ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي خانلىق دائىرىسىدە «يېپەك يولى» سودىسى جانلاندى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەر سانائىتى، باغۋەنچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىمۇ يۈكسىلىش بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ۋە ئىقتىساد گۈللىنىشكە يۈزلەندى. ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ جانلىنىش بارلىققا كەلدى — ئىبادەتخانا، مۇنارلارنىڭ قۇرۇش، رېمۇنت قىلىش، بېزەكلىك، تۇيۇق، قىزىل، قۇمتۇرا، سىمسىم قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خانلىق ئىبادەتخانىلارنى ۋە راھىبلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنى كۆپەيتىش، بېزەش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى. ئىستىقامەتگاھلارنى كۆركەملەشتۈرۈش، بۇتلارنى بۇددالار ھۆرمىتىگە لايىق بېزەش، ئىستىقامەت غارلىرىنى رەسىم بىلەن بېزەش قاتارلىق ئىشلاردا خانلىقتىن پەرمان ۋە ماددىي ياردەملەر بېرىلدى. ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن قوللاش، ئىجتىمائىي قىزغىنلىقنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ئارقىسىدا، «ئىدىقۇت»تا تەسۋىر سەنئەت ئىشلىرى ئۆزىگە مۇناسىپ گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى.
مەلۇمكى، بۇددا جامائەتلىرى ئاساسەن تەركىدۇنياچىلاردىن تەشكىل ئېتىلگەنىدى. ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ھۇزۇر – ھالاۋەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن ئادەملەر بولۇپ، پەقەت كىشىلەرنىڭ بەرگەن خەير – ئېھسانلىرى بىلەن ھايات كەچۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەدىمكى سانسكرېت تىلىدا «بىكشۇ» يەنى قەلەندەر دەپ ئاتىشاتتى.
بۇددا جامائەتلىرى يېڭىدىن تەشكىل قىلىنىۋاتقان دەۋرلەردە، بىكشۇلار ئۆز ئۆمرىنىڭ كۆپ ۋاقتىنى سەرسانلىق – سەرگەردانلىقتا سەدىقە – ئېھسان يىغىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. پەقەت يىلنىڭ يامغۇرلۇق پەسىللىرىدە ئۇلار بىر جايغا — تاغ غارلىرى ۋە ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كەلگەن پاناھ جايلارغا توپلىناتتى. يامغۇر پەسلى ئۆتۈپ كەتكەندە شۇ جايلاردا بۇددىزم ۋە ئۇنىڭ تەلىماتى ھەققىدە بەھىس – مۇنازىرىلەر ئېلىپ باراتتى. مۇنداق جايلار كېيىنچە بىكشۇلارنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق جايىغا — ئىبادەتخانىسىغا، بىكشۇلار ئىبادەتخانىلارنىڭ دائىمىي تۇرغۇن راھىبلىرىغا ئايلىناتتى.
تاغ غارلىرى ۋە پاناھ جايلاردىن تەشكىل قىلىنغان ئىبادەتخانىلار تېزلىك بىلەن بۇددا دىنىنىڭ ئاساسىي ۋە بىردىنبىر تەشكىلىي فورمىسى بولۇپ، ئۇ ئاستا – ئاستا بۇددا تەلىماتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان غايىۋى مەركەزلەرگە ئايلانغان. «قەدىمكى ھىندى يازما مەنبەلىرىدە مەلۇمات بېرىشىچە ‹ماگېندا› دېگەن راھىب ئۆز مۇرتلىرى بىلەن تۇنجى بولۇپ شەھەرنى تەرك ئېتىپ، تاغ – غارلارنى دائىمىي ياشاش ئۈچۈن ئۆز ماكانىغا ئايلاندۇرغان. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ماگېندادىن ‹سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ۋە مېنىڭ ئادەملىرىمنى تاشلاپ تاغلارنى ماكان قىلدىڭ ؟!› دەپ سورىغاندا: ‹مەن يىلنىڭ پەقەت يالغۇرلۇق پەسلىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەممە پەسلىدە تائەت – ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانماقچىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تاغ – غارلارنى ئۆزەمنىڭ ماكانىمغا ئايلاندۇردۇم› دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، پادىشاھ پەرمان ئېلان قىلىپ، ماگېندا ياشىغان تاغلاردا 68 ھۇجرىنى راھىبلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەنىكەن» (1).
شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستان ۋە سېرلانكا ئىبادەتخانىلىرىنى ئويۇپ ياساش ئەنئەنىگە ئايلانغان. كېيىنچە، بۇددا دىنىنىڭ ئۇدۇن ئارقىلىق ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كېرىشى بىلەن بىرگە، ئەنە شۇ تاغ باغرىلىرىغا غار – ئۆڭكۈرلەرنى ئويۇپ ياساش ئەنئەنىسىمۇ بىرگە قوبۇل ئېتىلگەنىدى.
تاغ باغرىلىرى، يارداڭلىقلاردا – پىنھان، مەنزىرىلىك جايلارغا غار ئۆيلەرنى قېزىش ئەنئەنىسىنىڭ شىنجاڭدا ياشىغا قەدىمكى خەلقلەر تەرىپىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئەنئەنىگە ئىجادىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن خاراكتېرلەنگەنىدى. قېزىپ ياسالغان غار ئۆيلەردە بۇددا دىنى نەزەرىيىسىدىكى مىڭ بۇددا ئوبرازى ۋە ئۇلارنىڭ يارالمىشىغا ئائىت ئەپسانە – رىۋايەتلەر سۇژىتلىرىنى گۈزەل سەنئەت ۋاسىتىسى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن يەنە ھەر قايسى دەۋرلەردىكى مەزكۇر رايونلاردا ياسىغان (بېزەكلىك غارلار قېزىلغان رايونلاردا ياشىغان) خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
بۇددىزم نەزەرىيىسىدە بۇددالار ئۆتكەن زامان بۇددالىرى، ئەينى زامان بۇددالىرى ۋە كەلگۈسى زامان بۇددالىرى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەر زامانغا تەئەللۇق مىڭدىن جەمئىي ئۈچ مىڭ بۇددا بار دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. بېزەكلىك غار ئۆيلىرىدە مانا شۇ ھەر زاماننىڭ مىڭ بۇددا ئوبرازى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بېزەكلىك ئۆيلەرنىڭ خەلقئارادا مىڭ بۇددا ئۆيى دەپ ئاتىلىشىمۇ ئەنە شۇ ۋەجىدىندۇر.
كۇچا، ئىدىقۇت ۋە دۇڭخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىكى مىڭ بۇددا ئۆيلىرى مىلادى 1– ئەسىرنىڭ ئالدى – كەينىدە قېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە مەزمۇنىنىڭ بېيىشى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈنگەن.
بۇددا دىنىنىڭ ئىستىقامەت ئۇسۇلىدا، پىنھان جايدا، 6 ئوغرىنىڭ (ئادەمنىڭ 6 سەزگۈ ئەزاسىنىڭ) پاراكەندىچىلىكىدىن خالىي ھالدا ئىستىقامەت قىلىپ، كامالەتكە يېتىش (يەنى ئەۋلىيالىق ماقامىغا يېتىش) تەكىتلەنگەنلىكتىن، شۇنىڭدەك دائىملىق ئىستىقامەتچىلەر (يەنى راھىبلىققا ئۆزىنى بىر ئۆمۈر بېغىشلىغانلار)نىڭ كۆپىنچىسى تەركىدۇنياچىلاردىن تەشكىل تاپقانلىقتىن، ئىبادەتخانا جۈملىدىن ئىستىقامەتگاھلار شەھەر – قەلئە، يۇرت – يېزىلاردىن يىراقراق بولغان خالىي – خىلۋەت، پىنھان جايلار — دەريا – جىلغىلار، يارداڭلىقلارغا ئويۇپ ياسالغانىدى. ئىدىقۇت خاندانلىقى تەۋەسىدە بېزەكلىك، تۇيۇق، بەش غار، چىكاڭكۆل، سىڭگىم ئېغىزى، يارغول قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىبادەتخانا ۋە بېزەكلىك غارلار ئويۇپ ياسالغان بولسا، ئىلىك خانلار تۇرغان كۈسەن تەۋەسىدە بايدىكى مۇزات دەرياسى بويىدىكى بېزەكلىك (قىزىل مىڭ بۇددا ئۆيلىرى)، كۇچادا قۇمتۇرا، سىمسىم، قىز قالغان (قىزىل قاغا)، مازار باغ غارلىرى، شىكشىن غارلىرى بار. بۇلاردىن باشقا، قۇمۇل رايونىدا ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىمۇ بېزەكلىك غارلار قېزىلغان.
1) بېزەكلىك مىڭ بۇددا غارلىرى
بېزەكلىك مىڭ بۇددا غارلىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 45 كىلومېتىر شەرقىدە — مۇرتۇق غولىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. بۇ جايدىكى بېزەكلىك غارلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ، ياسىلىش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل، ساقلىنىشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ھازىر نومۇر بېرىلگىنى 77 ئېغىز غار. بۇلاردىن 40 نەچچە ئېغىز غاردا تام سۈرەتلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى 1200 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ.
قېزىلغان ۋاقتى ھازىرقى تەتقىقات نەتجىلىرىدىن قارىغاندا، مىلادى Ⅳ ئەسىردىن باشلىنىپ، Ⅵ، Ⅶ ئەسىرلەردە يەنە بىر پەللە، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە (يەنى Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا) يەنە بىر نۆۋەت قېزىلىپ، بېزەكلىك غارلارنىڭ سانى كۆپەيگەن، شۇنىڭدەك، بۇرۇنقى مانى ئىبادەتخانىلىرى ئۆزگەرتىلىپ، قايتىدىن چوڭايتىلىپ ياسىلىپ، ئىدىقۇت خان جەمەتى ئىبادەتخانىسى قىلىنغان (2).
2) تۇيۇق مىڭ بۇددا ئۆيلىرى
تۇيۇق مىڭ بۇددا ئۆيلىرى تۇيۇق غولىنىڭ ئىچكىرىگىرەك جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 46 غار بار (تۇيۇق — تۇرپان شەھىرىدىن تەخمىنەن 60 كىلومېتىر شەرققە جايلاشقان. يەنى ئىدىقۇت تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي ئۇچىدا، پىچان ناھىيىسىگە تەۋە جاي). غەربىي ياندا 26 غار بولۇپ، بۇنىڭ 4 ئۆڭكۈرىدە رەسىم بار، شەرق ياندا 21 غار بولۇپ، 5 غاردا رەسىم بار. بۇلارنىڭ قېزىلغان ۋاقتىمۇ ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىن بۇرۇن قېزىلغانلىرى ۋە Ⅸ-Ⅹ ئەسىرلەردە قېزىلغانلىرىمۇ بار.
3) يارغول مىڭ بۇددا ئۆيلىرى
يارغول غارلىرى يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ بىر كىلومېتىر غەربىگە — يارداڭلىققا ئويۇپ ياسالغان بولۇپ، ھازىر 7 غار ساقلىنىپ قالغان. بۇنىڭ ئىككى غارىدا مىڭ بۇددا سۈرەتلىرى ۋە تېۋىنغۇچىلار سۈرىتى بار. قالغانلىرىدا سۈرەتلەر قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 5– نومۇرلۇق غارنىڭ ئوك – سول تەرەپلىرىدىكى تامغا قەدىمكى تۈرك (ئورخۇن) يېزىقى ئويۇپ يېزىلغان. بۇ غارلارنىڭ قېزىلغان ۋاقتى ئەڭ بالدۇرقىلىرىنىڭ مىلادى Ⅳ ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.
بۇلاردىن باشقىلىرى مەسىلەن، چىكاڭكۆل، سىڭگىم ئېغىزى، بەش غار، سىركىپ ئېغىزىدىكى لەمجىننىڭ چۇۋانقىر يېزىدىكى غول ئىچىدە «ماندىغۇر» دەپ ئاتىلىدىغان جايدىكى 10 نەچچە ئېغىز غار بار. بۇلارنىڭ سانى ئاز بولۇشتىن تاشقىرى، رەسىملىرى قاتتىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغا بولغاچقا، بۇ يەردە تەپسىلىي تونۇشتۇرمىدۇق.
4) بايدىكى قىزىل بېزەكلىك غارلىرى
ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق باي ناھىيىسىنىڭ تەخمىنەن 50 كىلومېتىر شەرقىدىكى قىزىل بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 7 كىلومېتىر كېلىدىغان يارداڭلىقتا — مۇزات دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا ئويۇپ ياسالغان مەشھۇر قىزىل بېزەكلىك غارلىرى بار. بۇ جاي كۇچادىن تەخمىنەن 67 كىلومېتىر كېلىدۇ.
1953– يىلىدىكى تىزما نومۇر بويىچە بۇ غارلار 285 بولۇپ، بۇ غارلارنىڭ قېزىلغان ۋاقتى مىلادى 2– ئەسىردىن (يەنى شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن) قېزىلىشقا باشلاپ، مىلادى 9– ئەسىرلەر (كېيىنكى تاڭ دەۋرى)گىچە قېزىلغان. تەتقىقاتچىلار بۇ غارلارنىڭ قېزىلغان دەۋرىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلىدۇ. ھازىر بۇ غارلاردا ساقلانغان سام سۈرەتلىرىنىڭ كۆلىمى 10000 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق.
5) قۇمتۇرا بېزەكلىك غارلىرى
قۇمتۇرا بېزەكلىك غارلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر جايدىكى ئۆگەن دەرياسى ئېقىپ چىقىدىغان تاغنىڭ شەرق قاپتىلىغا جايلاشقان. 1953– يىلىدىكى تىزما نومۇرى بويىچە جەمئىي 72 غار بار.
قۇمتۇرادىكى ئاساسلىق 72 غاردا، ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى بۇزۇۋېتىلگەن، 31 غاردىلا ساقراق تام سۈرەتلىرى بار. ھازىر قۇمتۇرا مىڭ بۇددا غارلىرىغا سۇ سىرغىپ كىرىپ، 108 كۋادرات مېتىر دائىرىسىدىكى رەسىم سويۇپ ئېلىنىپ، تۆمۈر رامكىلار ئىچىدە ساقلانماقتا (1991– يىل 1– ئاينىڭ 24– كۈنىدىكى كۇچادىكى نەق مەيدان تەكشۈرۈشىمىزدىكى خاتىرىدىن — ئا). قۇمتۇرادىكى بېزەكلىك غارلارنىڭ قېزىلغان ۋاقتىمۇ مىلادى Ⅱ ئەسىرلەردىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 3– مەزگىلىدە قېزىلغانلىرى قىزىل غارلىرىنىڭ 4– مەزگىلىدىكىسى بىلەن ئوخشاش (3) شۇنىڭغا قارىغاندا، قۇمتۇرا غارلىرىنىڭ قېزىلىشى قىزىل غارلىرىدىن سەل كېيىنرەك تۇرسا كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قىز قالغان (قىزىل قاغا)دا 46 غار، سىمسىم بېزەكلىك غارلىدىن 52 غار، مازار باغدا 34 غار ساقلىنىپ قالغان.
مەلۇمكى، ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىدىن باشقا، ئەينى دەۋردە ئورخۇندىن كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغانىدى. بۇ خانلىقنىڭ دەۋر سۈرگەن ۋاقتى گەرچە ئىدىقۇت خانلىقىدىن قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئۇيغۇرلار قاتارىدا، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقانىدى.
دۇڭخۇاڭ مىڭ بۇددا ئۆيلىرى جايلاشقان رايون ئەنە شۇ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە بولۇپ، بۇ جايدىكى مىڭ بۇددا ئۆيلىرىنىڭ بىر قىسمى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن قېزىلغانىدى. بۇنداق غارلاردا گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان سۈرەتلەر، يەرلىك تېۋىنغۇچىلار سۈرەتلىرىمۇ ئورېگىناللىققا ئىگە ھالدا يارىتىلغان. مەزمۇن جەھەتتىن بۇلار ھەم ئىدىقۇت بۇددا مەدەنىيىتى تەركىبىگە مەنسۇپتۇر.
«مىڭ بۇددا ئۆيى» سەنئىتىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى باي بولۇپ، ئۇنىڭدا مىڭ بۇددا ئوبرازى ۋە بۇددالارنىڭ يارالمىشى ھەققىدىكى چۆچەكلەرنىڭ رەسىملەشتۈرۈشى خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنداق رەسىملەر كونكرېت ۋەقەلىكلەرنى ئاساس قىلغان چۆچەكلەرنىڭ تەسۋىرى كارتىنلىرى بولۇپ، بۇلاردا كۆپىنچە ئۇچار قانات، ھايۋاناتلار، جانلىقلار بىلەن بۇددالار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر سۈرەتلەنگەن (بېزەكلىك غار سۈرەتلىرىدە ئۇچار قانات ۋە ھايۋاناتلارنىڭ شۇ دەرىجىدە كۆپ بولۇشى بۇددىزم رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلغان بۇددا ئەۋلىياسى — ساكيامۇنىنىڭ «جېنى»نىڭ خىلمۇ خىل قۇش، ھايۋاناتلارنىڭ ۋە ھەر خىل ئادەملەرنىڭ تېنىدە «ساقلىنىدىغان»لىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر).
بۇددانىڭ يارالمىشى ھەققىدىكى رەسىملىك چۆچەكلەر ئەينى زاماندا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن بەزى ۋەقەلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭدا ھايات – ماماتلىق مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە دىنىي ئەقىدە ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن ئىككىلەنمەستىن تۇرۇپ ئۆزىنى قۇربان قىلىش، قېرىلارغا ھۆرمەت قىلىش، پەرزەنتلەرنى ئاسراش، ئەر – خوتۇنلار ئىناق ئۆتۈش، راھەت – پاراغەت، جاپا – مۇشەققەتتە ئورتاق بولۇش؛ باشقىلارغا نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇش، ئاداۋەت ساقلىماسلىق ۋە ئۆچ ئېلىشنى ئويلىماسلىق، كىشىلەرنى ئەقىل – ئىدراكلىق بولۇشقا، راست بىلەن يالغاننى پەرقلەندۈرۈشكە ئۈندەش؛ خان – ھاكىملار پۇقرالارغا، پۇقرالار خان – ھاكىملارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش قائىدىلىرى، خەلقنىڭ دىندارلارغا، دىندارلارنىڭ بۇدداغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھقا قانداق مۇئامىلە قىلىش پرىنسىپلىرى ... قاتارلىق جەھەتلەردىكى بۇددىم پەلسەپىسى سۆزلەنگەن (4).
مىڭ بۇددا ئۆي سەنئىتىدە خېلى ھەشەمەتلىك سىزىلغان بۇدساتۋا – ھاكىملارنىڭ رەسىملىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇددىزم نەزەرىيىسىدە بۇدداغا ئەڭ سادىق بولغان ئەھلى ئىلىملەر ۋە زاماننىڭ ئالىي مۆتىۋەرلىرى «بۇدساتۋا» (سانسكرېتچە مەنىسى: ئەۋلىيالىققا شەرت ھازىرلاۋاتقانلار) دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ «زېمىن ئىگىلىرى»نىڭ ئوبرازىنى ۋە ساخاۋەتچى، تېۋىنغۇچىلارنىڭ قىياپەتلىرى، قىسمەن يەرلىك تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملەرمۇ مىڭ بۇددا ئۆيى سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن باشقا، مىڭ بۇددا ئۆيى سەنئىتىدە يەنە دوزاق ۋە ئالۋاستىلارنىڭ تەسۋىرى سۈرەتلىرىمۇ نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ رەسىملەرگە سىڭدۈرۈلگەن مەزمۇنلار جەننەت ۋە تەڭرىلەرگە بېغىشلانغان مەزمۇنلارغا قارىمۇ قارشى قويۇلغان بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار ئارقىلىق كىشىلەرگە گۇناھدىن ساقىت بولۇش ئىبرەتلىرى چۈشەندۈرۈلگەنىدى.
قىسقىسى، بۇددا دىنى ئۆزىنىڭ غايىۋى سېھرىلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلىپ، بىر ھۆكۈمران ئىدىئولوگىيە سۈپىتىدە ئىجتىمائىي ئاڭدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى. بۇددىستلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي مەشغۇلاتلىرى ئۈچۈن ئىبادەتخانىلارنى ياسىسا، بۇددالار سىمۋولى ھېسابىدا مۇنارلارنى قاتۇرۇشتى. ئىستىقامەتگاھ قىلىش ۋە بۇددا تەلىماتلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەرغىپ قىلىش ئېھتىياجىدىن بېزەكلىك غارلارنى — مىڭ بۇددا ئۆيلىرىنى قازدى. ئىبادەتخانا ۋە مۇنار مۇرۇلۇشلىرىدا بۇددىستلارنىڭ مىمارچىلىق ھۈنەر – سەنئىتى نامايەندە قىلىنغان بولسا، مىڭ بۇددا ئۆيى ۋە بۇ مىڭ بۇددا ئۆيىدىكى بېزەكلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرى، دۇنيا قاراشلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش كارتىنلىرى، ھۈنەر – سەنئىتى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتى.
تام سۈرەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاساسلىق بۇددانىڭ يارالمىشىگە بېغىشلانغان چەچەكلەر ۋەقەلىكى مەزمۇن قىلىنغان. خۇسۇسىيەت يېقىدىن ۋە رەسىملەردىن بۇددىزم نەزەرىيىسى ۋە بۇددىزم پەلسەپىسى، قىسمەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ رېئال كۆرۈنۈشلىرى (ئەينى دەۋرگە خاس تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى) تەسۋىرلەنگەن.
مىڭ بۇددا ئۆيلىرىدىكى چاتما رەسىملەرنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، شەكلى ھەر خىل، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلارغا سىزىلغان جانلىق چاتما رەسىملەردىن — ئۇلارنىڭ تۈرلىرىدىن بىر پۈتۈن بۇددىزم دۇنياسىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
چاتما رەسىملەردىن ئاساسلىقى بۇددانىڭ يارالمىش سەۋەبلىرى — قىسسەلىرى كۆپ ئورۇن ئىگىلەيدۇ. بۇددا نەزەرىيىسىدە ساليامۇنىنىڭ جېنى ھەر خىل قۇش – پەرەندە، جان – جانۋارلارنىڭ ۋە ھەر خىل ئادەملەرنىڭ تېنىدە بولىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەچكە، مانا مۇشۇ تەقلىدتىكى سۈرەتلەرمۇ كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، ساكيامۇنىنىڭ كامالەتكە يېتىش يولىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن سۈرەتلەر يەنى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىگە ئائىت سۈرەتلەر ۋە ئازاب چېكىۋاتقان ئادەم، ھايۋان، قۇرت – قوڭغۇزلارغا دۇچ كەلگەن ھالەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى تەسىۋىرلەنگەن سۈرەتلەرمۇ بار.
بۇددا دىنىنىڭ ئاساسلىق ئەقىدىسى بولغان جانلىقلارغا ئازار يەتكەزمەسلىك، يامان ئىشلارنى قىلماسلىقتەك ئىجتىمائىي خاراكتېر ئالغان مەزمۇندىكى چۆچەك ۋەقەلىكلىرىمۇ رەسىملەشتۈرۈلگەن.
بۇددىزم تەرغىباتچىلىرى ئۆزىنىڭ ئەۋلىياسى ساكيامۇنىنىڭ ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش «ھاياتلىقنىڭ تەكرارلىشى» توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش نەزەرىيىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەدەبىياتتىن پايدىلانغان. ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان خەلق ئىچىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان چۆچەكلەردە ئېيتىلغان ياخشى كىشى، ياخشى ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بۇددىزم نەزەرىيىسىنى سىڭدۈرۈپ رەتلەپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن ساكيامۇنىنىڭ ئوبرازىنى گۈزەللەشتۈرگەن (5).
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇددىزم تەرغىباتىدا ساكيامۇنىنىڭ «جېنى» ھەر خىل جانۋار ۋە ھەر خىل تەبىقە ئادەملەر تېنىدە تۇرۇپ ئۆتكەن. شۇنىڭدەك، ساكيامۇنى نۇرغۇن قېتىم بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن ۋە ھەر قېتىم قايتا تۆرەلگەندە ھامان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇددىزم تەرغىباتىدا يامان ئىش قىلغۇچى ھامان تېگىشلىك جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. ساكيامۇنىنىڭ ھەر قېتىم دۇنياغا قايتا تۆرەلگەندە قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق بۇددىستلار كىشىلەرنى تەربىيلەپلا قالماي، بەلكى يەنە توغرا يول تۇتماي، يامان ئىش قىلىپ تېگىشلىك جازاغا ئۇچراش ھەققىدىكى چۆچەكلەر ۋەقەلىكلىرى ئارقىلىقمۇ كىشىلەرگە ئىبرەتلىك ساۋاقلارنى بېرىشكە تىرىشقان. مانا مۇنداق رەسىملىك چۆچەكلەرمۇ مىڭ بۇددا ئۆيلىرىدىكى چاتما رەسىملەردە مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلىگەن.
مىڭ بۇددا ئۆيلىرىدىكى چاتما رەسىملەردە، بۇددالارنىڭ يارالمىشى ھەققىدىكى چۆچەكلەر، ھەر خىل تەڭرىلەر، مىڭ بۇددالار، بۇددالارنىڭ نېرۋانغا يەتكەنلىكى، كەلگۈسى بۇددا ئەۋلىياسى مايترى بۇدداغا بېغىشلانغان سۈرەتلەر، ئەينى زامان بۇدساتۋالىرى — ھاكىملار، دوزاق تەسۋىرى ۋە ئالۋاستىلار، راھىب، ساخاۋەتچى، ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈرەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇنداق سۈرەتلەر ھەر خىل نەقىش، گۈللەر، سىزىق، چەمبەرلەر بىلەن تېخىمۇ گۈزەل، يارقىن ھەم سىرلىقلاشتۇرۇلغان. بۇ رەسىملەر ئىچىدە ساكيامۇنىنىڭ سۈرىتى بىلەن مايترىنىڭ سۈرىتى ئالاھىدە ماھارەت بىلەن سىزىلغان.
بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، بۇددا دىنىدىكى ئەنە شۇ مىڭلىغان بۇددالارنى ئوبرازلاشتۇرۇش ئېھتىياجى ھەيكەلتىراشلىق بىلەن رەسسامچىلىقنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تاكامۇللىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھال تەبىئىي يوسۇندا ھەيكەلتىراشلار ۋە رەسساملاردىن يۈكسەك بىلىم، ماھارەت ۋە ھۈنەر تەلەپ قىلاتتى. بۇددا رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇددا دىنىغا خاس بولغان تەڭرىلەرنىڭ شەكىل – قىياپىتى مۇقىم ئەمەس، ئۇلار بەزىدە ئادەم سىياقىغا، بەزىدە ھەر خىل ھايۋانات ياكى قۇش – پەرەندىلەر سىياقىغا كىرىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلارمىش. مانا بۇ ھال ئەينى دەۋر رەسساملىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدىكى ماھارەتنى تەلەپ قىلغان. رەسساملار ئۇلارنىڭ ئوبرازلىرىنى ياراتقاندا، ئۇلارنى ئەرمۇ ئەمەس، ئايالمۇ ئەمەس بىر خىل ئوتتۇرا جىنىسلىق مەۋجۇدات قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان. بولۇپمۇ بۇددىزم نەزەرىيلىرىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئوبرازلار خىيالىي، ئويدۇر ئوبرازلار بولغانلىقتىن، بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى رەسىملەشتۈرگەن ھەر قايسى خەلق رەسساملىرى ئۇنداق ئوبرازلارنىڭ پروتوتىپنى ئەلۋەتتە ئۆز خەلقى ئارىسىدىن، ئۆز مۇھىتىدىن ئالغان بولاتتى. مانا بۇ ھال مىڭ بۇددا ئۆيى رەسسامچىلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى بېزەك ئۆيلەرگە سىزغان رەسىملىرىدە مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلىپ، بۇددا مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، مىڭ بۇددا ئۆيى بېزەكچىلىكى، ھەيكەلتاراشلىقى ۋە رەسسامچىلىققا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تامغىسىنى باسماي قالمىدى. مەلۇمكى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت سەنئەنىسى، تۇرمۇش ئادىتى، ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرى، ئېستېتىك قارىشى ھەر بىر مىللەتنىڭ كونكرېت تۇرمۇش مەزمۇنىنىڭ ئوخشاشمايدىغان بەلگىلىرىنى يارىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنداق مىللىي ئالاھىدىلىك، ئەسەرگە نۇقۇل چاپلاپ قويۇلغان نەرسە بولماستىن، بەلكى رەسىم مەزمۇنىغا تەبىئىي يوسۇندا سىڭىشكەن بولىدۇ.
كۇچا ۋە ئىدىقۇت رايونىدىكى مىڭ بۇددا ئۆيلىرىدە يارىتىلغان ئوبرازلارغا (تەتقىقاتچىلار كۇچار ۋە ئىدىقۇت مىڭ بۇددا ئۆيلىرىنىڭ ياسىلىشىنى ۋە بېزەكلىنىشىنى بىر قانچە باسقۇچقا بۆلىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز ئەلۋەتتە ئاخىرقى باسقۇچ، يەنى 9 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 13– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىغىچە بولغان باسقۇچتۇر) ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى تۇرمۇش پۇرىقى، يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي ھېسسىيات ناھايىتى قويۇق سىڭگەن. بۇنداق ئالاھىدىلىكنى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان مىڭ بۇددا ئۆيى سەنئىتىدىن روشەن كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەينى دەۋر ئىبادەتخانىلىرى جۈملىدىن بېزەكلىك غار — مىڭ بۇددا ئۆيلىرى ئىلاھىي بىلىملەر (دىنىي بىلىملەر) بىلەن بىرگە مىدىتسىنا، تىل – ئەدەبىيات، تەرجىمانلىق، مۇزىكىچىلىق، ناخشا – قوشاقچىلىق، درامىچىلىق، مۇنەججىملىك بىلىملىرىنىڭمۇ ھەم سەنئەت كورژىكلىرى، مۇشاۋۇرلۇق، دىنىي ۋە ئاممىۋى مەدەنىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ مۇھىم مەركەزلىرى، شۇنىڭدەك پائالىيەت سورۇنلىرىدىن ھەم بولغانىدى.
دېمەك، بېزەكلىك ئۆي — مىڭ بۇددا ئۆيلىرىنىڭ ئەجدادلارنىڭ تارىخىي جەريانلاردىكى بىناكارلىق، سۇۋاق، ئويمىكارلىق، نەققاشلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، رەڭ – بوياقچىلىق قاتارلىق ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ مۇجەسسەم بىر ئابىدىسىدۇر.
–––––––––––––––––––––––––––––––
(1) ئېرپان توختىيېفنىڭ «مىڭ ئۆيلەرنىڭ ئارخېتىكتورىسى ۋە سەنئىتى» ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن. ئۆزبېك س. س. ر پەن نەشرىياتى، 1984– يىل، تاشكەنت نەشرى.
(2) مۇھەممەت ھاجى: «تۇرپاندىكى بۇددىزم يادىكارلىقلىرى»، «شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى» ژۇرنىلى، ئۇيغۇرچە، 1985– يىل 1– سانىغا قارالسۇن.
(3) يەن ۋېنرۇ: «تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بېزەكلىك غارلار»، «شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى» ژۇرنىلى، ئۇيغۇرچە، 1986– يىل 1– سان.
(4) مىڭ بۇددا ئۆيى رەسىملىرى ھەققىدىكى قىسمەن پىكىرلەر قۇربان ۋەلىنىڭ «قىزىل مىڭئۆيى رەسىملىرى ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابىدىن پايدىلانغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
(5) قۇربان ۋەلى يازغان «قىزىل مىڭئۆيى رەسىملىرى ھېكايىلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ 43 – بېتىگە قارالسۇن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985– يىل نەشرى.
================================
مەنبە: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، ئىسمائىل تۆمۈرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى