باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 6 48
يدسچپجش
      1
2345678
9101112131415
16171819202122
23242526272829
30

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
كۆرسىتىلىش شەكلى: نورمال | تېمىلار تىزىملىكى [1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] [8] [9] [10]  ... [31]  

ئىزاھات: ماقالىدا مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقى بىر قىسم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.

مەتبەئە تېخىنىكىسىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى نەشرىيات ۋە ئاخباراتچىلىق تارىخى بويىچە، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھادىسدۇر. غەربلىكلەر مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغان كەشپىياتچى سۈپىتىدە يوھان گۇتىنبۇرگنى كۆرسەتسىمۇ، ھەقىقەتتە مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار گۇتىنبۇرگتىن بۇرۇنلا 6 – ئەسردە ئىجاد قىلغان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: ئۇيغۇر تارىخى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 534

خەرىتىگە قارىسىڭىز، ئېلىمىزنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدىنيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈزەل خېنەن ئۆلكىسى سوزۇلۇپ ياتىدۇ. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ زېمىنىنىڭ شەرقىي يان بۆلىكى ئاساسەن پايانسىز تۈزلەڭلىك، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ سەپەرگە چىقسىڭىز ئۆزىڭىزنى پايانسىز بۇغدايلىق ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز. بولۇپمۇ جېڭجۇ – كەيفېڭ – شاڭچىيۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى ۋە جېڭجۇ – شۈيچاڭ – پىڭدىڭشەن – نەنياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا بۇ ئەھۋال ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن سىز جېڭجۇدىن قەدىمى پايتەخت لوياڭ، گۈزەل تاغلىق شەھەر سەنمېنشىيالارغا قاراپ ماڭسىڭىز، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ تاغلىق ۋە ئىدىرلىقلار قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئەتراپتىكى پاكار لېكىن ياپيىشل تاغلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. جېڭجۇدىن ئاپتوبۇس بىلەن غەرىبكە تەخمىنەن ئۈچ سائەتتەك ماڭسىڭىز، تاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان گۈزەل ناھىيە مىيەنچىگە يېتىپ بارىسىز.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: ئۇيغۇر تارىخى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1026

ۋەكىل قارى مەسىيىت مىلادىيە 1903– يىلى تۇرپان ناھىيىسىنىڭ قاراغۇجا يېزا مانتۇ مەھەللىسىدە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا مۇرتۇق غوجامدا دىنىي دەرس ئۆگەنگەن. ۋەكىل مۇرتۇق قارى خوجامدىن قايتىپ كېلىپ، دىنىي جەھەتتىكى ساۋادىنى پۇختىلاش ئۈچۈن شۇ چاغدا قەشقەر مەدرىسىدە ئوقۇپ كەلگەن قاراغۇجىلىق شاھىمەردان داموللىدا دىنىي بىلىم ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىنچى قارارلىق ئوقۇشنى مىلادىيە 1911– يىلى خەنزۇچە مەكتەپتە، ئىككىنچى قارارلىق ئوقۇشنى مىلادىيە 1914– يىلى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە تاماملايدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1011

1. تارىخشۇناس كى كى قورسا ئىچقۇ

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يايلاق ۋە دېھقانچىلىق ھاياتىدا ئۆز تارىخى ۋە ئەجدادلىرى توغرسىدا ئاز بولمىغان تارىخىي يادىكارلىقلارنى، خاتىرىلەرنى قالدۇردى. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان تارىخشۇناسلار ياشاپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىش دەۋرى كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، تۈرك – رونىك يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئۆز تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق تارىخىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. بۇ تارىخ پايانسىز يايلاقلارغا تارقالغان مەڭگۈ تاشلار ئارقىلىق ساقلىنىپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە مەڭگۈ تاشلاردىكى تارىخ ۋە تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك بىلەن ئاز – تولا تونۇشۇپ ئۆتۈۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن ئاشۇ ئابىدىلەردىكى تارىخنى يازغان ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرى ھەققىدە ماتېرىيال يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن تونۇشۇپ ئۆتۈش پۇرسىتى تولىمۇ ئاز بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارلاق تارىخ – تەزكىرىلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۇنتۇلۇپ كېلىۋەردى. بۇلارنىڭ بىرى قۇچو ئىدىقۇت تۆھپە مەڭگۈ تېشىنىڭ ئاپتورى كى كى قۇرسا ئىچقۇدۇر.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: تۇرپاندا ئۆتكەن شەخسلەر | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1068

黄头回纥 ، 撒里畏兀 ، 黄黄番تارىخ كىتابلىرىدا سارىخ ئۇيغۇر دېگەن ناملار يولۇقىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۆزلىرىنى سارەغ يۇغۇر، شارا يۇغۇر دەپ ئاتايدىغان يۈگۇ مىللىتى بار. بۇ ماقالىدە مۇشۇ ناملاردا ئاتالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئانا ماكانى قاتارلىقلار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىنىپ، بۇلارنىڭ ئەسلىدە ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرىنىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرىدىن ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈلىدۇ. چاقىلىق، چەرچەن ناھىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرىدىغان بولساق، مۇشۇ دائىرىدە «سېرىق ئۇيغۇر» لارنىڭ ياشايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بار، مانا بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ جامائەت ۋە دۆلەت ئەربابى، ئاتاقلىق تارىخچى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگاننىڭ «تارىخى رەشىدىي» ناملىق كىتابىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: ئۇيغۇر تارىخى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1375

ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ 5 – ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207 – يىلدىن مىلادىنىڭ 216 – يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن 46 –، 216 – يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى (375–469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: ئۇيغۇر تارىخى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1273

پايانسىز قۇملۇقنى ئەگىپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى بويىدىكى بوستانلىقلار ئارىسىدا ياشىغۇچى خەلىقلەر ئارىسىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قەدىمقى زاماندىكى نۇرغۇن شەھەر – خارابىلىكلەر ، غەلىتە سۆز – چۆچەكلەر ئىزچىل تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى قۇيۇلۇش نۇقتىسى بولغان لوپنۇر كۆلى بويلىرىغا ماكانلاشقان لوپنۇرلۇقلار ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتكەن شەھەر دۆلىتى كىرورانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ، ئەمما ئاتا – بوۋىلىرى قۇرغان ئاشۇ سەلتەنەتنىڭ ئەمەلىيەت ياكى رىۋايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: ئۇيغۇر تارىخى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1113

بۈيۈك مىللىي كۆچۈش ئېلىپ بارغان ھۇن قەبىلىلىرى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرى ئاق ھونلار(ئېفتالىتلار) دەپ ئاتالغان. ئۇلار كاۋكاز تاغلىرى ۋە قەدىمكى پېرسىيەنىڭ شىمالىغا ماكانلىشىپ، ئۇ يەرلەرگە نەچچە يۈز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يەنە بىرى قارا ھونلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىيىپ كەتكەن. ئۇلار ئاق ھۇنلاردىنمۇ قارا بولۇپ، ئورال تاغلىرىنىڭ غەربىي قاپتاللىرىدىن كەلگەن.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: ئۇيغۇر تارىخى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1081

مېنىڭ تېگىم يەكەنلىك بولۇپ، ئۆمرۈم يامۇلدا يايىلىق خىزمىتى بىلەن ئۆتكەن، مېنىڭ بىر قىزىم خوتەنگە ياتلىق قىلىنغاچقا خوتەنگە بىر نەچچە قېتىم بارغانمەن، شۇڭا خوتەن يوللىرى ماڭا تونۇش بولۇپ قالغان.

1937 – يىلى 9 – ئاي كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يەكەن تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالدى، ئۇلار يەكەندە ئازلا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر تەرەپتىكى تۇڭگانلارمۇ قېچىپ كېلىپ، ئۇلغىيىپ ھەممىسى يەكەننى تاشلاپ خوتەن تەرەپكە قاچتى.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: ئۇيغۇر تارىخى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1373
0 ئۇيغۇرلار  [2010-10-31]

ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.


تولۇق تېكستى...
يوللىغۇچى: يالقۇنتاغ | سەھىپە: ئۇيغۇر تارىخى | باھا: 0 | نەقىل: 0 | زىيارەت: 1754
[1] [2] [3] [4] [5] [6] [7] [8] [9] [10]  ... [31]  

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.062500 second(s), 6 queries