تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نېسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان.
1916 – يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللە بېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل – يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ . تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭى شەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملايدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇ مۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ . ئەينى دەۋىردە ئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ « سۇ بويىدا » ، « قىزىل راۋاقتىكى چۈش » رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇن جوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇگراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن . ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدال كونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم – پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسى تۇغۇلغان.

1923 – يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2 – قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ . بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ . شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ . 1926 – يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچە ئىلىم – پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت ژۇرنال نەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . لېكىن ئەكسىيەتچى، مىللىتارست ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن 1927 – يىلى « ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى » نامىدا بىر مەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاق سارايدا « ھۆرىيەت مەكتىپى »، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ . . .
بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتا ئەينى دەۋىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ . ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ .
ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932 – يىلى 11 – ئايدا « ئويغان » ، « ئاچىل » دېگەن شېئىرلىرىنى ئاق رەختكە چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ .
1932 – يىلى 12 – ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 – يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگە تاشلايدۇ . جاللات شىڭشىسەي 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭ ئالدىدا قەتلى قىلىدۇ . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي، باتۇرلارچە كۆكرەك كېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ . بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا « ياشىسۇن ئەركىنلىك! » ، « ياشىسۇن ئازادلىق! » دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ . . .
================================
مەنبە: ماتېرىيالدىن