كۆجەي قەدىمىي قەبرىستانلىقى توخسۇن ناھىيىسىنىڭ كۆجەي بازىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، مەھەللە بىلەن ئارىلىقى تەخمىنەن 1 كىلومېتىر كېلىدۇ. توخسۇن ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 64 كىلومېتىر كېلىدۇ.
قەبرىستانلىق كۆجەي بازىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 1 كىلومېتىر كېلىدىغان جىلغىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى سايلىقتا. توخسۇن – كۆجەي تاشيولىمۇ قەبرىستانلىقنىڭ سول تەرىپىدە ئۆتىدۇ. قەبرىستانلىقنىڭ شەرقىي، شىمالىي، جەنۇبىي تەرەپلىرىدە ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى بار. شىمالىي تەرىپىگە 3 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى كۆجەي بېكىتى بار. خارابىلىكنىڭ يۈزىنى قۇم – شېغىللار كۆمۈپ كەتكەن. سايلىقتا قۇرۇپ كەتكەن چۆل ئۆسۈملۈكلىرى بار.
كۆجەي قەدىمىي قەبرىستانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 30 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
كۆجەي قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىلەر بۇزۇۋېتىلگەن. لەھەتلەر ناھايىتى تېيىز، يەر يۈزىدىن پەقەت 0.50–0.60 مېتىرلا كولانغان. قەبرىستانلىق خارابىلىكىدە كۆپ ساندىكى قېزىپ كېتىلگەن، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەبرىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق قەبرىلەر قەبرىستانلىقنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. قەبرىستانلىقتا ساپال پارچىلىرىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.
كۆجەي قەدىمىي قەبرىستانلىقى 1988– يىل 3 – ئايدا توخسۇن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈپ خاتىرە يېزىلغان ھەم بۇ قەبرىستانلىقتىن بىر قىسىم ئەۋرىشكىلەرنى يىغىۋالغان.
كۆجەي قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا ئويۇلغان لەھەتلەر تىك قۇرۇقلۇق، توپا لەھەتلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى قەبرىلەر تاش بىلەن ھالقا ئىچىگە ئېلىنغان. لەھەتلەرنىڭ ھەممىسىلا ناھايىتى تېيىز. يەر يۈزىدىن يىغىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەممىسىلا ساپال پۇچۇقلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل ساپاللار بار. قاچا شەكىللىرى ئاساسەن تېگى تۈز ۋە تېگى يۇمىلاق ئىككى خىل شەكلى بار. قاچىلارغا تاسما شەكىللىك كەڭ قۇلاق چىقىرىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە توغرىسىغا قۇلاق قويۇلغانلىرىمۇ بار. رەڭ بېرىلگەن ساپال پارچىلىرىمۇ تېپىلدى. ئۇلارغا قىزىل رەڭ يالىتىلىپ، قارا رەڭ بېرىلگەن. گۈل نۇسخىلىرىدىن تەتۈر ئۈچ بۈرجەك ۋە باشقا شەكىللىرى بار.
كۆجەي قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن، ســاپال پۇچــۇقى ۋە تـــاش قــوراللاردىـــن بـىر قىـسىــم ئـەۋرىشكىلــــەر يىغىۋېلىـــنغــان. ئەۋرىشكىلەرگە بېرىلگەن نومۇرلار: «88TKXC:1.2.3.4.5.6.7.8.910».
كۆجەي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تۇرپان، پىچان، توخسۇن، ئالغۇي قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان رەڭدار ساپال مەدەنىيىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. دېمەك، بۇلار بىر خىل مەدەنىيەت شەكلىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، مەدەنىيەت خاراكـتېرىمـۇ ئــوخشىشىپ كېتــىدۇ. بۇ قەبرىستــانلىقنىڭ دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅣـⅡ ئەسىر (يېغىلىق دەۋرىدىن خەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە)لەرگە تەۋە دەپ قارالماقتا.
1980– يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنى بىر نۆۋەت ئەمەلىي تەكشۈرگەن. خاتىرىگە ئېلىپ ئارخىپىنى تۇرغۇزغان.
================================
مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى