-
سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى 2. لېكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-01-30
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34447858.html
ئىككىنجى لېكسىيە
«يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى» نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
ئالدىنقى قېتىم بىر توردىشىمىز ئۆزىنىڭ يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشكە باشلىغانلىقى ھەم ئۇنى ئۆگېنىشنىڭ توغرا تاللاش ياكى ئەمەسلىكى توغۇرلۇق سورىماستىلا مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ ئېنگىلىزتىلى ماتېرىيالى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بېرەي دەپ ئويلىغان ئىدىم . مېنىڭچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىمۇ تىل ئۆگېنىشنى مۇشۇ كىتابتىن ئۆگېنىشنى باشلىغان ، ھەتتاكى نەچچە يىل ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىپمۇ مۇشۇ ماتېرىيالدىن باشقا كىتابنى قولىغا ئېلىپ باقمىغان ئاز بولمىسا كېرەك . سەھىپە ، سەۋىيە ۋە ۋاقىت مەسلىسى تۈپەيلىدىن بۇ قېتىقى لېكسىيەيىمىز پەقەت ئاددى تونۇشتۇرۇشتىنلا ئىبارەت ، تەپسىلىي ئۆگېنىشى ئۇسۇلى ياكى بەزى ياخشى ئۆگېنىش ماھارەتلىرى ھەققىدىكى ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىش يەنىلا كەڭ تورداشلارغا قالدى . مەن سىنىپىمىزغا يالغۇز تىل ئۆگېنىش ئېھتىياجى بار تورداشلارنىڭلا كىرىپ قالماستىن ، ئەڭ مۇھىمى مەيلى قايسى تىلنى ئۆگېنىشتە بولسۇن بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتكەن قېرىنداشلار ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھە ،ھەرقايسى كەسىپتىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ قىممەتلىك شەخسىي كۆز قارىشى بىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن . ئۇنداقتا ئۆز تېمىمىزغا كېلەيلى :
ئەنگىلىيە داڭلىق مائارىپچىسقى ، يازغۇچى ، ل . گ . ئالېكساندىر ئەپەندى (L.G Alexander،1932–2002) «يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى» (New Concept English) ، «ماڭا ئەگىشىپ ئۆگېنىڭ » (Follow Me) ، «لاڭۋېن ئېنگىلىزتىلى گىرامماتىكىسى » قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر .
«يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى » 1967–يىلى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ ، ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن، توپتوغرا بىر ئەۋلاد ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىلار سەھنىسىنى تەربىيلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئېنگىلىزتىلى ماتىرىيالى بولۇپ قالدى . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى جوڭگوغا كىرگەن بولۇپ ناھايىتى تېزلا ئەينى ۋاقىتتىكى تىل ئۆگېنىشىتە قاتتىق قاغجىرىغان ھەۋەسكارلارنىڭ قەلبىنى سۇغۇرۇپ ، شۇنىڭدىن بېرى رەسىمىي نەشىر قىلىنغان ، قانۇنسىز بېسىلغان ، نەشىر ھوقۇقى بار ، ياكى يوق ھەرخىل نەشىردىكى «يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى» ئۆز يېڭىلىقىنى يوقاتماي بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى .ئېلىمىزدىكى ئوقۇمىي سېتىلىش كۆلىمى 1 مىلىيوندىن ئاشىدىغان «يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى» كىتابى خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئوتتۇرا– باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېنگىلىزتىلى دەرسلىك ماتېرىيالىدىن قالسىلا دۆلىتىمىزدىكى ئىككىنجى چوڭ ماتېرىيال بولۇپ ، ھەتتا ئېلىمىز ئېنگىلىزتىلى ماتېرىيال تارىخىدىكى مۆجىزە دەپ قارالدى .
ئاساسىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇش
بىرىنجى قىسىم ئاساس : ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشنىڭ دەسلەپكى بوسۇغىسى (First Things First) . ئاساسىي تاۋۇش ، تەلەپپۇز (بارلىق ئوقۇلۇش ، قوشۇپ ئوقۇش ، تەڭشەپ ئوقۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .) ۋە ئېنگىلىزتىلىدىكى ئاساسىي گىرامماتىكا ، سۆزلۈك ، جۈملە ۋە جۈملە شەكلى قۇرۇلمىسىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئىككىنجى قىسىم تۇنجى دەرىجە:ئېنگىلىزتىلى ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش ، پىراكتىكا ۋە ئىلگىرىلەش (Practice and Progress) .ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ چۈشىنىش ، ئېغىزتىلى ، ئوقۇش ، يېزىش قاتارلىق 4 خىل ئاساسىي تىل ماھارىتىنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈپ ، ئاساسلىق تىل ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ .
ئۈچىنجى قىسىم يۇقىرىلاش : ئېنگىلىزتىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئىگەللەش (Developing Skills) . مۇھىم قىلىپ جۈملە ئارىسىدىكى لوگىكىلىق مۇناسىۋەتنى ئانالىز قىلىدۇ . سىزگە جۈملىنىڭ تاللانغان ، گۈزەل ، قوللىنىشچان ۋە تەقلىد قىلىشقا قولايلىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە يۇقىرىقى ئىقتىدارلارنى ئېنگىلىزتىلى يېزىقچىلىقىدا ئىشلىتىشنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرىۋېتىدۇ .
تۆتىنجى قىسىم يۇقىرى دەرىجە : ئېنگىزتىلىنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن بەھىر ئېلىش (Fluency in English) . مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ،پەلسەپە ، گۈزەل – سەنئەت ، تەنتەربىيە ، سىياسىي ، گۈزەللىك ئىلمىي ، پىسخىلوگىيە ، جەمئىيەتشۇناسلىق ، مائارىپشۇناسلىق ، كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىلمىي ، ئاستىرىنومىيە قاتارلىق 30 نەچچە خىل پەن تۈرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ماقالىرىنىڭ تىل ئىشلتىشى ناھايىتى نەپىس ھەم ئۆزگىچە ، جۈملە شەكىللىرى مۇرەككەپ ، كۆپ خىل لېكىن ئىخچام ، چۈشىنىشلىكلىكىنى يوقاتمىغان بولۇش بىلەن بىرگە كۆپ قىسىم ماقالىلەرگە چوڭقۇر پەلسەپىۋىي پىكىر ، گۈزەللىك ئىلمىي ۋە غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئۆزگىچە پىكىر قىلىش ئۇسۇلى يوشۇرۇنغان .
ئىزاھات : ئاساسلىق مەزمۇنلار يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى . تەرجىمىدە ھەرقانداق خاتالىق بولسا ۋاقتىدا ئەسكەرتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلى كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا بار ئىكەنلىكى مەلۇم. كىتابلارنىڭ ئىسمىي ۋە ئاساسىي ئاتالغۇلار تەرجىمىلىرى يەنىلا ئەشۇ ماتېرىياللاردىكىسى ئاساس قىلىنىدۇ ، مېنىڭ ماقالەمدىكىلىرى پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش قىممىتىگىلا ئىگە خالاس.
خەنزۇتىلى سەۋىيىڭىز ياخشى بولسا يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ چۈشەندۈرۈشنى بۇ ئۇلىنىشىتىن كۆرۈڭ: http://baike.baidu.com/view/104120.htm
بۇ كىتابلارنىڭ ئاپتورى ئالېكساندىر ئەپەندىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بۇ ئۇلىنشىتىن كۆرۈڭ: http://baike.baidu.com/view/1739576.html
历史上的今天:
مۇھىم خاتىرە كۈنلەر 2009-01-30بەخىتكە تۇتىشىدىغان يول 2009-01-30بىر ئىشنى پۇختا قىلىڭ 2009-01-30
收藏到:Del.icio.us
