باش بەت  فوتو–سۈرەتلەر  ھالقىلىق سۆزلەر  سۆز قالدۇرۇڭ 
كىرىش ئېغىزى
ئىسىم:
پارول:
 

سەھىپىلەر

بېكەت كالېندارى
73 2013 - 3 48
يدسچپجش
     12
3456789
10111213141516
17181920212223
24252627282930
31

قىزىق تېمىلار

بېكەت ستاتىستىكىسى

ئىزدەش

 تېما   مەزمۇن

دوستانە ئۇلىنىشلار

بېكەت ئۇچۇرلىرى:
«تېتىر كارىز» ۋە «تېتىر» دېگەن سۆز ھەققىدە كارىز ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە چۈشەنچە
2 «بەش ئۆيلۈك كارىز» نىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە  [2008-03-31]

يەرناملارنىڭ تەرجىمىسىدە شۇ جاينىڭ ئەسلى نامىنى قايسى تىلدا ئاتالغان بولسا، شۇ بويىچە تەرجىمە قىلىنىشى خەلقئارادا ۋە دۆلىتىمىزدە تەكىتلىنىۋاتقان مۇھىم مەسىلە. مەسىلەن: بىز چاڭجىياڭ دەرياسىنى (长江) ھەرگىزمۇ تەرجىمىسى بويىچە «ئۇزۇن دەريا» دېمەيمىز. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بىز دونيا خەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرناملىرىدىن شۇ دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى بويىچە ئاتىلىدۇ ۋە تەرجىمىسىمۇ شۇ تىلنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: بىز (نەۋ يورك)نى ئۇيغۇرچە (نيۇيروك) دەپ ئاھاڭ بويىچە ئاتىدۇق. ھەرگىزمۇ (نەۋ يورك) نىڭ تەرجىمىسى بويىچە دەپ ئاتىمىدۇق، بەلكى شۇ ئىنگلىز تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئاتىدۇق.

جوڭگۇ خەرىتىسىگە قارايلى، يەرناملارنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايونلارغا قاراپ باقايلى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شۇ مىللەتلەر تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە يېزىلغان. مەسىلەن: بېيجىڭ (北京) نى ھەرگىزمۇ «شىمالدىكى پايتەخت» دەپ ئاتىمىدۇق، بەلكى خەنزۇ تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئاتىدۇق ... كارىزلارغا كەلسەك، چوڭكارىزنى ئاھاڭ بويىچە ئېلىپ (琼坎儿孜) دەپ يېزىلغان، ھەرگىزمۇ مەنە بويىچە (大坎儿孜 ياكى 大井) دەپ تەرجىمە قىلىنمىغان. ئەمما، «تۇرپان شەھىرىنىڭ يەرناملىرى تەزكىرىسى» ناملىق كىتاپتا (319 – بەت) «بەشئۆي كارىز»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى «五间房坎儿孜» دەپ يېزىلغان. بۇنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «拜什乌衣坎儿孜» دەپ تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولاتتى. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان كارىز ناملىرىدىن «پىچان ناھىيىسىنىڭ خەرىتىلىك يەرناملار تەزكىرىسى» ناملىق كىتابنىڭ 415 – بېتىدە «ئاقئۆي كارىز» نى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاھاڭ بويىچە «阿克乌衣坎儿孜» دەپ تەرجىمە قىلغان ھەرگىزمۇ مەنىسى بويىچە «白房坎儿孜 ياكى白井» دەپ تەرجىمە قىلمىغان.

دېمەك، «بەشئۆي كارىز»نىڭ تەرجىمىسىنى «五间房坎儿孜» دېمەي، ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «拜什乌衣坎儿孜» ئالغىنىمىز تۈزۈك.

================================

مەنبە: ئاپتورى پەرھات كازىم


[ تېكستنىڭ فونت رەزمىرى: چوڭئوتتۇراكىچىك ]
نەقىلگە ئىشلىتىش ئادرېسى (0):
ئادرېسنى كۆچۈرۈش /trackback.asp?tbID=278

تۇرپان تەزكىرىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزىگە تەۋە

新ICP备10202342号-4

吾买尔江·沙塔尔 0991-8982843 ئۆمەرجان ساتتار

بېكىتىمىزنىڭ تور بوشلۇقىنى «شىنجاڭ تېزلىك تورى»  تەمىنلىگەن

Alpida BLOG 1.0, Copyright© 2007, Alpida® Software
Processed in 0.031250 second(s), 6 queries