىلىيەتنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟» دەپ سورايدۇ، مېنىڭ جاۋابىم شۇكى « مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى بىزنىڭ كاللىمىزدىكى ئەقىل– پاراسەتنىڭ بىر قىسمى، بىزنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل– پاراسىتىمىز. لېكىن ئىقتىسادىي قابىلىيەت بولسا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەقىل– پاراسىتىنىڭ مىقتارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى قىممىتى، ئۇ بىزنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئەقىل– پاراسىتىمىزنى قانداق مىقدارلاشتۇرۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىسال كەلتۈرسەم، ئەگەر مەن يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپتىم دېسەم، 20 پىرسەنىت باج تۆلىسەم، ئۇنداقتا ئوخشاشلا يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىپ تۇرۇپ 50 پىرسەنىت باج تۆلىگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ ئىقتىسادىي قابىلىيتىم يۇقىرى بولغان بولىدۇ. -
بىرىنجى باپتىن قىسىقىچە خۇلاسە - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-19
بىرىنجى باپتىن قىسقىچە خۇلاسە
قىسقىچە خۇلاسە
1971.يىلى ۋە 1974.يىلى پۇل قائىدىسى ئىككى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر دۇنيا مىقياسىدا نۇرۇغۇنلىغان مالىيە مەسىللىرىنى قوزغىدى، بۇ مەسىللەرنى تېخىمۇ كۆپ مالىيە پاراسىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەخىتكە قارشى، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ۋە مەكتىپىمىز بۇ ئۆزگىرىشلەرگە توغرا قاراپ مەسىللەرنى ئويلىشىپ بېقىشقا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا، بۈگۈنكى مالىيە مەسلىسى شۇنچە جىددىي ھالغا چۈشۈپ قالدى. مېنىڭ كۆرگىنىم، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتتىن قەرزى ئەڭ كۆپ بولغان چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.
-
باي دادا بىرىنجى باپ 15.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-19
بىرىنجى باپ ئون بەشىنجى قىسىم
ئويۇن ئويناش
ئويۇن ئويناش
تۆۋەندىكى ماقالىدە بەش خىل مالىيە ئەقىل– پاراسىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن، ئەگەر ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن، ھەم شۇنداقلا مالىيە جەھەتتىن مۇكەممەل ھالەتكە يېتىش ئۈچۈن سىز چوقۇم بۇ بۇ پاراسەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. يالغۇز بۇ 5 پاراسەتنى ئۆزىڭىزدە يېتىلدۈرۈشلا ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس، بەلكىم بىر ئۆمۈر تىرىشىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ياخشى خەۋەر شۇكى ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا بۇ 5 تۈرلۈك پاراسەتنى چۈشىنەلەيدۇ، ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا ئىقتىسادىي قابىلىيتىنى يىتىلدۈرۈش ئارقىلىق پۇل ئويۇنى ئوينىغاندىكى نۇمۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. پەقەت بۇ 5 خىل پاراسەتكە تايىنىپلا سىز جەمئىيەتتىكى 95 ئادەملەرگە قارىغاندا پۇل مەسلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولالايسىز. -
باي دادا بىرىنجى باپ 11~13.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-19
بىرىنجى باپ ئون بىرىنجى قىسىم
نامراتلار پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ
بىرىنجى باپ ئون ئىككىنجى قىسىم
ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ
بىرىنجى باپ ئون ئۈچىنجى قىسىم
بايلار پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ