• چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى2 — چىشى پېئىلنىڭ مارستىن ئايرىلىپ ۋېنىراغا كېلىشى   


    مارستا بىر مەزگىللىك تۇرۇشتىن زېرىكىش ھېس قىلغان be  بۇ جايدىن ئايرىلىپ ، بىر قەدەر كىچىك پىلانىت ۋېنىراغا كەپتۇ . ۋە بۇ يەردە ئىككى بالىلىق بوپتۇ . بالىلىرىنىڭ ئىسمى was ، ۋور ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى بالا ئاددىي ئۆتكەن زامان شەخىسلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنى تەقسىملىشىپتۇ .نۆۋەت بىلەن was ئاۋۋال بىرىنجى شەخىسكە ، were ئىككىنجى شەخىسكە ئاندىن ، was يەنە ئۈچنىجى شەخىسكە ، ئاخىرىدا كۆپلۈك شەخىسلىرىگە were ئىگىدارچىلىق قىپتۇ .

  • يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى

    «يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى » 1967–يىلى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ ،  ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن، توپتوغرا بىر ئەۋلاد ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلار سەھنىسىنى تەربىيلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئېنگىلىزتىلى ماتىرىيالى بولۇپ قالدى .  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى جوڭگوغا كىرگەن بولۇپ ناھايىتى تېزلا ئەينى ۋاقىتتىكى تىل ئۆگېنىشىتە قاتتىق قاغجىرىغان ھەۋەسكارلارنىڭ قەلبىنى سۇغۇرۇپ ، شۇنىڭدىن بېرى رەسىمىي نەشىر قىلىنغان ، قانۇنسىز بېسىلغان ، نەشىر ھوقۇقى بار ، ياكى يوق ھەرخىل نەشىردىكى «يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى» ئۆز يېڭىلىقىنى يوقاتماي بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى .ئېلىمىزدىكى ئوقۇمىي سېتىلىش كۆلىمى 1 مىلىيوندىن ئاشىدىغان «يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى» كىتابى خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئوتتۇرا– باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېنگىلىزتىلى دەرسلىك ماتېرىيالىدىن قالسىلا دۆلىتىمىزدىكى ئىككىنجى چوڭ ماتېرىيال بولۇپ ، ھەتتا ئېلىمىز ئېنگىلىزتىلى ماتېرىيال تارىخىدىكى مۆجىزە دەپ قارالدى .

     

  • چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى

    1 — چىشى پېئىلنىڭ يەرشارىدىن قوغلانغانلىقى 

    يەرشارىدا بىر توپ پېئىللار ياشايدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە be پېئىلى ناملىق پېئىلنى باشقا بارلىق ئەركەك پېئىللار ئانى تېپىپ زادىلا تۇرغىلى قويماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن be پېىئىلى بۇ يەردە كۈن كەچۈرۈشكە ئامالسىز ھالدا ، بۇ جايدىن ئايرىلىپ ، ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن پىلانىت مارسقا كەپتۇ . ۋە ئۇزاققا قالماي ، بۇ يەردە ئۈچ بالىلىق بوپتۇ . بالىلىرىنىڭ ئىسمى am ، are ، is ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ بالىلار ئاددىي ھازىر زامان شەخىسلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنى تەقسىملىشىپتۇ . بىرىنجى شەخىس I غا am ئىگىدارلىق قىپتۇ ، ئىككىنجى شەخىسكە ئوتتۇرانجى بالا are ئىگە بوپتۇ ، كەنجى بالا is ئۈچىنجى شەخسىتىكى ئەرلەر ، ئاياللار ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدىغان بارلىق شەخىسلەرگە ئىگىدارچىلىق قىپتۇ ، كۆپلۈك شەخىسلىرىگە بولسا چوڭ بالا am ۋە كەنجى بالا is ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ .

  • ئۇيغۇرتىلىدا ئۈچ زامان يۇقىرىقى بارلىق ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ، خەنزۇتىلىدا بولسا زامان ئۇقۇمى مەۋجۈت ئەمەس ، شۇڭلاشقا بىر قىسىملىرىمىزغا زاماننى ئۆگېنىش بىر قەدەر قېيىن توختايدۇ . لېكىن بىز نۆۋەتتە سۆزلىمەكچى بولغان دەرىسىمىزدە ئۇيغۇرتىلىدىكى ئۆتكەن ، ھازىرقى ، كەلگۈسى ئۈچ زامانغا ئاساسەن باغلاپ تۇرۇپ ئېنگىلىزتىلىدىكى قالدى زامانلارنى تۈرلەندۈرۈپ تېزلا ئۆگېنىش مەقسىتىگە يېتىمىز . شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتەيكى ، ئۆز ئانا تىلىڭىزنىمۇ تۈزۈك ئۆگەنمەي تۇرۇپ ، باشقا تىلنى ئۆگېنىمەن دېسىڭىز بەك جاپا تارتىپ كېتىسىز . ئۇيغۇرتىلىمۇ ئاسان تىل ئەمەس ، دۇنيادىكى گىرامماتىكىسى قېيىن ئالدىنقى تۆت تىلنىڭ بىرى . شۇڭلاشقا ئۆز ئانا تىلىمىزدا ساۋادىمىز ياخشى چىققان بولسا باشقا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگېنىشتە بىزنى تۇغما ئىقتىدارغا ئىگە دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ .

  • تىل ئۆگېنىشتە سۆزلۈك بىرلىكىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم ، مەيلى ئاساسىي گىرامماتىكىلىق مەسىللەرنى چۈشىنىش بولسۇن ، ئېغىز ئېچىپ سۆزلەش مەشىقىگە كىرىشىش بولسۇن ، سۆزلۈكىمىز مەلۇم مىقدارغا يەتمەيدىكەن ، سۈپەتكە كاپالەت قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ھەركىمنىڭ ئوخشىمىغان سۆزلۈك ئۆگېنىش ئۇسۇلى بار ، مەسىلەن ، ئۆزۈمنى مىسالغان ئالسام ، ئىلگىرى ئوقۇشلۇق ئارقىلىق سۆزلۈك ئۆگېنىشنى ناھايىتى توغرا دەپ قارايتىم ، ھەقىقەتەنمۇ ئۇ سۆزلۈك ئۆگېنىشنىڭ ئەڭ توغرا ، تەبئىي ئۇسۇلى لېكىن ھەرگىزمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ تېز ئۈنۈم يارىتىدىغان ئۇسۇل ئەمەس . ئەگەر بىزنىڭ ئۆگېنىش ۋاقتىمىز يېتەرلىك ، سەۋر – تاقىتىمىز يەتكۈچە بولسا ئىدى ، ئۇنداقتا ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ئېنگىلىزچە ئوقۇشلۇقلارنى تېپىپ كېلىپ ، بىلمىگەن سۆزلۈكلەر ئۇچرىسا ئاستىغا سىزىپ ، شۇ ۋاقىتىتىكى مەنىسىگە قوشۇپ ئۆگەنسەك ، ئەستە ساقلىساق ناھايىتى ياخشى بولاتتى . لېكىن بىز تېز ھەم تولۇق ئۆگەنمەكچى شۇڭلاشقا يۇقىرىقى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن سۆزلۈك قوللانمىسى يادلاش بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تاللايدىغان بىردىنبىر تاللىشىمىز ، ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ئاسان ئۇسۇل ، بەزىلەر تەرىپىدىن بۇ ئۇسۇلنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى پەقەت شۇ سۆزلۈك قوللانمىسىنى قانداق ئۆگېنىشنى بىلمىگەنلىكىدە .

  • 1. جۈملە ئۆگېنىش سۆزلۈك يادلاشتىن مۇھىم .
    لۇغەت ئۈستىدىكى سۆزلۈكنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئۆلۈك ھالەتتە بولۇپ ، پەقەت مەلۇم شارائىت ئىچىدىكى ئىپادىلىگەن مەنىلا بىزگە سۆزلۈكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
    ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇل بىر سۆزنىڭ ئوقۇلۇش ، يېزىلىش ۋە ئىشلىتىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ كۆز ، ئېغىز ۋە مېڭىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىش ئارقىلىق سۆزنى جۈملە ئىچىدە ئۆگېنىشتۇر .
    2. ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەندە زورلاپ ئاڭلاش .
    چۈشەنمەي تۇرۇپ ئاڭلاۋېرىشمۇ بىر خىل ئۆگېنىش . سىز ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىزمۇ ، لېكىن ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا قۇلاق پەردىڭىز يېڭى بىر خىل تىلغا لايىقلىشىشقا باشلاپ ، چوڭ مېڭىڭىز تەبئىي ھالدا چاستوتىسىنى تەڭشەپ ، يېڭى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاڭلاش مەشىقىدە ئىلگىرىلەشنىڭ بولغانلىقى . ۋاقتىڭىز بولسىلا رادىئو ، كۆپ ۋاستە قويغۇچ (م پ 3)، تېلىۋىزورلاردا ئېنگىلىزچە پىروگراممىلارنى قويۇپ قويۇڭ ، زەن قويۇپ ئاڭلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق .پەقەت ئەتراپىڭىزدىكى شۇ تىلنىڭ مۇھىتى بولسىلا ، ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىز ئېشىپ مېڭىۋېرىدۇ

  • ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىدىكى بىر جۈملە سۆز بىلەن تېمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن :
    بىز بۈگۈن توفىل (يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتاھانى ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ) غا بېرىش ئۈچۈن ئۆگېنىمىز ، مەقسەت جوڭگونى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ، دەل بىزنىڭ نەۋرە – چەۋرىللىرىمىزنىڭ قايتا توفىل بېرىمەن دەپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن . ئۇلار بىزگە ئوخشاش ياشلىق باھارى مەزگىلىدە ، خۇددى ئامېرىكىلىق بالىلارغا ئوخشاش ، بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلسۇن ، قۇياش نۇرىدىن ، گۈزەل قۇملۇقلاردىن بەھىرلەنسۇن ، ھاياتلىقنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىدىن ھوزۇر ئالسۇن . ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا– ئانىسىغا ئوخشاش ، شۇ قەدەر قىممەتلىك ياشلىق مەزگىلىنى ئەھمىيەتسىز توفىل ۋە ج ر ي (چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدا باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن بېرىش شەرت قىلىنىغان ئېنگىلىزتىلى ئىمتاھانى ) بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلمىسۇن .ئاخىرىدا سىلەرگە سوۋغا قىلىدىغان ئىككى ئېغىز سۆزۈم ، دەل مېنىڭ بۇ سىنىپتا سىلەرگە بولغان ئاخىرقى تىلىكىم ۋە ئارزۇيۇم  : بالدۇر بېرىپ بالدۇر قايتىپ كېلىڭلار !