«بەشتام» پىچان ناھىيىسىنىڭ دالانكارىز يېزىسىنىڭ بەشتام مەھەللە كومىتېتىنىڭ نامى ۋە بەشتام كارىزنىڭ نامى. بەشتام مەھەللە كومىتېتىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى جىگەدە كارىز. ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە «بەشتام دادۈي» بەشتام كارىزنىڭ باش تەرىپىگە قۇرۇلغاندىن كېيىن شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
شىنجاڭدا «بەش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېزا – بازار، مەھەللە، كارىز نامىلىرىدىن خېلى بار، ئەمما بۇ «بەش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەر – ناملارنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى بىردەك بولماستىن ھەر خىل يېزىلىپ كېلىنمەكتە. مەسىلەن: يېزا – بازارلاردىن، بەشكېرەم يېزىسى (伯什克然木乡)، بەشكەنت بازىرى (白什坎特镇)، بەشتۆپە يېزىسى(别斯托别乡)، بەشتۈگمەن يېزىسى (拜什吐格曼乡)، بەشئېرىق يېزىسى (伯西热克乡،伯什力克乡)، بەشتوغراق يېزىسى (拜什托格拉克乡)، بەشكەنت بازىرى (白什坎特镇)، كەنتلەردىن : بەشتام كەنتى (拜什塔木村)، بەش قۇدۇق (拜什库都克村)، بەشقورغان ( 拜什库尔干村) .... قاتارلىقلار بولۇپ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يەر – ناملار بەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، بەشتام كارىز (拜什塔木坎儿井)، بەشبالاكارىزى (拜什巴拉坎儿井)، بەشقات (拜什咯特)، بەش بۇلاق (拜什布拉克) ... دېگەندەك. «بەش» بىلەن باشلانغان بۇ يەر ناملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ھەممىسىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ئاھاڭ بويىچە يېزىلغان.
بۇ «بەش» بىلەن باشلانغان ياكى «بەش»كە مۇناسىۋەتلىك بۇ يەرناملارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەنسى بار.
«بەش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ جايلاردىن «بەشتام» بىلەن «بەشكېرەم» تەركىبىدىكى «بەش»نى «بېھىش» تىن كەلگەن، دېگەن قاراشلا مەۋجۇت. مەن تۆۋەندە ئۆزەمگە بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغان «بەشتام» ئاتالغۇسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمەن. «بەشتام» دېگەن سۆز «بەشتام كەنت» بولۇپ كېلىدىغان كەنت شىنجاڭنىڭ پىچان ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، پەزىۋات ناھىيىسىدە بار.(1) بىراق، پىچان ناھىيىسىدىكى «بەشتام» ئاتالغۇسى «كارىز» بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەن تۆۋەندە پىچان ناھىيىسى دالانكارىز يېزىسىدىكى «بەشتام» ھەققىدە تۇختىلىمەن.
بەشتامكارىزى ھەققىدە «پىچان ناھىيىسىنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» دەپ «بۇ كارىزنى مامونىخان قازغان بولۇپ، كارىز قېشىدا بىر سوقما تام بوغىنى ئۈچۈن «بەشتام» دەپ ئاتالغان، كېيىن «بەشتام»غا ئۆزگەرتىپ كارىز نامى شۇ نام بىلەن ئاتالغان» دېيىلگەن. (2)
«بەشتام» يەككە ئاتالغان بىلەن ئۇ بىر كارىزنىڭ نامى يەنى «بەشتامكارىزى» دېگەن سۆزنىڭ «كارىزى» چۈشۈپ قالغان. بۇ نورمال ئەھۋال. «بەشتام» ھەققىدە بىر نەچچە خىل قاراش بار.
بىرىنچى خىل قاراش: بەشتامنىڭ يېرى شۇرلۇقراق ۋە بەشتام كارىزنىڭ سۈيىمۇ سەل تۇزلۇق بولغاچقا بۇ يەرگە تېرىلغان قوغۇن – تاۋۇزلارنىڭ تەمى ئالاھىدە تەملىك بولغاچقا ھاساچىلار (ھاسا — شەھەرى جاڭگىلىدىن ئوتۇن تۇشۇغۇچىلار. ھاسا شەھەرى بەشتام كارىزنىڭ تەخمىنەن 12 كىلومېتىر غەربىدە) جاڭگالدىن ھېرىپ، ئۇسساپ كەلگەندە بۇ كارىزنىڭ قوغۇن – تاۋۇزىنى يەپ «بۇ قۇغۇنلاردا بېھىشنىڭ تەمى بار ئىكەن» دېيىشكەن، «بەشتام» دېگەن نام شۇ «بېھىش» سۆزدىن كەلگەن، دەيدۇ. بۇ خىل قاراش بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردىمۇ شۇنداق ئاتالدى.
ئىككىنچى خىل قاراش: بەشتامكارىزنىڭ شىمالىدا تاشقىن ئېرىقى (مۈرەن) بار ۋە بەشتامنىڭ ئورنى نىسبەتەن تۆۋەن (ئايدىڭكۆلدىن سەل ئېگىز)، يېرى زەيرەك بولغاچقا، بۇ يەرگە سالغان ئۆيلەر نەچچە يىلغا بارمايلا تاملىرى چاك كېتىپ بۇنىڭغا يۆلەپ تامنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تامنى يۆلەپ تۇرىدىغان «مۇداپىئە» تېمى سالغان. بۇنى كىشىلەر «ئۆي دېگەننىڭ تۆت تېمى بولىدۇ، بۇ يەرلىكلەرنىڭ ئۆيىنىڭ تېمى «بەش ئىكەن» دېيىشكەن» شۇنىڭ بىلەن «بەش تام» دەپ ئاتالغان» دېگەن قاراش.
ئۈچىنچى خىل قاراش: بەشتام كارىزنىڭ ئايىغىدا كەڭ كەتكەن ھاسا شەھەر جاڭگىلى بولۇپ، بۇ جاڭگالدا پىچان ناھيىسىنىڭ تاغ ئاستى رايونىدىكى پادىلار بېقىلىدۇ. كىشلەر كالا، تۆگە ... قاتارلىق مال – چارۋىلىرىنى بېقىش جەريانىدا جاڭگالنىڭ ئوت – چۆپى بۇلۇق، سۈيى مول يەرلىرىگە قوتان (جاڭزا)لارنى سالغان. بۇ قوتانلار سوقما تام بولۇپ ئوتۇنچىلارنىڭ تومۇز ئىسسىقتا سايىدىشىغا ۋە يولنىڭ بەلگىسى قىلىپ «ئەڭ بېشىدىكى تام، ئارا تام، ئاياق تام ... دېگەندەك ئاتاپ كەلگەن»، بەشتام شۇ تاملارنىڭ «باش تېمى» بولغاچقا «بەشتام»نى «باش تام» دىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.
تۆتىنچى خىل قاراش: يەرنىڭ زەيلىكى ۋە سۇ، ئوت قوغلۇشۇپ قوتانلارنىڭ يۆتكۈلىشى بىلەن بۇرۇنقى قوتانلار تاشلىنىپ كېتىپ ھازىرقى بەشتامكارىزنىڭ ئەتراپىدا بەش سوقما تام قالغان ئىكەن. ھاسا شەھەر جاڭگىدىن ئوتۇن توشۇيدىغان ئوتۇنچىلار «بەش تامدا ئوچۇرۇشايلى، بەش تامدا ساقلاپ تۇر...» دېگەن سۆزلەرنى كۆپ قىلىشىدىكەن. كېيىن لۈكچۈن ۋاڭى بۇ يەرگە بىر كارىز چېپىشقا يەر خېتى بەرگەن ئىكەن. كارىز ئىگىسى «بەش تام» نىڭ يېنىغا كارىز چاپتىم» دەپ يۈرگەن. كىشىلەر بۇ كارىزغا شۇ «بەش تام» نىڭ نامى بىلەن «بەشتام كارىز» دەپ ئاتىغان، دەپ قارايدۇ.
يوقىرىقى تۆت خىل قاراشتىن زادى قايسىسى «بەشتام» ئاتالغۇسىغا ماس كېلىدۇ؟ بىرىنچى خىل قاراشنىڭ ئاساسى يوق. گەرچە بۇ بەشتامنىڭ قوغۇن – تاۋۇزى تاتلىق بولغان بىلەن «بەش» سۆزى بىلەن «بېھىش» سۆزى بولۇپ قىلىشى ئۇيغۇر تىلىغا ئۇيغۇن ئەمەس. چۈنكى سۆز بېشىدا كەلگەن «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى قۇشۇمچىلارنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن «ئې، ئى»غا ئاجىزلىشىدۇ. سۆز بېشىدا كەلگەن «ئې، ئى» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئا، ئە»گە ئاجىزلىشىشى كۆرۈلمەيدۇ. تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا كەلسەك ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە ئورۇن ئالمىشىىش كۆرۈلسىمۇ ئىككى يېنىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن بىراقلا چۈشۈپ قېلىشى كۆرۈلمەيدۇ.
ئىككىنچى خىل قاراشنىڭمۇ ئاساسى يوق. چۈنكى ئادەتتە زەيكەشرەك يەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ تېمىغا تىرەك قاتارىدا قۇپۇرۇلىدىغان تام ئادەتتىكى تاملاردەك پۈتۈن بولماي بەلكى يېرىم ئۈستى تار ئاستى كەڭ قۇپۇرۇلىدۇ. ئۇنى پىچان شىۋىسىدە «غۇجىتام» دەپ ئاتايدۇ. ھەم «غۇجىتام»نى ئۆينىڭ ئىككى، ئۈچ تېمىغا قۇيۇشىمۇ مۈمكىن.
ئۈچۈنچى خىل قاراشنىڭ ئاساسى باردەك قىلغان بىلەن بۇ خىل قاراشمۇ ئەمەليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىدا بىر بوغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدە «ئا» تاۋۇشى «ئې»غا ئاجىزلىشىش پەقەت شۇ سۆزنىڭ كەينىگە «ئې، ئى» تاۋۇشىدىن باشلانغان قۇشۇمچە قۇشۇلسا ئاندىن ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن، بۇ يەردىكى «بېھىش» سۆزىنىڭ «باش»قا ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش، قۇشۇلۇپ قېلىش قانونىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. «ئېھى» دىن ئىبارەت ئۈچ تاۋۇشنىڭ بىر «ئا» تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس. بىر بوغۇملۇق سۆز «باش»نىڭ تەركىبىدىكى «ئا»نىڭ «ئى» ئاجىزلىشى مۈمكىن ئەمەس چۈنكى، «بەش»نىڭ كەينىدىكى ئۇلانغا سۆز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان «تام» سۆزىدۇر.
پەقەت تۆتىنچى خىل قاراشلا ئەمەلىيەتكەن ئۇيغۇن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – نام ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنىڭ نامى ۋە سانىغا قاراپ قويغان ناملار يوقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك كۆپ ئۇچرايدۇ. تۇرپان ۋىلايىتىدىكى كارىز ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق بۇ خىل نام بېرىش كۆپ ئۇچرايدۇ. «بەش» ساناق سان تارىختىن بويان ئۆزگەرمەي ساقلانغان سۆز. دۇنيا سېلىشتۇرما تېلىشۇناسلىق ئاتىسى، دونيا لۇغەتچىلىكنىڭ ئاساسچىسى ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ 3 – توم 172– بېتىدە «بەش [بەخ]، ساناقتا بەش سانى» (3) دەپ ئىزاھلىغان. گەرچە پىچان شىۋىسىدە (لۈكچۈن رايونىدا) «تەم» سۆزى «تام» دېيىلسىمۇ «بەش» نىڭ «بېھىش»قا ئۆزگىرىشى مۈمكىن ئەمەس. (يوقىرىدا بۇ ھەقتە توختالمىدىم.) شۇڭا بۇ يۇرت نامىنى قانداقتۇ «بېھىش تەم» دېگەندەك ئاساسسىز ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىماي ئۆز پىتىچە «بەش تام» دەپ تەبىر بېرىشىمىز ۋە شۇنداق ئاتىشىمىز كېرەك.
–––––––––––––––––––––––––––––––
(1) «خەنزوچە – ئۇيغۇرچە شىنجاڭ يەرناملىرى لۇغىتى» 69– بەت.
(2) «پىچان ناھىيىسىنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 276 – بەت.
(3) «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ 3 – توم 172 – بەت.
================================
مەنبە: ئاپتورى پەرھات كازىم