باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
تۇرپان قاراغۇجا يېڭى مائارىپى ۋە ۋەكىل قارى مۇئەللىم مەتبەئە تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان!
0 ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار  [2011-05-10]

خەرىتىگە قارىسىڭىز، ئېلىمىزنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدىنيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈزەل خېنەن ئۆلكىسى سوزۇلۇپ ياتىدۇ. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ زېمىنىنىڭ شەرقىي يان بۆلىكى ئاساسەن پايانسىز تۈزلەڭلىك، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ سەپەرگە چىقسىڭىز ئۆزىڭىزنى پايانسىز بۇغدايلىق ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز. بولۇپمۇ جېڭجۇ – كەيفېڭ – شاڭچىيۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى ۋە جېڭجۇ – شۈيچاڭ – پىڭدىڭشەن – نەنياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا بۇ ئەھۋال ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن سىز جېڭجۇدىن قەدىمى پايتەخت لوياڭ، گۈزەل تاغلىق شەھەر سەنمېنشىيالارغا قاراپ ماڭسىڭىز، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ تاغلىق ۋە ئىدىرلىقلار قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئەتراپتىكى پاكار لېكىن ياپيىشل تاغلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. جېڭجۇدىن ئاپتوبۇس بىلەن غەرىبكە تەخمىنەن ئۈچ سائەتتەك ماڭسىڭىز، تاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان گۈزەل ناھىيە مىيەنچىگە يېتىپ بارىسىز.

مىيەنچى ناھىيىسى مەمۇرى جەھەتتىن خېنەننىڭ ئەڭ غەربىدىكى شەھرى سەنمېنشىياغا قارايدۇ. ناھىيىنىڭ سەنشى ئۆلكىسى بىلەن چېگرالاشقان جايىدىن ھەيۋەتلىك خۇاڭخې دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ. بۇ ناھىيە جۇغراپىيەلىك نۇقتىدىن ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئورۇنغا جايلاشقان. قەدىمدە بۇ جاي سەنشى، شەنشى، خېنەن، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان. مانا مۇشۇ سۈيى مول، تۇپرىقى مۇنبەت گۈزەل ناھىيىدە «غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتالغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار خېلى كۆپ، جىيەن فامىلىك ئۇيغۇرلار بىزگە خېلى كۆپ تونۇشتۇرۇلدى، بولۇپمۇ مەشھۇر تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەن ئارقىلىق خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى سېرىق ئۇيغۇر (يۇغۇر)لار بىلەن خۇنەندىكى جىيەن فامىلىك ئۇيغۇرلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلار كۆپ. ھالبۇكى بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە دەپ قارىلىدىغان، ئىككى ئۇيغۇر مىللى كەنتى بار ئۇزاق تارىخقا ئىگە لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىر توپ ھېسابلىنىدۇ. 2006 – يىلى مەن بىر قىسىم دوستلاردىن خېنەندە بىر قىسىم ئۇيغۇر توپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ۋە ئىمكانىيىتىم يار بەرسە مۇشۇلار ھەققىدە بىرەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئويىغا كەلگەن ئىدىم. ئاخىر بۇ پۇرسەت يېتىپ كەلدى. مەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خېنەن ئۇنۋېرسىتېتىغا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرغىلى كەلدىم. مۇشۇ پۇرسەتتە ئىزدىنىپ يۈرۈپ ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.

غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ليۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەبنامىسىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسىگە قارىغاندا، 1985 – يىلى جۇڭگو مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلىدىكى ئەركىن قادىر ۋە ئارىسقان قاتارلىقلار مىيەنچى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان. 1991 – يىلى 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس فىلىم بۆلىمىدىن ئىسھاق، يالقۇن، ئابلىمىت قاتارلىق ئۈچ كىشى مىيەنچى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن. 2005 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى رەيھان قادىر خانىم بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلغان.

مىلادىيە 1209 – يىلى قۇجۇ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ قۇجۇدا تۇرۇشلۇق نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭگىزخانغا ئەلچى ئەۋەتىدۇ. كېيىن ئۆزى ئادەم باشلاپ بېرىپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرىشىدۇ. چىڭگىزخان بارچۇق ئارتتېكىننى بەشىنچى ئوغلۇم دەپ ئېلان قىلىپ ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارچۇق ئارتتېكىن 10 مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ چىڭگىزخاننىڭ غەرىبكە يۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ. 1220 – يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخانغا قارام بولغان غەربىي شىيا سۇلالىسى (تاڭغۇتلار) ئىسيان كۆتىرىدۇ. چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ تاڭغۇتلارغا جازا يۈرۈشى قىلىدۇ. بۇ جازا يۈرىشىدىمۇ بارچۇق ئارتتېكىن ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىدۇ. 1226 – يىلى جەڭ ئاخىرلىشىدۇ. تاڭغۇتلار يېڭىلىدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا بارچۈق ئارتتېكىننىڭ سەركەردىسى سىتەنقايا دېگەن كىشى چىڭگىزخان تەرىپىدىن غەربىي خېنەندىكى يوڭنىڭ، لىڭباۋ، شەنشىيەن، مىيەنچى، يېياڭ قاتارلىق بەش ناھىيىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ ۋە شۇ يەردىكى چوڭ جەمەت بولغان ليۇ جەمەتى بىلەن قۇدىلىشىدۇ. سىتەنقايا خېنەن، گۈيجۇ قاتارلىق جايلاردا ئەمەلدار بولۇپ ئاخىر تەبىئى شارائىتى ئەۋزەل ۋە گۈزەل، ھەربىي ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور مىيەنچى ناھىيىسىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. ئارىدىن 100 يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ، تۆتىنچى ئەۋلاد خۇدۇقايا دەۋرىگە كەلگەندە، يۈئەن سۇلالىسى ئاغدۇرلىدۇ. 1336 – يىلى جۇ يۈەنجاڭ مىڭ سۇلالىسىنى قۇرىدۇ ۋە بۇيرۇق ئېلان قىلىپ غۇزچە («غۇز»، بۇ يەردە موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىدۇ) كىيىملەرنى كېيىش، غۇزچە سۆزلەش، غۇزچە ئۆرپ ئادەتتە بولۇشنى چەكلەيدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا خۇدۇقايا فامىلىسىنى مومىسىنىڭ فامىلىسى بولغان ليۇغا ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غەربىي خېنەندىكى ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار جەمەتىنىڭ تارىخى رەسمى باشلىنىدۇ. ئارىدا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتىدۇ. بىر ئائىلىدىن تەرەققى قىلغان ليۇ جەمەتى نۇغۇن شاخلارغا بۆلىنىدۇ. لېكىن، ئىزچىل ھالدا ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى يېزىپ ماڭىدۇ. ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئويۇپ ئۇلۇغلىرىنىڭ قەبرىسىگە تىكلەيدۇ.

جۇڭخۇا مىنگونىڭ 15 – يىلى (1926 – يىلى) فېڭ يۈشىياڭ خېنەننى باشقۇرغاندا مىيەنچى ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى يېزىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا 16–17 ياشقا كىرىپ قالغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ليۇ يۆبەي ئىسىملىك ياش تەزكىرە ئىشخانىسىغا كېلىپ نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلار ۋە ليۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەبنامىسى ئارقىلىق، ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەزكىرىدىن ئورۇن ئالغۇزىدۇ. ئارقىدىن شۇ چاغدىكى ھاكىم ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ليۇ جەمەتىنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ. 1956 – يىلى ئۇلار رەسمىي ئۇيغۇر دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ ئىككى كەنىتكە ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بېرىدۇ. ئىككى ئۇيغۇر مەكتىپى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

2008 – يىلى 3 – ئايدا مىيەنچى ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ليۇ دوڭفاڭ، مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ رۇنشېڭ قاتارلىق ئۈچ كىشى قول قويغان ئەڭ يېڭى ماتېرىيالدا غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ (خېنەندىن باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە تەيۋەن، چەت ئەللەرگە كېتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئومۇمىي سانى 2380 نەپەر دەپ قەيىت قىلىنغان. ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلەكتە ئولتۇراقلىشىپ يەرلىك خەنزۇلار بىلەن قۇدا – باجا بولۇپ كەلگەن، ئۇلار بىر فامىلىلىك قانداشلار ئارا ئۆيلىنىشنى ئاساسەن تەشەببۇس قىلمىغان. قىزلىرىنى باشقا مىللەتلەرگە ياتلىق قىلىپ، ئۆزلىرى باشقا مىللەتلەردىن قىز ئېلىپ جەمەتىنى بۈگۈنگە قەدەر گۈللەندۈرۈپ كەلگەن.

مىيەنچى ناھىيسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بېرىلگەن ئىككى كەنىتنىڭ بىرى، مىيەنچى ناھىيە بازىرى جايلاشقان گۇەنچېڭ بازىرى تەۋەسىدىكى يىلىخې كەنتى. بۇ كەنتكە رەسمىي ئۇيغۇر كەنتى دەپ كەنت دەرىجىلىك ئاپتونومىيە بېرىلگەن. بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 329 نەپەر، ئومۇمىي كەنت ئاھالىسىنىڭ %33ىنى ئىگىلەيدۇ. كەنت باشلىقى ئۇيغۇر بولۇپ، ئىسىم – فامىلىسى ليۇ باۋجۈن. يەنە بىر كەنت ناھىيە بازىرىدىن بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بېيچى كەنتى، بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 675 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %35ىنى ئىگىلەيدۇ.

ليۇ فامىلىك ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىقنى سۆيىدىغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي دىيار مەدەنىيىتىنى ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرگەن بىر توپ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى.

——————————————————————————

مەنبە: ئاپتورى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى، شىنجاڭ ياشلىرى 2008– يىلى 6– سان


[بۇ يازمىنى 2011-05-10 05:12 PM دە «يالقۇنتاغ» تەھرىرلىگەن]
[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]
نەقىلگە ئىشلىتىش ئادرېسى (0):
ئادرېسنى كۆچۈرۈش /trackback.asp?tbID=313

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.031250 second(s), 6 queries